يۇنۇس 4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىپەرۋەردىگارنىڭ نىنەۋىلىكلەرگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشى 1 يۇنۇس بۇ ئىشتىن تولىمۇ نارازى بولۇپ، ناھايىتى ئاچچىقلاندى. 2 شۇڭا ئۇ پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى: _ ئى پەرۋەردىگار، يۇرتۇمدىكى ۋاقتىمدا سېنىڭ شۇنداق قىلىدىغانلىقىڭنى ئويلىغانىدىم! مەن سېنىڭ ئىنتايىن مېھرىبان ۋە رەھىمدىل خۇدا ئىكەنلىكىڭنى بىلىمەن. سېنىڭ ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيدىغانلىقىڭنى، مېھىر-مۇھەببىتىڭنىڭ چەكسىزلىكىنى، بالايىئاپەت كەلتۈرۈشنى خالىمايدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم. شۇڭا تارشىشقا قاچمىغانمىدىم؟! 3 ئى پەرۋەردىگار، ئەمدى جېنىمنى ئالغىن! تىرىك ياشىغىنىمدىن ئۆلگىنىم ياخشى! 4 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ ئاچچىقلىنىشىڭ توغرىمۇ؟ _ دېدى. 5 شۇنىڭ بىلەن يۇنۇس شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقىپ، شەھەرنىڭ شەرق تەرىپىگە بىر چەللە تىكىپ، ئۇنىڭ ئاستىدا ئولتۇرۇپ، نىنەۋى شەھىرىدە نېمە ۋەقە يۈز بېرىدىغانلىقىنى كۈتتى. 6 پەرۋەردىگار خۇدا يۇنۇسنى كۆڭۈل غەشلىكىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بىر قاپاقنى ئۈندۈرۈپ، ئۇنىڭ پېلىكىنى چەللىنىڭ ئۈستىگە يېيىلدۈرۈپ، يۇنۇسنىڭ بېشىغا سايە قىلدى. يۇنۇس قاپاق پېلىكىدىن ئىنتايىن خۇش بولدى. 7 لېكىن ئەتىسى ئەتىگەندە خۇدا ئۆزى بىر قۇرتنى ئەۋەتتى. بۇ قۇرت كېلىپ، قاپاق پېلىكىنى يەپ، ئۇنى قۇرۇتۇۋەتتى. 8 كۈن چىققاندا، خۇدا كۈنچىقىش تەرەپتىن ئىسسىق شامال چىقاردى. قىزىق ئاپتاپ يۇنۇسنىڭ بېشىغا چۈشۈپ، ئۇنى ھالىدىن كەتكۈزدى. شۇڭا ئۇ ئۆلۈمنى تىلەپ: «تىرىك ياشىغىنىمدىن ئۆلگىنىم ياخشى!» دېدى. 9 لېكىن خۇدا ئۇنىڭدىن: _ بۇ قاپاق پېلىكى ئۈچۈن شۇنچە ئاچچىقلىنىشىڭ توغرىمۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ توغرا، ئاچچىقىمدا ئۆلگۈدەك بولدۇم! _ دەپ جاۋاب بەردى يۇنۇس. 10 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سەن ئۆزۈڭ ئۆستۈرمىگەن ھەم ئەمگەك سىڭدۈرمىگەن، بىر كېچىدە ئۆسۈپ، ئىككىنچى كېچىسى قۇرۇپ كەتكەن بىر تۈپ قاپاق پېلىكى ئۈچۈن ئىچىڭ ئاغرىغان يەردە، 11 مەن ئاق-قارىنى پەرقلەندۈرەلمەيدىغان 120 مىڭ ئادىمى ۋە نۇرغۇن ھايۋانلىرى بار نىنەۋىدەك چوڭ شەھەرگە ئىچ ئاغرىتماي تۇرالامدىم؟! _ دېدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti