Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

يوئېل 3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


پەرۋەردىگارنىڭ يات ئەللەرنى جازالىشى

1 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ كۈنلەر كەلگەندە، مەن يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەنى قايتا گۈللەندۈرىمەن،

2 ھەممە ئەللەرنى يىغىپ، يىھوشافات [مەنىسى ‹پەرۋەردىگار سوتلايدۇ›] جىلغىسىغا ئاپىرىمەن. ئۇ يەردە مەن ئۇلارنى سوتلايمەن. چۈنكى ئۇلار مېنىڭ خەلقىمنى، يەنى مېنىڭ مۈلكۈم بولغان ئىسرائىللارنى يات ئەللەرگە تارقىتىۋېتىپ، زېمىنىمنى بۆلۈشتى.

3 ئۇلار خەلقىمنى تاللاپ قۇل قىلىشقا چەك تاشلاشتى. ئوغۇللارنى پاھىشىلەرگە تېگىشتى، قىزلارنى شارابقا سېتىشتى.

4 ئەي تىر، سىدون شەھەرلىرى ۋە فىلىستىيەنىڭ بارلىق رايونلىرى، ماڭا نېمىشقا بۇنداق مۇئامىلىدە بولىسىلەر؟ سىلەر مەندىن ئۆچ ئالماقچىمۇ؟ ئەگەر مەندىن ئۆچ ئېلىۋاتقان بولساڭلار، مەنمۇ سىلەردىن ئۆچ ئېلىپ، بېشىڭلارغا تېزلا بالا-قازا چۈشۈرەي.

5 سىلەر مېنىڭ ئالتۇن-كۈمۈشلىرىمنى، قىممەتلىك خەزىنىلىرىمنى بۇلاپ كېتىپ، ئۇلارنى بۇتخانىلىرىڭلارغا قويدۇڭلار.

6 يېرۇسالېمنىڭ، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەنىڭ خەلقىنى ئۆز يۇرتلىرىدىن ئايرىپ، يۇنانلىقلارغا ساتتىڭلار.

7 سىلەر ئۇلارنى نەگە ساتقان بولساڭلار، مەن ئۇلارنى شۇ يەرلەردىن قايتۇرۇپ كېلىمەن. سىلەر ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلغان بولساڭلار، مەنمۇ سىلەرگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىمەن.

8 ئوغۇل-قىزلىرىڭلارنى يەھۇدىيەلىكلەرگە سېتىپ بېرىمەن. يەھۇدىيەلىكلەر ئۇلارنى يىراقتىكى سىبائى خەلقىگە ساتىدۇ. بۇلار مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

9 سىلەر باشقا ئەللەرگە مۇنداق دەپ جاكارلاڭلار: ‹ئۇرۇشقا ھازىرلىنىڭلار! لەشكەرلىرىڭلارنى، پۈتۈن باتۇرلىرىڭلارنى يىغىپ، ئۇرۇشقا ئاتلىنىڭلار.

10 ساپىنىڭلاردىن قىلىچ، شاخ پۇتايدىغان پىچىقىڭلاردىن نەيزە سوقۇڭلار. ئاجىزلارمۇ مەن باتۇر دېسۇن.

11 ئەي ئەتراپتىكى بارلىق ئەللەر، تېز بولۇڭلار، يىھوشافات جىلغىسىغا يىغىلىڭلار!›» ئى پەرۋەردىگار، لەشكەرلىرىڭنى ئەۋەتكەيسەن.

12 «ئەتراپتىكى ھەممە ئەللەر ئورۇنلىرىدىن قوزغالسۇن، يىھوشافات جىلغىسىغا يىغىلسۇن. مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۇ يەردە سوتلايمەن.

13 زىرائەتلەر پىشتى، ئورغاق سېلىڭلار. ئۈزۈم ئېزىش كۆلچىكى ئۈزۈمگە تولدى، كېلىپ ئېزىڭلار. خۇددى شاراب ئىدىشلىرىدىن شاراب تاشقاندەك، ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىمۇ تولۇپ تاشتى.»

14 مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن كىشىلەر سوت بولىدىغان جىلغىدىدۇر. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ سوراق كۈنى يېقىنلاپ كەلمەكتە.

15 ئۇ كۈنى ئاي، كۈن تۇتۇلىدۇ، يۇلتۇزلارمۇ چاقنىمايدۇ.

16 پەرۋەردىگار سىئون تېغىدىن نەرە تارتىپ، يېرۇسالېمدىن گۈلدۈرمامىدەك گۈلدۈرلىگەندە، ئاسمان-زېمىن لەرزىگە كېلىدۇ. لېكىن پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ پاناھگاھى، ئىسرائىل خەلقىنىڭ قورغىنى بولىدۇ.


يەھۇدىيەنىڭ بەختكە ئېرىشىشى

17 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئىكەنلىكىمنى، مۇقەددەس تېغىم سىئوندا ياشايدىغانلىقىمنى بىلىسىلەر. يېرۇسالېم مۇقەددەستۇر، يات ئەللەر ئۇ يەرگە يەنە تاجاۋۇز قىلالمايدۇ.

18 ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، تاغلاردىن تاتلىق شەربەت تامىدۇ. ئېدىرلىقلاردا سۈت ئاقىدۇ، يەھۇدىيەدىكى بارلىق جىلغىلاردا سۇلار دولقۇنلايدۇ. پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى بىر بۇلاقتىن سۇ ئېقىپ كېلىپ، شىتتىم ۋادىسىنىڭ قۇرۇق يەرلىرىنى سۇغۇرىدۇ.

19 لېكىن مىسىر قاقاسلىققا، ئىدوم چۆلگە ئايلىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار يەھۇدىيە خەلقىگە زوراۋانلىق قىلىپ، يەھۇدىيە زېمىنىدا گۇناھسىزلارنىڭ قېنىنى تۆكتى.

20 لېكىن يەھۇدىيە مەڭگۈ ياشايدۇ، يېرۇسالېم ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدۇ.

21 مەن پەرۋەردىگار قان قەرزگە بوغۇلغان دۈشمەنلەرنى جازاسىز قويمايمەن. مەن سىئوندا ياشايمەن.»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan