يوشۇۋا 15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىيەھۇدا قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنلار 1 يەھۇدا قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن بولۇپ، بۇ زېمىنلارنىڭ ئەڭ جەنۇبتىكى پاسىلى ئىدوم چېگراسىدىكى زىن چۆلىنىڭ چېتىگىچە تۇتىشاتتى. 2 يەھۇدا زېمىنىنىڭ جەنۇبىي پاسىلى ئۆلۈك دېڭىزنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىن باشلىنىپ، 3 چايان داۋىنىدىن جەنۇبقا مېڭىپ، زىن چۆلىدىن ئۆتۈپ، كادېش-بارنېيا شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىن خەزرون شەھىرىگە سوزۇلىدۇ. كېيىن ئاددار شەھىرىدىن ئۆتۈپ، ئۇ يەردىن قارقا شەھىرىگە قايرىلىدۇ. 4 بۇ پاسىل يەنە ئازمون شەھىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئاخىرىدا مىسىر چېگراسىدىكى دەريانى بويلاپ ئوتتۇرا دېڭىزغىچە تۇتىشىدۇ. بۇ يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ جەنۇبىي پاسىلىدۇر. 5 ئۇلارنىڭ شەرقىي پاسىلى ئۆلۈك دېڭىزنى بويلاپ، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆلۈك دېڭىزنىڭ قويۇلۇش ئېغىزىغىچە بارىدۇ. شىمالىي پاسىلى بولسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۆلۈك دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىدىن باشلىنىپ، 6 بەيت-خوگلا شەھىرىگىچە سوزۇلۇپ، كېيىن بەيت-ئارابا شەھىرىدىن ئۆتۈپ، رۇبېننىڭ ئوغلى بوھاننىڭ نامى بىلەن ئاتالغان تاشقىچە بارىدۇ. 7 كېيىن بالايىئاپەت جىلغىسىدىن ئۆتۈپ دىبىر شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن شىمالغا بۇرۇلۇپ، گىلگال شەھىرىگىچە بارىدۇ. گىلگال شەھىرى بولسا جىلغىنىڭ جەنۇبىدىكى ئادۇممىم تاغ داۋىنىنى كېسىپ ئۆتىدىغان يولنىڭ قارشى تەرىپىدە بولۇپ، بۇ پاسىل ئېنشەمەش بۇلىقىغىچە سوزۇلۇپ، روگېل بۇلىقى دېگەن جايدا ئاخىرلىشىدۇ. 8 كېيىن يىبۇسلار شەھىرىنىڭ (يېرۇسالېم شەھىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) جەنۇبىي تەرىپىدىكى بەنھىننوم جىلغىسىدىن ئۆتۈپ، ھىننوم جىلغىسىنىڭ غەربىدىكى ئېدىرلىققا، يەنى رافاھلار جىلغىسىنىڭ شىمال تەرىپىنىڭ ئاخىرىغىچە بارىدۇ. 9 بۇ پاسىل بۇ ئېدىرلىقتىن يەنە نەفتوۋاخ بۇلىقىغىچە سوزۇلۇپ، كېيىن ئەفرون تېغىدىكى شەھەرلەرگىچە بارىدۇ. ئۇ يەردىن يەنە قايرىلىپ، قىريات-يىئارىم دەپ ئاتىلىدىغان بائالا شەھىرىگە تۇتىشىدۇ. 10 ئۇ يەنە بائالا شەھىرىدىن غەربتىكى سەئىر تېغىغا قايرىلىپ، ئۇ يەردىن يىئارىم، يەنى كىسالون تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىنى بويلاپ، بەيت-شەمەش شەھىرىگە بېرىپ، يەنە داۋاملىشىپ تىمناھ شەھىرىگىچە سوزۇلىدۇ. 11 ئۇ يەنە ئەقرون شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى تاغ باغرىنى بويلاپ، شىككارون شەھىرىگە بۇرۇلۇپ، بائالا تېغىغا بېرىپ، يابنىئېل شەھىرىدىن ئۆتۈپ، ئوتتۇرا دېڭىزدا ئاخىرلىشىدۇ. 12 ئۇلارنىڭ غەربىي پاسىلى ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ قىرغاقلىرى ئىدى. يەھۇدا قەبىلىسى ۋە ئۇلارنىڭ جەمەتلىرىنىڭ پاسىلى مانا شۇ ئىدى. كالىبقا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىن 13 يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ قىريات-ئاربا دېگەن زېمىنىنى يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىبقا بۆلۈپ بەردى. بۇ زېمىن ھازىر ھىبرون دەپ ئاتىلىدۇ. ئاربا بولسا ئاناقلارنىڭ ئاتىسى ئىدى. 14 كالىب بۇ زېمىندىن ئاناقنىڭ ئۈچ ئوغلى، يەنى شېشاي، ئاخىمان ۋە تالمايلارنىڭ جەمەتلىرىنى قوغلاپ چىقاردى. 15 كالىب قىريات-ئاربا زېمىنىدىن ئۆتۈپ دىبىر (ئىلگىرى قىرئات-سېفەر دەپ ئاتىلاتتى) شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى. 16 يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ باشلىقى كالىب: _ قىرئات-سېفەر شەھىرىنى كىم ئالسا، قىزىم ئاكساھنى شۇنىڭغا بېرىمەن، _ دېدى. 17 ئۇ شەھەرنى كالىبنىڭ ئىنىسى قېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىئېل ئالدى. كالىب قىزى ئاكساھنى ئۇنىڭغا بەردى. 18 بىر كۈنى ئاكساھ ئاتىسىنى يەنە بىر پارچە يەر بېرىشكە ماقۇل كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا باردى. ئاكساھ ئېشەكتىن چۈشۈشى بىلەنلا ئاتىسى ئۇنىڭدىن: _ نېمىگە كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى. 19 ئاكساھ: _ مەن پەقەت بىرلا نەرسە تەلەپ قىلىپ كەلدىم. ئاتا، ماڭا بۇلىقى بار يەرلەردىن بەرسىڭىز، چۈنكى ماڭا بەرگەن يەرلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى جەنۇبىي چۆللۈكتىكى يەرلەر ئىكەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن كالىب يۇقىرى ۋە تۆۋەندىكى بۇلاقلارنى ئۇنىڭغا بەردى. يەھۇدا قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىنغان شەھەرلەر 20 تۆۋەندىكىلەر يەھۇدا قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن شەھەرلەر. 21 ئەڭ جەنۇبتىكى ئىدوم چېگراسىغا يېقىن شەھەرلەر: قابزىئېل، ئەدەر، ياگۇر، 22 قىناھ، دىمونا، ئادئادا، 23 قەدەش، خازور، يىتنان، 24 زىف، تەلەم، بىئالوت، 25 خازور-خاداتتا، قىرىيوت-خەزرون (يەنى خازور)، 26 ئامام، شىما، مولادا، 27 خازار-گاددا، خەشمون، بەيت-پەلەت، 28 خازار-شۇئال، بەئەرشەبا، بىزيوتىيا 29 بائالا، ئىيىم، ئەزەم، 30 ئەلتولاد، كىسىل، خۇرماھ، 31 زىقلاق، مادماننا، سانساننا، 32 لىبائوت، شىلخىم، ئايىن ۋە رىممونلاردىن ئىبارەت جەمئىي 29 شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە. 33 غەربىي ئېدىرلىقتىكى شەھەرلەر: ئەشتائول، زورئاھ، ئاشناھ، 34 زانوۋاخ، ئېنگاننىم، تاپپۇۋاخ، ئېنام، 35 يارمۇت، ئادۇللام، سوكوھ، ئازېقا، 36 شائارايىم، ئادىتايىم، گىدېرا، يەنى گىدېروتايىم قاتارلىق جەمئىي 14 شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە. 37 بۇنىڭدىن باشقا، زىنان، خاداشا، مىگدال-گاد، 38 دىلئان، مىزپاھ، يوقتىئېل، 39 لاكىش، بوزقات، ئەگلون، 40 كاببون، لاخماس، كىتلىش، 41 گىدېروت، بەيت-داگون، نائاما، ماققېدالاردىن ئىبارەت جەمئىي 16 شەھەر ۋە ئەتراپىدىكى يېزىلار 42 ۋە يەنە لىبناھ، ئەتەر، ئاشان، 43 يىفتاھ، ئاشناھ، نىزىب، 44 قىيلاھ، ئاكزىب، مارېشا قاتارلىق جەمئىي توققۇز شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە. 45 جۈملىدىن ئەقرون ۋە ئەتراپىدىكى يېزىلار 46 ۋە ئەقروندىن تارتىپ، ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولغان ئاشدود يېنىدىكى بارلىق شەھەرلەر 47 ھەمدە ئاشدود، گازا ئەتراپىدىكى يېزىلار بىلەن قوشۇلۇپ، مىسىر چېگراسىدىكى دەرياغا ۋە ئوتتۇرا دېڭىز ياقىسىغا باراتتى. 48 تاغلىق رايونلاردىكى شەھەرلەر: شامىر، ياتتىر، سوكوھ، 49 دانناھ، قىريات-سانناھ (يەنى دىبىر)، 50 ئاناب، ئەشتىموۋا، ئانىم، 51 گوشەن، خولون، گىلوھ قاتارلىق 11 شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە. 52 ئۇنىڭدىن باشقا ئاراب، دۇماھ، ئەشئان، 53 يانۇم، بەيت-تاپپۇۋاخ، ئافېقا، 54 خۇمتاھ، قىريات-ئاربا (يەنى ھىبرون) زىئور قاتارلىق جەمئىي توققۇز شەھەر ۋە ئەتراپىدىكى يېزىلار 55 ۋە ھەم مائون، كارمەل، زىف، يۇتتاھ، 56 يىزرىئەل، يوقدىئام، زانوۋاخ، 57 قايىن، گىبئاھ ۋە تىمناھ قاتارلىق جەمئىي ئون شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە. 58 جۈملىدىن خالخۇل، بەيتزۇر، گىدور، 59 مائارات، بەيت-ئانوت ۋە ئەلتىقون قاتارلىق ئالتە شەھەر ۋە ئەتراپىدىكى يېزىلار 60 ھەمدە قىريات-بائال (يەنى قىريات-يىئارىم)، رابباھ قاتارلىق ئىككى شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە. 61 چۆلدىكى شەھەرلەر: بەيت-ئارابا، مىددىن، سىكاكا، 62 نىبشان، تۇز شەھىرى ۋە ئېنگەدى قاتارلىق ئالتە شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە. 63 لېكىن يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر يېرۇسالېمدىكى يىبۇسلارنى قوغلاپ چىقىرىشقا ئامالسىز قالغاچقا، يىبۇسلار داۋاملىق يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە ياشاپ كەلمەكتە. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti