يۇنۇس 3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىيۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ پەرۋەردىگارغا بويسۇنۇشى 1 پەرۋەردىگاردىن يۇنۇسقا ئىككىنچى قېتىم ۋەھىي كەلدى. 2 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سەن دەرھال بۈيۈك نىنەۋى شەھىرىگە بېرىپ، مەن ساڭا تاپشۇرغان سۆزلەرنى شەھەردىكىلەرگە جاكارلىغىن، _ دېدى. 3 يۇنۇس پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە بىنائەن نىنەۋىگە باردى. نىنەۋى ئىنتايىن چوڭ شەھەر بولۇپ، ئۇنى ئارىلاپ چىقىشقا ئۈچ كۈن كېتەتتى. 4 يۇنۇس شەھەرگە كىرىپ، شەھەرنى بىر كۈن ئارىلىغاندىن كېيىن: _ قىرىق كۈندىن كېيىن نىنەۋى شەھىرى خاراب بولىدۇ! _ دەپ جاكارلىدى. 5 شۇنىڭ بىلەن نىنەۋىلىكلەر خۇداغا ئىشىنىپ، روزا تۇتۇشقا قارار قىلدى. پۈتۈن شەھەر خەلقى مەرتىۋىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشىغا قارىماي، ھەممىسى ماتەملىك كىيىم كىيىپ، توۋا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. 6 نىنەۋى پادىشاھى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، تەختىدىن چۈشۈپ، تونىنى سېلىۋېتىپ، ماتەملىك كىيىم كىيىپ، كۈلگە مىلىنىپ ئولتۇردى. 7 پادىشاھ ئۆزىنىڭ ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ نامىدا نىنەۋىلىكلەرگە مۇنداق پەرمان چۈشۈردى: «مەيلى ئادەم، مەيلى ھايۋان، يەنى مەيلى كالا، مەيلى قوي بولسۇن، ھەممىسى ھېچنېمە يېمىسۇن، ھېچنېمە ئىچمىسۇن. 8 پۈتكۈل ئادەملەر ماتەملىك كىيىم كىيسۇن، ھەتتا ھايۋانلارغىمۇ كىيدۈرۈلسۇن. ھەربىر ئادەم خۇداغا قاتتىق يالۋۇرسۇن، ھەمدە يامان يوللىرىدىن يانسۇن، زوراۋانلىقتىن قول ئۈزسۇن. 9 كىم بىلىدۇ، بەلكىم خۇدا نىيىتىدىن، قەھر-غەزىپىدىن يېنىپ، بىزنى ھالاك قىلمامدۇ تېخى!» 10 خۇدا ئۇلارنىڭ توۋا قىلغانلىقلىرىنى، يەنى يامان يوللىرىدىن يانغانلىقىنى كۆرگەندە، ئىلگىرى ئۆزى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرمەكچى بولغان بالايىئاپەتلەرنى ئۇلارغا چۈشۈرمىدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti