يوشۇۋا 19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىشىمون قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنلار 1 ئىككىنچى چەك شىمون قەبىلىسىگە چىقتى. ئۇلارغا جەمەتلىرى بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىن، يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ زېمىنى ئىچىدىدۇر. 2 بۇ زېمىندا بەئەرشەبا، مولادا، 3 خازار-شۇئال، بالاھ، ئەزەم، 4 ئەلتولاد، بىتۇل، خۇرماھ، 5 زىقلاق، بەيت-ماركابوت، خازار-سۇساھ، 6 بەيت-لىبائوت ۋە شارۇخەن قاتارلىق 13 شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە. 7 شىمون قەبىلىسى ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئايىن، رىممون، ئەتەر ۋە ئاشان قاتارلىق تۆت شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارغا ئىگە بولدى. 8 بۇ زېمىن يەنە بائالات-بىئېر، يەنى نەگېب چۆللۈكىدىكى راماھ شەھىرىگىچە بولغان بارلىق شەھەر ۋە يېزىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ زېمىنلار شىمون قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلدى. 9 يوشۇۋا يەھۇدا قەبىلىسىگە ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىدىنمۇ ئارتۇق زېمىن تەقسىم قىلىپ بەرگەنىدى، شۇڭا يەھۇدا قەبىلىسى شىمون قەبىلىسىگە ئۆز زېمىنىدىن يەر ئاجرىتىپ بەردى. زەبۇلۇن قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنلار 10 ئۈچىنچى چەك زەبۇلۇن قەبىلىسىگە چىقتى. ئۇلارغا جەمەتلىرى بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىننىڭ پاسىلى سارىد شەھىرىدىن باشىلىنىپ، 11 غەربكە سوزۇلۇپ، مارئالا شەھىرىدىن ئۆتۈپ، داببەشەت شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن يوقنىئام شەھىرىنىڭ يېنىدىكى جىلغىغىچە تۇتىشىدۇ. 12 قارشى تەرەپتە سارىد شەھىرىدىن شەرقىي تەرەپكە سوزۇلۇپ، كىسلوت-تابور شەھىرىنىڭ پاسىلىغا بېرىپ، ئۇ يەردىن دابىرات شەھىرىگىچە سوزۇلۇپ، يەنە يۇقىرىلاپ يافىيا شەھىرىگە تۇتىشىدۇ. 13 ئاندىن شەرققە داۋاملىشىپ گاتخېفەر شەھىرى، ئېتقازىن شەھىرى ۋە رىممون شەھەرلىرىدىن ئۆتۈپ، نېئاھ شەھىرىگە بۇرۇلىدۇ. 14 زەبۇلۇنلارنىڭ شىمالىي پاسىلى خانناتون شەھىرىدىن ئۆتۈپ، يىفتاخئېل جىلغىسىدا ئاخىرلىشىدۇ. 15 ئۇلارنىڭ زېمىنى جەمئىي 12 شەھەر بولۇپ، قاتتات، ناخالال، شىمرون، يىدئالا ۋە بەيتلەھەم شەھەرلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. 16 مانا بۇ شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار زەبۇلۇن قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردۇر. ئىسساكار قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنلار 17 تۆتىنچى چەك ئىسساكار قەبىلىسىگە چىقتى. ئۇلارغا جەمەتلىرى بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىن تۆۋەندىكى شەھەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 18 يىزرىئەل، كىسۇللوت، شۇنېم، 19 خافارايىم، شىئون، ئاناخارات، 20 راببىت، قىشيون، ئەبەز، 21 رەمەت، ئېنگاننىم، ئېنخاددا ۋە بەيت-پاززېز. 22 ئۇلارنىڭ زېمىنى تابور، شاخازىما ۋە بەيت-شەمەش شەھەرلىرىگە تۇتىشىپ، ئىئوردان دەرياسىدا ئاخىرلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ زېمىنى 16 شەھەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە. 23 ئىسساكار قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلار يۇقىرىدىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق يېزىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاشېر قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنلار 24-25 بەشىنچى چەك ئاشېر قەبىلىسىگە چىقتى. ئۇلارغا جەمەتلىرى بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىن تۆۋەندىكى شەھەرلەرنى، يەنى خەلقات، خالى، بەتەن، ئاكشاف، 26 ئاللاممەلەك، ئاماد ۋە مىشئال قاتارلىق شەھەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ غەربىي پاسىلى كارمەل تېغى ۋە شىخور-لىبنات شەھىرىگە تۇتىشىدۇ. 27 كېيىن يەنە شەرققە بۇرۇلۇپ، بەيت-داگون شەھىرىگە سۇزۇلۇپ، زەبۇلۇن قەبىلىسىدىكى يىفتاخئېل جىلغىسىغىچە بارىدۇ. ئۇ يەردىن شىمالغا بۇرۇلۇپ، بەيت-ئېمەق ۋە نىئىئەل شەھەرلىرىگىچە بېرىپ، ئۇ يەردىن داۋاملىق شىمالغا ئىلگىرىلەپ، قابۇل، 28 ئەبرون، رىخوب، خاممون، قاناھ شەھىرىگە بېرىپ ۋە تېخىمۇ يىراقلاپ ئۇدۇل بۈيۈك سىدون شەھىرىگە تۇتىشىدۇ. 29 بۇ پاسىل يەنە راماھ شەھىرى ۋە سېپىللىرى مۇستەھكەم تىر شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن يەنە خوساھ شەھىرىگە بۇرۇلۇپ، ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى ماخالاب ۋە ئاكزىب شەھىرىگە يېقىن رايونلارغا بارىدۇ. 30 ئۇلارنىڭ زېمىنىدا ئۇمماھ، ئافېق ۋە رىخوب قاتارلىق 22 شەھەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. 31 مانا بۇ شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار ئاشېر قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردۇر. نافتالى قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنلار 32-33 ئالتىنچى چەك نافتالى قەبىلىسىگە چىقتى. ئۇلارغا جەمەتلىرى بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىننىڭ شىمالىي پاسىلى، خېلەف شەھىرىنىڭ زائاناننىم دېگەن يەرنىڭ يېنىدىكى دۇپ دەرىخىدىن باشلىنىپ، ئادامى-نەكەب، يابنىئېل ۋە تېخىمۇ يىراقلاپ بېرىپ لاققۇم شەھەرلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئىئوردان دەرياسىدا ئاخىرلىشىدۇ. 34 غەربىي پاسىلى ئازنوت-تابور شەھىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ، خۇقوق شەھىرىگە بارىدۇ. بۇ پاسىلنىڭ جەنۇب تەرىپى زەبۇلۇن قەبىلىسىگە، غەرب تەرىپى ئاشېر قەبىلىسىگە، شەرق تەرىپى ئىئوردان دەرياسىغا تۇتىشىدۇ. 35 ئۇلارنىڭ زېمىنىدا مۇستەھكەم شەھەرلەردىن تۆۋەندىكىلەر بار: زىددىم، زېر، خاممات، راققات، كىننەرەت، 36 ئاداما، راماھ، خازور، 37 قەدەش، ئەدرەئى، ئېنخازور، 38 يىرئون، مىگدالئېل، خورېم، بەيت-ئانات ۋە بەيت-شەمەش قاتارلىق جەمئىي 19 شەھەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 39 مانا بۇ شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار نافتالى قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردۇر. دان قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنلار 40-41 يەتتىنچى چەك دان قەبىلىسىگە چىقتى. ئۇلارغا جەمەتلىرى بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىندا تۆۋەندىكى شەھەرلەر بار: يەنى زورئاھ، ئەشتائول، ئىرشەمەش، 42 شائالاببىن، ئاييالون، يىتلاھ، 43 ئېلون، تىمناھ، ئەقرون، 44 ئەلتىقې، گىببىتون، بائالات، 45 يىھۇد، بىنەبىراق، گاترىممون، 46 مېيارقون، راققون شەھىرى ۋە جاففا شەھىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى زېمىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 47 ئەمما دان قەبىلىسى بۇ زېمىنلارغا ئىگە بولالمىدى. ئۇلار باشقا يەرگە بېرىپ، لەشەم شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، بۇ شەھەرنى ئىگىلىدى ھەمدە بۇ شەھەرنىڭ خەلقىنى قىلىچ بىلەن قىرغىن قىلىپ، ئۆزلىرى بۇ شەھەرگە ئورۇنلاشتى. ئۇلار بۇ شەھەرنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىپ، ئەجدادلىرىنىڭ نامى بىلەن «دان» دەپ ئاتاشتى. 48 مانا بۇ شەھەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار دان قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردۇر. يوشۇۋاغا تەقسىم قىلىنغان زېمىن 49 بارلىق قەبىلىلەرگە زېمىنلار بۆلۈپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئىسرائىللار نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋاغىمۇ زېمىن تەقسىم قىلىپ بەردى. 50 پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە ئىسرائىللار يوشۇۋاغا ئۆزى تاللىغان شەھەرنى تەقسىم قىلىپ بەردى. ئۇ ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى تىمنات-سەراخ شەھىرىنى تاللىۋالغانىدى. ئۇ بۇ شەھەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىپ، ئۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالدى. 51 يۇقىرىدىكى زېمىنلارنى روھانىي ئەلئازار، نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ۋە قەبىلە ئاقساقاللىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا، يەنى شىلودىكى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا چەك تاشلاپ، ئىسرائىللارغا تەقسىم قىلىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىش تاماملاندى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti