يۇنۇس 2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىيۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ دۇئاسى 1 يۇنۇس بېلىقنىڭ قورسىقىدا پەرۋەردىگارى خۇداغا مۇنداق دۇئا قىلدى: 2 «نالە قىلدىم پەرۋەردىگارغا كۈلپەتتە قالغىنىمدا، قۇلاق سالدى ئۇ ماڭا. پەرياد قىلدىم چوڭقۇر يېرىدىن ئۆلۈكلەر ماكانىنىڭ، قۇلاق سالدىڭ نالەمگە سەن مېنىڭ. 3 سەن تاشلىدىڭ مېنى تېگىگە چوڭقۇر دېڭىزنىڭ، قورشىۋالدى مېنى كۈچلۈك سۇلار، بېسىپ ئۆتتى ئۈستۈمدىن دولقۇنلىرىڭ، ئۆركەشلىرىڭ. 4 مۇنداق دېدىم شۇ پەيتتە: ‹چۈشۈپ كەتتىم مەن سېنىڭ نەزىرىڭدىن، كۆرىمەن يەنە مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭنى لېكىن. 5 دولقۇنلار ئورىدى مېنى، چوڭقۇرلۇق قورشىدى مېنى، دېڭىزدىكى ئوت-چۆپلەر چىرمىۋالدى بېشىمنى. 6 چۆكۈپ كەتتىم دېڭىزدىكى تاغلارنىڭ ئاستىغا، چىقىش يوللىرى مەڭگۈگە ئېتىلگەن جايغا. لېكىن ئى پەرۋەردىگارىم خۇدا، قۇتقۇزۇۋالدىڭ جېنىمنى ئۆلۈكلەر ماكانىدىن. 7 تېنىمدىن چىقاي دېگەندە جېنىم، ئى پەرۋەردىگار، سېنى ياد ئەتتىم. يەتتى دۇئايىم ساڭا، سېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭغا. 8 ئەرزىمەس بۇتلارغا چوقۇنىدىغانلار سېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىڭنى رەت قىلار. 9 لېكىن مەن سۇنارمەن دائىم، شۈكۈر ئېتىپ قۇربانلىق ساڭا. ۋاپا قىلارمەن قىلغان قەسەملىرىمگە، چۈنكى نىجاتلىق كېلەر سەن پەرۋەردىگاردىنلا.›» 10 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ھېلىقى بېلىققا بۇيرۇق قىلدى. بېلىق يۇنۇسنى قۇرۇقلۇققا قۇسۇپ چىقاردى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti