Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

يوشۇۋا 2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


يوشۇۋانىڭ ئېرىخاغا چارلىغۇچىلارنى ئەۋەتىشى

1 نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ئۆز خەلقىنىڭ شىتتىمدىكى قارارگاھىدىن ئىككى چارلىغۇچىنى كەنئان زېمىنىغا يوشۇرۇن ئەۋەتمەكچى بولۇپ، ئۇلارغا بۇيرۇق قىلىپ، مۇنداق دېدى: _ سىلەر بېرىپ كەنئان زېمىنىنى، بولۇپمۇ ئېرىخا شەھىرىنى چارلاپ كېلىڭلار. ئۇلار ئۇ يەرگە يېتىپ بېرىپ، راھاب ئىسىملىك بىر پاھىشە ئايالنىڭ ئۆيىگە چۈشۈپ، شۇ يەردە تۈنەپ قالدى.

2 ئېرىخا شەھىرىنىڭ پادىشاھى ئىسرائىللارنىڭ بۇ زېمىننى چارلاشقا كەلگەن چارلىغۇچىلىرىنىڭ راھابنىڭ ئۆيىگە چۈشكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ،

3 ئۇنىڭغا ئادەم ئەۋەتىپ: _ ئۆيۈڭگە كەلگەنلەرنى چىقىرىپ بەر! ئۇلار زېمىنىمىزنى چارلاش ئۈچۈن كەلگەنلەردۇر، _ دېدى.

4 ئەمما راھاب ئۇ ئىككىسىنى ئاللىقاچان يوشۇرۇپ قويغانىدى. ئۇ پادىشاھ ئەۋەتكەن ئادەملەرگە: _ شۇنداق، ئىككى ئادەمنىڭ كەلگەنلىكى راست، ئەمما ئۇلارنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىدىن خەۋىرىم يوق.

5 گۇگۇم چۈشۈپ، شەھەر دەرۋازىسى تاقىلىدىغان چاغدا، ئۇ ئىككىسى چىقىپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىنى بىلمەيمەن. سىلەر دەرھال قوغلىساڭلار، چوقۇم يېتىشىۋالىسىلەر، _ دېدى.

6 (ئەمەلىيەتتە، راھاب ئۇلارنى ئاللىقاچان ئۆگزىدىكى دۆۋىلەپ قويۇلغان زىغىر پاخىلىغا يوشۇرۇپ قويغانىدى.)

7 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئەۋەتكەن ئادەملەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكىگە بارىدىغان يولدا ئۇلارنى قوغلىدى. قوغلاپ كەلگەنلەر شەھەردىن چىقىشى بىلەنلا، شەھەر دەرۋازىسى تاقالدى.

8 ئىككى چارلىغۇچى ئۇخلاشتىن بۇرۇن، راھاب ئۆگزىگە چىقىپ،

9 ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ مەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇ زېمىننى سىلەرگە ئاتا قىلغانلىقىنى بىلىمەن. سىلەر بىزنى بەكلا قورقۇتۇۋەتتىڭلار. بۇ زېمىندىكى بارلىق خەلق سىلەردىن قورقۇپ، يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ كەتتى.

10 سىلەر مىسىردىن چىققاندا پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە قىزىل دېڭىزنى يېرىپ، قۇرۇتۇپ بەرگەنلىكىدىن بىزنىڭ خەۋىرىمىز بار، يەنە سىلەرنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى ئامورلارنىڭ سىخون ۋە ئوگ دېگەن ئىككى پادىشاھىنى ۋە پۇقرالىرىنى تەلتۆكۈس يوقاتقانلىقىڭلاردىنمۇ خەۋەردارمىز.

11 بىز بۇلارنى ئاڭلىغان ھامان قورقۇپ، جاسارىتىمىز يوقالدى. چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا پۈتۈن ئالەمنىڭ خۇداسىدۇر.

12-13 مەن سىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلدىم. شۇڭا ھازىر سىلەر مېنىڭ جەمەتىمگە چېقىلماسلىققا پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم بەرسەڭلار. مېنىڭ ئاتا-ئانام، ئاكا-ئۇكىلىرىم، ئاچا-سىڭىللىرىم ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ، ئۇلارنى ئۆلۈمدىن ساقلاپ قېلىشقا كاپالەت بەرسەڭلار.

14 ئۇ ئىككى چارلىغۇچى قەسەم بېرىپ مۇنداق دېدى: _ ئەگەر سەن بىزنى ئاشكارىلاپ قويمىساڭلا، پەرۋەردىگار بىزگە ئاتا قىلغان بۇ زېمىن قولىمىزغا ئۆتكەن ھامان بىز ساڭا بەرگەن ۋەدىمىزدە تۇرۇپ، مېھرىبانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز. ئەگەر بىز ۋەدىمىزدە تۇرمىساق، پەرۋەردىگار بىزنىڭ جېنىمىزنى ئالسۇن.

15 سېپىل راھابنىڭ ئۆيىنىڭ پاسىل تېمى بولغاچقا، ئۇ ئارغامچا بىلەن ئۇ ئىككىسىنى دېرىزىدىن تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ قويۇپ،

16 ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ تاغ ئىچىگە كىرىپ كەتسەڭلار، قوغلاۋاتقانلار سىلەرنى تاپالمايدۇ. سىلەر شۇ يەردە ئۈچ كۈن يوشۇرۇنۇپ تۇرۇڭلار. ئۇلار شەھەرگە قايتقاندىن كېيىن، ئاندىن يولغا چىقىڭلار.

17 ئۇ ئىككىسى مېڭىش ئالدىدا راھابقا: _ سەن چوقۇم بىز دېگەندەك قىلغىن، بولمىسا بىز ساڭا بەرگەن قەسىمىمىزگە ئىگە بولمايمىز.

18 بىز بۇ يەرگە قايتا كەلگەندە، سەن چوقۇم بۇ قىزىل ئارغامچىنى بىزنى چۈشۈرۈپ قويغان دېرىزىگە باغلاپ قويغىن. سەن ئاتا-ئاناڭ، ئاكا-ئۇكىلىرىڭ ۋە بارلىق ئائىلە ئەزالىرىڭنى ئۆز ئۆيۈڭگە جەم قىلغىن.

19 ئەگەر كىم بۇ ئۆيدىن ئايرىلىپ، جېنىدىن جۇدا بولسا، ئۇ ئۆزىنىڭ شورىدۇر، بىز ئۇنىڭغا ئىگە بولالمايمىز. ئەگەر سېنىڭ ئۆيۈڭدە بىرەرسىگە قول تەگكۈزۈپ قالسا، بۇنىڭغا بىز ئەيىبكار.

20 لېكىن بىز توغرۇلۇق بىرەرسىگە ئېغىز ئاچساڭ، ئۇنداقتا بىز قىلغان قەسەمدىن خالاس بولىمىز، _ دېدى.

21 راھاب: _ بولىدۇ، سىلەر دېگەندەك بولسۇن! _ دېدى. راھاب ئۇلارنى يولغا سېلىپ قويغاندىن كېيىن، قىزىل ئارغامچىنى دېرىزىگە باغلاپ قويدى.

22 بۇ ئىككى چارلىغۇچى تاغقا چىقىپ يوشۇرۇنۇۋالدى. قوغلىغۇچىلار ئۇلارنى يول بويى ئۈچ كۈن ئىزدەپ تاپالماي، ئېرىخا شەھىرىگە قايتىپ كەلدى.

23 شۇنىڭ بىلەن چارلىغۇچىلار تاغدىن چۈشۈپ، دەريادىن ئۆتۈپ نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا بىلەن كۆرۈشۈپ، بېشىدىن ئۆتكەن ھەممە ئىشلارنى مەلۇم قىلدى.

24 ئۇلار: _ پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن پۈتكۈل زېمىننى بىزگە ئاتا قىلىپتۇ. ئۇ يەردىكى ئادەملەر قورققىنىدىن يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ كېتىپتۇ! _ دېدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan