Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

يۇنۇس 1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ پەرۋەردىگارغا بويسۇنماسلىقى

1 بىر كۈنى ئامىتاينىڭ ئوغلى يۇنۇسقا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلدى.

2 پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: _ سەن دەرھال بۈيۈك شەھەر نىنەۋىگە بېرىپ، شەھەردىكىلەرگە ھۆكۈمۈمنى جاكارلا، چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ نەقەدەر رەزىل ئىكەنلىكىنى كۆردۈم.

3 لېكىن يۇنۇس ئۆزىنى پەرۋەردىگاردىن قاچۇرۇش ئۈچۈن تارشىشقا قاراپ، يول ئالدى. ئۇ جاففا شەھىرىگە بېرىپ، تارشىشقا بارىدىغان بىر كېمىنى تاپتى. ئۇ: «ئۇ يەرگە قېچىپ بارسام، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن يىراق بولىمەن» دەپ ئويلىدى. ئۇ كېمىنىڭ يول ھەققىنى تۆلەپ، كېمىگە چىقىپ، كېمىچىلەر بىلەن بىرگە تارشىشقا قاراپ، يولغا ئالدى.

4 بىراق پەرۋەردىگار دېڭىزغا كۈچلۈك بوران ئەۋەتتى. دېڭىزدا دەھشەتلىك بوران چىقىپ، دولقۇن كۆتۈرۈلۈپ، كېمىنى پارچىلىۋەتكىلى تاس قالدى.

5 شۇنىڭ بىلەن كېمىچىلەر قاتتىق ۋەھىمىگە چۈشۈپ، ھەركىم ئۆز ئىلاھلىرىغا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن نىدا قىلدى. ئۇلار كېمە يېنىكلىسۇن دەپ، كېمىدىكى ماللارنى دېڭىزغا تاشلاشتى. بۇ ۋاقىتتا يۇنۇس كېمىنىڭ ئاستىنقى بۆلۈمىدە قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەنىدى.

6 كېمە باشلىقى يۇنۇسنىڭ يېنىغا كېلىپ: _ نېمىشقا ئۇخلاپ ياتىسەن؟ ئورنۇڭدىن تۇر، ئىلاھىڭغا يالۋۇر! بەلكىم ئۇنىڭ نەزىرى بىزگە چۈشسە، بىز ئامان قالارمىز، _ دېدى.

7 كېمىچىلەر: _ بىزنىڭ بۇ بالايىئاپەتكە دۇچار بولۇشىمىزغا كىم سەۋەبلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ باقايلى، _ دېيىشتى ۋە چەك تاشلاشتى، چەك يۇنۇسقا چىقتى.

8 ئۇلار ئۇنىڭدىن: _ ئېيتقىنا، كىمنىڭ سەۋەبىدىن بۇ بالايىئاپەتكە دۇچار بولدۇق؟ سەن نېمە قىلىدىغان ئادەمسەن، قەيەردىن كەلدىڭ، قايسى خەلقتىنسەن؟ _ دەپ سوراشتى.

9 يۇنۇس ئۇلارغا: _ مەن ئىبرانىيمەن، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقنى ياراتقان ئەرشتىكى پەرۋەردىگارغا ئېتىقاد قىلىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.

10 يۇنۇس يەنە ئۇلارغا ئۆزىنىڭ پەرۋەردىگاردىن قېچىپ يۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. كېمىچىلەر بۇنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن قورقۇشۇپ كەتتى. ئۇلار: _ نېمىشقا بۇنداق قىلدىڭ؟ _ دېيىشتى.

11 بوران-چاپقۇن ئەۋجىگە چىقتى. ئۇلار ئۇنىڭدىن: _ قانداق قىلساق دېڭىز دولقۇنى پەسىيىدۇ؟ _ دەپ سوراشتى.

12 يۇنۇس ئۇلارغا: _ مېنى دېڭىزغا تاشلاڭلار، دېڭىز دولقۇنى پەسىيىدۇ. مەن شۇنى بىلىمەنكى، سىلەر مېنىڭ سەۋەبىمدىن مۇشۇنداق دەھشەتلىك بوران-چاپقۇنغا ئۇچرىدىڭلار، _ دەپ جاۋاب بەردى.

13 لېكىن كېمىچىلەر يۇنۇسنى دېڭىزغا تاشلىماي، ئەكسىچە پالاقنى جېنىنىڭ بارىچە ئۇرۇپ، كېمىنى قىرغاققا ئېلىپ بارماقچى بولدى، ئەمما ئالغا ئىلگىرىلىيەلمىدى. چۈنكى بوران-چاپقۇن تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققانىدى.

14 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگارغا: _ ئى پەرۋەردىگار، سەندىن ئۆتۈنىمىزكى، بۇ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، بىزنى ھالاك قىلمىغايسەن. بىگۇناھ ئادەمنىڭ قېنىنى تۆكۈش گۇناھىنى بىزنىڭ ئۈستىمىزگە يۈكلىمىگەيسەن. چۈنكى، ئى پەرۋەردىگار، سەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىرادەڭ بويىچە قىلدىڭ، _ دەپ يالۋۇردى.

15 ئاندىن ئۇلار يۇنۇسنى كۆتۈرۈپ ئەكېلىپ، دولقۇنلاپ تۇرغان دېڭىزغا تاشلىدى، بوران شۇئان توختىدى.

16 كېمىچىلەر بۇ ۋەقەنى كۆرۈپ، پەرۋەردىگاردىن قاتتىق قورقۇشتى. ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ، قىلغان قەسەملىرىنى ئادا قىلىشتى.

17 پەرۋەردىگار يوغان بىر بېلىقنى يۇنۇسنى يۇتۇۋېلىشقا ئەۋەتكەنىدى. يۇنۇس بېلىقنىڭ قورسىقىدا ئۈچ كېچە-كۈندۈز تۇردى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan