Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

يوشۇۋا 16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىغا تەقسىم قىلىنغان زېمىنلار

1 يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلار: بۇ زېمىنلارنىڭ جەنۇبىي پاسىلى ئىئوردان دەرياسىنىڭ يېنىدىكى ئېرىخا شەھىرىدىن، يەنى ئېرىخا شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى بۇلاقلىقتىن باشلىنىپ، چۆل-باياۋانلارنى كېسىپ ئۆتۈپ، تاغلىق رايوندىكى بەيتەل شەھىرىگىچە سوزۇلىدۇ.

2 جەنۇبىي پاسىل بەيتەل، يەنى لۇز شەھىرىدىن باشلىنىپ، ئاتاروت شەھىرىدىكى ئاركىلارنىڭ زېمىنىغا بارىدۇ.

3 كېيىن يەنە غەربكە سوزۇلۇپ، يافلېتلارنىڭ زېمىنىدىن ئۆتۈپ، ئاستىن بەيت-خورون شەھىرىگىچە بېرىپ، ئۇ يەردىن يەنە گەزەر شەھىرىگىچە سوزۇلۇپ، ئاخىرى ئوتتۇرا دېڭىزغا بېرىپ توختايدۇ.

4 يۈسۈپنىڭ ئوغۇللىرى، يەنى ئەفرايىم بىلەن ماناسسەنىڭ ئەۋلادلىرى ئۆزلىرىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنلارغا ئىگە بولدى.


ئەفرايىم قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنلار

5 ئەفرايىم قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە بېرىلگەن زېمىنلار: ئۇلارغا تەقسىم قىلىنغان زېمىننىڭ جەنۇبىي پاسىلى شەرقتە ئاتروت-ئاددار شەھىرىدىن باشلىنىپ، ئۈستۈن بەيت-خورون شەھىرىگە تۇتىشىپ،

6 ئوتتۇرا دېڭىزغا بارىدۇ. كېيىن يەنە شىمالدىكى مىكمىتات شەھىرىدىن ئۆتۈپ، شەرقتىكى تائانات-شىلو شەھىرىگە بېرىپ، يانوۋاخ شەھىرىگە تۇتىشىدۇ.

7 كېيىن يەنە يانوۋاخ شەھىرىدىن جەنۇبقا قايرىلىپ، ئۇ يەردىن ئاتاروت، نائارا شەھەرلىرىگىچە سوزۇلۇپ، كېيىن ئېرىخا شەھىرىگە تۇتىشىپ، ئىئوردان دەرياسىدا ئاخىرلىشىدۇ.

8 بۇ پاسىل يەنە تاپپۇۋاخ شەھىرىدىن غەربكە سوزۇلۇپ، قاناھ جىلغىسىنى بويلاپ، ئوتتۇرا دېڭىزغا تۇتىشىدۇ. مانا بۇ ئەفرايىم قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردۇر.

9 ئۇنىڭدىن باشقا، ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىدىكىلەرگە تەقسىم قىلىنىپ بېرىلگەن زېمىنلار ئىچىدە، ئەفرايىم قەبىلىسىگە بېرىلگەن شەھەر ۋە ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بار.

10 ئەفرايىم قەبىلىسى كەنئانلارنى گەزەر شەھىرىدىن قوغلاپ چىقارمىدى. شۇڭا كەنئانلار داۋاملىق ئەفرايىملار بىلەن بىرگە ياشاپ، ئۇلارغا قۇلدەك ئىشلەشكە مەجبۇر بولماقتا.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan