يوشۇۋا 1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىپەرۋەردىگارنىڭ يوشۇۋاغا كەنئاننى ئىگىلەشنى بۇيرۇشى 1 پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر ۋاپات بولغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار نۇننىڭ ئوغلى، يەنى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ياردەمچىسى يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: 2 _ مېنىڭ خىزمەتكارىم مۇسا ۋاپات بولدى. ئەمدى سەن بارلىق ئىسرائىل خەلقىنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنى مەن ئۇلارغا ئاتا قىلماقچى بولغان زېمىنغا ئېلىپ بېرىشقا تەييارلانغىن. 3 مەن مۇساغا قىلغان ۋەدەم بويىچە، سىلەرنىڭ ئايىغىڭلار تەگكەنلا زېمىننى سىلەرگە بېرىمەن. 4 سىلەرنىڭ زېمىنىڭلار جەنۇبىي تەرەپتىكى چۆلدىن باشلىنىپ شىمال تەرەپتىكى لىۋان تاغلىرىغىچە، كۈنچىقىش تەرەپتىكى ئۇلۇغ فىرات دەرياسىدىن باشلىنىپ پۈتكۈل خىتلارنىڭ زېمىنىنى كېسىپ ئۆتۈپ، كۈنپېتىش تەرەپتىكى ئوتتۇرا دېڭىزغىچە كېڭىيىدۇ. 5 سەن ھايات ۋاقتىڭدا ھېچكىم ساڭا قارشى چىقالمايدۇ. مەن مۇساغا قانداق يار بولغان بولسام، ساڭىمۇ شۇنداق يار بولىمەن. مەن سەندىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن ھەمدە سېنى تاشلىمايمەن. 6 سەن قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول! چۈنكى سەن ئۆز خەلقىڭنى مەن ئەجدادلىرىڭغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا ئېلىپ بارىسەن. 7 سەن ئىنتايىن قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول! خىزمەتكارىم مۇسا ساڭا ئۆگەتكەن پۈتكۈل قانۇنلىرىمغا كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىپ، ئۇنىڭدىن تېيىپ كەتمىسەڭلا، نەگىلا بارساڭ، ھەممە ئىشلىرىڭ ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. 8 قانۇنلىرىم ئاغزىڭدىن چۈشمىسۇن، كېچە-كۈندۈز قانۇنلىرىم ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، ئۇنىڭدا يېزىلغانلارغا كۆڭۈل قويۇپ، ئەمەل قىلغىن. شۇنداق قىلساڭ، بارلىق ئىشلىرىڭ يۈرۈشۈپ، ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. 9 مەن ساڭا: «قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول، قورقما ھەم بوشىشىپ قالما» دەپ بۇيرۇغان ئەمەسمىدىم! چۈنكى سەن قەيەرگە بارساڭ، مەن پەرۋەردىگارىڭ، يەنى سەن ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ساڭا يار بولىمەن. 10 شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا خەلقنىڭ يېتەكچىلىرىگە بۇيرۇق بېرىپ: 11 _ سىلەر ھەرقايسى قارارگاھلارنى ئارىلاپ، خەلققە: «ئوزۇق-تۈلۈكلىرىڭلارنى تەييارلاپ قويۇڭلار. ئۈچ كۈندىن كېيىن پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزگە مۈلۈك قىلىپ بەرمەكچى بولغان زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ئۈچۈن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتىمىز» دەپ ئۇقتۇرۇش قىلىڭلار، _ دېدى. 12 يوشۇۋا يەنە رۇبېن، گاد قەبىلىلىرى ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىغا مۇنداق دېدى: 13 _ سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ھايات ۋاقتىدا سىلەرگە نېمىنى بۇيرۇغانلىقىنى بىلىسىلەر. مۇسا پەيغەمبەر مۇنداق دېگەنىدى: «پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق قىرغىقىدىكى بۇ زېمىننى سىلەرنىڭ ماكانلىشىشىڭلار ئۈچۈن ئاتا قىلدى.» 14 شۇڭا سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلار، بالىلىرىڭلار ۋە مال-چارۋىلىرىڭلار مۇسا پەيغەمبەر سىلەرگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ قىرغىقىدىكى بۇ زېمىندا قالسا بولىدۇ. ئەمما بارلىق پالۋانلىرىڭلار قوراللىنىپ، قېرىنداش قەبىلىلەرنى باشلاپ دەريادىن ئۆتۈپ، قېرىنداشلىرىغا ياردەمدە بولسۇن. 15 پەرۋەردىگار قېرىنداش قەبىلىلەرنى سىلەرگە ئوخشاش ماكانلاشتۇرۇپ بولغۇچە، ئۇلارغا ياردەمدە بولۇڭلار. ئۇلارمۇ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئاتا قىلغان زېمىنغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر سىلەرگە بەلگىلەپ بەرگەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا قايتساڭلار بولىدۇ. 16 ئۇلار يوشۇۋاغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: _ سەن بىزگە نېمىنى بۇيرۇساڭ، بىز شۇنى بەجا كەلتۈرىمىز، نەگە ئەۋەتسەڭ شۇ يەرگە بارىمىز. 17 بىز ساڭا مۇسا پەيغەمبەرگە بويسۇنغاندەك بويسۇنىمىز. پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بۇرۇن مۇسا پەيغەمبەرگە يار بولغاندەك ساڭىمۇ يار بولسۇن. 18 كىم سېنىڭ سۆزلىرىڭگە قارشى چىقىدىكەن، بۇيرۇقلىرىڭغا بويسۇنمايدىكەن، ئۇ چوقۇم جېنىدىن جۇدا قىلىنسۇن. بىراق سەن قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول! |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti