Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

يوشۇۋا 12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى مەغلۇپ قىلىنغان پادىشاھلار

1 ئىسرائىللار ئاللىبۇرۇن ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى پادىشاھلارنى مەغلۇپ قىلىپ، زېمىنلىرىنى ئىگىلىگەنىدى. بۇ پادىشاھلارنىڭ زېمىنى جەنۇبتا ئارنون جىلغىسىدىن تارتىپ، شىمالدا خەرمون تېغىغىچە ئىدى. بۇ ئىئوردان دەرياىسىنىڭ شەرقىدىكى رايوننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.

2 ئىسرائىللار ئالدى بىلەن خەشبون شەھىرىدىكى ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخوننى مەغلۇپ قىلغانىدى. ئۇنىڭ زېمىنى ئارنون جىلغىسىنىڭ قىرغىقىغا جايلاشقان ئاروئېر شەھىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئارنون جىلغىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن تارتىپ، ئاممونلارغا چېگرالىنىدىغان ياببوق جىلغىسىغىچە ئىدى. بۇ زېمىن گىلئاد زېمىنىنىڭ جەنۇبىي يېرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.

3 سىخون پادىشاھ يەنە ئىئوردان دەرياىسىنىڭ شەرقىدىكى رايونلارغا، يەنى شىمالدىكى جەلىلىيە كۆلىدىن جەنۇبتىكى ئۆلۈك دېڭىزغىچە بولغان يەرلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. بۇ يەرلەر بەيت-يىشىموتقا بارىدىغان يول ۋە پىسگاھ تېغىنىڭ ئېتىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.

4 مەغلۇپ بولغان باشان پادىشاھى ئوگ ئاشتاروت ۋە ئەدرەئى شەھەرلىرىدە ياشايتتى. ئۇ رافاھلارنىڭ قالغانلىرىدىن بىرى ئىدى.

5 ئۇ شىمالدا خەرمون تېغىدىن تارتىپ، سالكاھ شەھىرىگىچە بولغان زېمىنلارغا، غەربتە پۈتكۈل باشان زېمىنىدىن تارتىپ، گىشۇر ۋە مائاكانىڭ چېگرالىرىغىچە ھەمدە گىلئادنىڭ شىمالىي يېرىمىدىن تارتىپ، خەشبونلۇق سىخون پادىشاھنىڭ چېگراسىغىچە ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى.

6 ئىلگىرى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا ۋە ئىسرائىللار بۇ پادىشاھلارنى مەغلۇپ قىلغانىدى. مۇسا پەيغەمبەر بۇ زېمىنلارنى رۇبېن، گاد ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىغا مۈلۈك قىلىپ بەرگەنىدى.


ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىدىكى مەغلۇپ قىلىنغان پادىشاھلار

7 يوشۇۋا ۋە ئىسرائىللار ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىگە جايلاشقان لىۋان جىلغىسىدىكى بائالگاد دېگەن جايدىن خالاق تېغىغىچە، ھەتتا سەئىرگىچە بولغان زېمىندىكى پادىشاھلارنى مەغلۇپ قىلدى. ئۇ بۇ زېمىنلارنى ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە مۈلۈك قىلىپ تەقسىملەپ بەردى.

8 بۇ زېمىنلار تاغلىق رايونلارنى، غەربىي ئېدىرلىقلارنى، ئىئوردان دەرياسى ۋادىسىنى، تاغ باغرىلىرىنى، چۆل-باياۋانلارنى ۋە جەنۇبىي نەگېب چۆللۈكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ زېمىنلاردا خىتلار، ئامورلار، كەنئانلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلار ياشىغان. تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىللار مەغلۇپ قىلغان پادىشاھلار:

9 ئېرىخا پادىشاھى بەيتەلنىڭ يېنىدىكى ئاي پادىشاھى

10 يېرۇسالېم پادىشاھى ھىبرون پادىشاھى

11 يارمۇت پادىشاھى لاكىش پادىشاھى

12 ئەگلون پادىشاھى گەزەر پادىشاھى

13 دىبىر پادىشاھى گەدەر پادىشاھى

14 خۇرماھ پادىشاھى ئاراد پادىشاھى

15 لىبناھ پادىشاھى ئادۇللام پادىشاھى

16 ماققېدا پادىشاھى بەيتەل پادىشاھى

17 تاپپۇۋاخ پادىشاھى خېفەر پادىشاھى

18 ئافېق پادىشاھى لاشارون پادىشاھى

19 مادون پادىشاھى خازور پادىشاھى

20 شىمرون-مىرئون پادىشاھى ئاكشاف پادىشاھى

21 تاناك پادىشاھى مىگىددو پادىشاھى

22 قەدەش پادىشاھى كارمەلدىكى يوقنىئام پادىشاھى

23 نافوت-دورنىڭ يېنىدىكى دور پادىشاھى گىلگالنىڭ يېنىدىكى گويىم پادىشاھى

24 تىرزاھ پادىشاھى جەمئىي 31 پادىشاھتۇر.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan