يوشۇۋا 20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىپاناھلىنىدىغان شەھەرلەر 1 پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: 2 _ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، مەن مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق ساڭا ئەمر قىلغىنىمدەك، ئۇلار پاناھلىنىدىغان شەھەرلەرنى بېكىتىپ چىقسۇن. 3 ھەرقانداق بىر كىشى بىراۋنى بىخەستەلىك قىلىپ، مەقسەتسىز ھالدا ئۆلتۈرۈپ قويسا، ئۇ شۇ شەھەرلەرنىڭ بىرىگە قېچىپ بېرىپ، پاناھلانسا بولىدۇ. ئۇ بۇ شەھەردە ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ قىساس ئېلىشىدىن ئۆزىنى ساقلاپ قالالايدۇ. 4 لېكىن ئۇ كىشى شۇ شەھەرلەرنىڭ بىرىگە قېچىپ بېرىپ پاناھلانماقچى بولغاندا، شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرۇپ، بۇ شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىغا ئۆز قىلمىشىنى بايان قىلسۇن. ئۇلار چوقۇم ئۇ كىشىنى شەھەرگە كىرىشكە يول قويسۇن ۋە ئۇنىڭغا شۇ شەھەردىن تۇرىدىغان جاي كۆرسىتىپ بەرسۇن. 5 ئەگەر ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقانلىرى قىساس ئېلىش ئۈچۈن قوغلاپ كەلسە، ئاقساقاللار ھەرگىزمۇ ئۆلتۈرگۈچىنى ئۇلارغا چىقىرىپ بەرمىسۇن. چۈنكى ئۆلتۈرگۈچى ئۆلگۈچىنى قەستەن ئۆلتۈرمىگەن، شۇنداقلا بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن ئاداۋىتىمۇ بولمىغان. 6 ئەمما ئۆلتۈرگۈچى جامائەت ئالدىدا سوراق قىلىنىپ، ئۇنىڭغا ھۆكۈم چىقىرىلغۇچە، شۇ يەردە تۇرسۇن. ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىتتىكى باش روھانىي ئۆلۈپ كەتكۈچە ئۆلتۈرگۈچى چوقۇم شۇ شەھەردە تۇرسۇن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆلتۈرگۈچى ئەركىن بولۇپ، ئۆزى قېچىپ كەلگەن شەھەرگە قايتسا بولىدۇ. 7 نافتالى قەبىلىسىگە قاراشلىق تاغلىق رايوندىكى جەلىلىيەگە جايلاشقان قەدەش شەھىرى، ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ تاغلىق رايونىدىكى شەكەم شەھىرى، يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ تاغلىق رايونىدىكى قىريات-ئاربا، يەنى ھىبرون شەھىرى قاتارلىق شەھەرلەر پاناھلىنىش ئۈچۈن بېكىتىلگەن شەھەرلەردۇر. 8 ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى، يەنى ئېرىخا شەھىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى رۇبېن قەبىلىسىگە قاراشلىق ئېگىزلىكتىكى چۆللۈككە جايلاشقان بەزەر شەھىرى، گاد قەبىلىسىنىڭ زېمىنىغا جايلاشقان گىلئادتىكى راموت شەھىرى، ماناسسە قەبىلىسىنىڭ زېمىنىغا جايلاشقان باشان رايونىدىكى گولان شەھىرى قاتارلىق شەھەرلەر پاناھلىنىش ئۈچۈن بېكىتىلگەن شەھەرلەردۇر. 9 بۇ شەھەرلەر بارلىق ئىسرائىللار ۋە شۇ زېمىندا ياشاۋاتقان يات خەلقلەر ئۈچۈن پاناھلىنىدىغان شەھەرلەر قىلىپ بېكىتىلگەن. ھەرقانداق بىر كىشى بىراۋنى بىخەستەلىك قىلىپ، مەقسەتسىز ھالدا ئۆلتۈرۈپ قويسا، شۇ شەھەرلەرنىڭ بىرىگە قېچىپ بېرىپ پاناھلانسا بولىدۇ. ئۇلار بۇ ئارقىلىق جامائەت ئالدىدا سوراق قىلىنىشتىن بۇرۇن، ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ قىساس ئېلىشىدىن ساقلىنالايدۇ. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti