Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

يوشۇۋا 18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


قالغان زېمىنلارنىڭ تەقسىم قىلىنىشى

1 ئىسرائىللار پۈتۈن زېمىنلارنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، پۈتكۈل خەلق شىلو شەھىرىگە يىغىلىپ، ئۇچرىشىش چېدىرى تىكتى.

2 ئىسرائىللارنىڭ يەنە يەتتە قەبىلىسىگە تېخى زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلمىگەنىدى.

3 يوشۇۋا ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار، يەنى سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىنلارنى قاچانغىچە ئىگىلىمەي تۇرىسىلەر؟

4 سىلەر ھازىرلا ھەربىر قەبىلىدىن ئۈچ ئادەم تاللاڭلار، مەن ئۇلارنى شۇ زېمىنلارنى چارلاشقا ئەۋەتىمەن. ئۇلار ئۆز قەبىلىلىرىنىڭ پاسىللىرىنى بېكىتىپ، خەرىتىسىنى سىزىپ، مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كەلسۇن.

5 بۇ زېمىنلار يەتتە پارچىغا بۆلۈنسۇن. جەنۇبتىكى زېمىنلار يەھۇدا قەبىلىسىگە، شىمالدىكى زېمىنلار يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىغا قالدۇرۇلسۇن.

6 سىلەر بۇ يەتتە پارچە زېمىننىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىپ، مېنىڭ يېنىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، ئاندىن مەن بۇ زېمىنلارنى پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئالدىدا سىلەر ئۈچۈن چەك تاشلاپ، ھەربىر قەبىلىگە تەقسىم قىلىپ بېرىمەن.

7 لېكىن لاۋىي قەبىلىسىگە ھېچقانداق زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلمەيدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ زېمىنى، يەنى نېسىۋىسى پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيسى بولۇشتۇر. گاد قەبىلىسى، رۇبېن قەبىلىسى ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمى ئۆزلىرىگە تەۋە زېمىنغا ئىگە بولۇپ بولغان. ئۇلارغا بۇ زېمىننى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىن بەرگەن.

8 چارلىغۇچىلار مېڭىش ئالدىدا، يوشۇۋا ئۇلارغا يەنە تاپىلاپ: _ سىلەر پۈتۈن زېمىنلارنى چارلاپ، خەرىتىسىنى سىزىپ كېلىڭلار. سىلەر قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مەن شىلودا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سىلەر ئۈچۈن چەك تاشلايمەن.

9 چارلىغۇچىلار پۈتۈن زېمىننى چارلاپ، ئۇنى يەتتە پارچىغا بۆلۈپ، ھەربىر پارچىدىكى شەھەرلەرنى تىزىملاپ چىقتى. ئۇلار قايتىپ كېلىپ، شىلودىكى قارارگاھتا يوشۇۋا بىلەن كۆرۈشتى.

10 يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بۇ زېمىنلارنى ھەرقايسى قەبىلىلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىش ئۈچۈن چەك تاشلىدى.


بىنيامىن قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنلار

11 بىرىنچى چەك بىنيامىن قەبىلىسىگە چىقتى. ئۇلارغا جەمەتلىرى بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىن، يەھۇدا بىلەن يۈسۈپ قەبىلىسىنىڭ زېمىنى ئوتتۇرىسىدا ئىدى.

12 بۇ زېمىننىڭ شىمالىي پاسىلى ئىئوردان دەرياسىدىن باشلىنىپ، ئېرىخا شەھىرىنىڭ شىمالىدىن يۇقىرىلاپ، غەربكە بۇرۇلۇپ تاغلىق رايونغا كىرىپ، ئاندىن بەيتئاۋەن چۆللۈكىگە بارىدۇ.

13 بۇ يەردىن لۇز، يەنى بەيتەل شەھىرىگە تۇتىشىپ، ئاستىن بەيت-خورون شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى ئېدىرلىققا جايلاشقان ئاتروت-ئاددار شەھىرىگە تۇتىشىدۇ.

14 بۇ يەردىن يەنە جەنۇبقا بۇرۇلۇپ، بەيت-خورون شەھىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئېدىرلىقنىڭ غەربىي قىرغىقىنى بويلاپ، يەھۇدا قەبىلىسىگە تەۋە بولغان قىريات-بائال، يەنى قىرئات-يىئارىم شەھىرىدە ئاخىرلىشىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ غەربىي پاسىلىدۇر.

15 جەنۇبىي پاسىلى بولسا قىرئات-يىئارىم شەھىرىنىڭ غەربىدىن باشلىنىپ، نەفتوۋاخ بۇلاقلىرىغا تۇتىشىدۇ.

16 كېيىن يەنە رافاھلار جىلغىسىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى ۋە بەنھىننوم جىلغىسى يېنىدىكى ئېدىرلىقتىن تۆۋەنگە قاراپ، ھىننوم جىلغىسىنى بويلاپ، يىبۇسلار شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى ئېدىرلىقتىن ئۆتۈپ، روگېل بۇلىقىغا بارىدۇ.

17 بۇ پاسىل يەنە ئۇ يەردىن شىمالغا قايرىلىپ ئېنشەمەشكە بېرىپ، ئادۇممىم داۋىنىنىڭ قارشىسىدىكى گىلىلوتقا تۇتىشىدۇ. كېيىن رۇبېننىڭ ئوغلى بوھاننىڭ نامى بىلەن ئاتالغان تاشقىچە بېرىپ،

18 ئۇ يەردىن يەنە ئىئوردان دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئېدىرلىقنىڭ شىمالىنى بويلاپ ئۆتۈپ، ئىئوردان دەرياسى ۋادىسىغا تۇتىشىدۇ.

19 ئۇ يەردىن بەيت-خوگلانىڭ شىمالىي تەرىپىگە تۇتىشىپ، ئۆلۈك دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى قۇيۇلۇش ئېغىزىدا ئاخىرلىشىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ جەنۇبىي پاسىلىدۇر.

20 ئىئوردان دەرياسى بولسا ئۇلارنىڭ شەرقىي پاسىلى ئىدى. مانا بۇ تۆت تەرىپى چېگرالانغان زېمىنلار بىنيامىن قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردۇر.

21 بىنيامىن قەبىلىسىگە بېرىلگەن شەھەرلەر: ئېرىخا، بەيت-خوگلا، ئېمەق-قىزىز،

22 بەيت-ئارابا، زىمارايىم، بەيتەل،

23 ئاۋۋىم، پاراھ، ئوفراھ،

24 كىفار-ئاممونا، ئوفنى، گەبا قاتارلىق 12 شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە.

25 يەنە گىبئون، راماھ، بەئەروت،

26 مىزپاھ، كىفىرا، موزاھ،

27 رەقەم، يىرپىئېل، تارئالا،

28 زېلا، ھائەلەف، يىبۇس (يېرۇسالېم)، گىبئاھ، قىريات قاتارلىق 14 شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە. مانا بۇلار بىنيامىن قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردۇر.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan