Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

يوئېل 2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


پەرۋەردىگارنىڭ «چېكەتكە قوشۇنى»

1 سىئوندا بۇرغا چېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس تېغىدىن خەلقنى ئاگاھلاندۇرۇڭلار! زېمىندىكى بارلىق ئادەملەر تىترىسۇن! پەرۋەردىگارنىڭ سوراق كۈنى يېقىنلاپ كەلمەكتە، ئاز قالدى.

2 ئۇ كۈن قاراڭغۇ، زۇلمەتلىك ۋە قارا بۇلۇتلۇق كۈندۇر. قاراڭغۇلۇق تاغلارنى قاپلىغاندەك، زور كۈچلۈك قوشۇن زېمىننى قاپلايدۇ. بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىشلار بۇرۇنمۇ بولمىغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بولمايدۇ.

3 ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئوت يانىدۇ، ئارقىسىدىمۇ ئاتەش يالقۇنلايدۇ. ئۇلار كېلىشتىن بۇرۇن زېمىن ئېرەم باغدەك گۈزەل بولسا، كېلىپ كەتكەندىن كېيىن قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ. ھېچنېمە ئۇلاردىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.

4 ئۇلارنىڭ كۆرۈنۈشى ئاتقا ئوخشايدۇ، ئۇلار خۇددى ئۇرۇش ئېتىدەك چېپىپ يۈرۈشىدۇ.

5 ئۇلاردىن جەڭ ھارۋىلىرىدەك چاراسلىغان ئاۋاز چىقىدۇ. ئۇلار تاغ چوققىلىرىدا سەكرەپ يۈرىدۇ. ئۇلاردىن يەنە قۇرۇق پاخال كۆيگەندەك قاراسلىغان ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ. ئۇلار خۇددى ئۇرۇشقا سەپ تۈزگەن چوڭ قوشۇنغا ئوخشايدۇ.

6 خەلق ئۇلارنى كۆرۈپ، ھوشىنى يوقىتىدۇ ۋە چىرايلىرىدا قان قالمايدۇ.

7 ئۇلار ھۇجۇم قىلىۋاتقان باتۇرلارغا، سېپىلغا يامىشىۋاتقان لەشكەرگە ئوخشايدۇ. ئۇلار سەپ بويىچە ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، سەپلىرىنى قەتئىي بۇزمايدۇ.

8 ھېچكىم بىر-بىرىنى قىستاشماي، ھەركىم ئۆز يولىدا ئالدىغا قاراپ ماڭىدۇ. ئۇلار توسۇقلاردىن بۆسۈپ ئۆتىدۇ، ھېچكىم ئۇلارنى توسالمايدۇ.

9 ئۇلار شەھەرگە قاراپ ئېتىلىدۇ، سېپىللارنىڭ ئۈستىدە چېپىشىدۇ. ئۆيلەرگە يامىشىدۇ، دېرىزىلەردىن ئوغرىدەك كىرىدۇ.

10 ئۇلار نەگىلا بارسا، ئاسمان-زېمىن تىترەيدۇ. كۈن، ئاي تۇتۇلىدۇ، يۇلتۇزلارمۇ چاقنىمايدۇ.

11 پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ بۇ خاس «قوشۇن»ىغا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ، ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ سانى يوقتۇر. ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلغانلار كۈچلۈكتۇر. پەرۋەردىگارنىڭ سوراق كۈنى شۇنچىلىك قورقۇنچلۇقتۇر، ئۇنىڭغا كىممۇ بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟


پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتىشقا چاقىرىش

12 پەرۋەردىگار: «ھازىرمۇ روزا تۇتۇڭلار، يىغلاڭلار، ھازا ئېچىڭلار، پۈتۈن قەلبىڭلار بىلەن يولۇمغا قايتىڭلار» دەيدۇ.

13 كىيىمىڭلارنى ئەمەس، قەلبىڭلارنى يىرتىپ، ئۆزگىرىڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ يولىغا قايتىڭلار! چۈنكى ئۇ شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىلدۇر، ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيدۇ، چەكسىز مېھىر-مۇھەببەتلىكتۇر. بالايىئاپەت كەلتۈرۈشنى خالىمايدۇ.

14 كىم بىلىدۇ، بەلكىم ئۇ نىيىتىنى ئۆزگەرتىپ، سىلەرگە ئىچى ئاغرىشى ۋە بەخت ئاتا قىلىپ، مول ھوسۇل بېرىشى مۇمكىن. ئۇ چاغدا سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇنالايسىلەر.

15 سىئون تېغىدا بۇرغا چېلىڭلار، روزا تۇتۇشقا چاقىرىڭلار، مۇقەددەس يىغىلىشنى ئېلان قىلىڭلار.

16 خەلقنى يىغىڭلار، ئۇلار ئۆزلىرىنى پاكلىسۇن. ياشانغانلارنى ۋە بالىلارنى يىغىڭلار، ھەتتا بوۋاقلارمۇ يىغىلسۇن. يېڭى توي قىلغان قىز-يىگىتلەر ھۇجرىلىرىدىن چىقسۇن.

17 پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان روھانىيلار ئىبادەتخانىنىڭ كىرىش ئېغىزى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئارىلىقىغا يىغىلسۇن. ئۇلار مۇنداق دەپ دۇئا قىلسۇن: «ئى پەرۋەردىگار، ئۆز خەلقىڭنى ئايىغايسەن. ئۆز خەلقىڭنى يات ئەللەرنىڭ خورلۇقى ۋە مەسخىرىسىگە قالدۇرمىغايسەن. يات ئەللەرنىڭ: ‹قېنى ئۇلارنىڭ خۇداسى؟› دېگەن سۆزىگە قويمىغايسەن.»


پەرۋەردىگارنىڭ جاۋابى

18 ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار ئۆز زېمىنىغا ئېچىنىپ، خەلقىگە ئىچ ئاغرىتىدۇ.

19 ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرگە ئاشلىق، شاراب ۋە زەيتۇن يېغى بېرىمەن، سىلەرنى تويدۇرىمەن. ئەمدى سىلەرنى باشقا ئەللەردە يەنە خار قىلمايمەن.

20 شىمالدىن كەلگەن دۈشمەننى قوغلاپ چىقىرىمەن، ئۇلارنى قاقاس ۋە چۆل بىر يەرگە قوغلىۋېتىمەن. ئالدىن يۈرەر قوشۇننى ئۆلۈك دېڭىزغا، قالغان قوشۇنلارنى ئوتتۇرا دېڭىزغا غەرق قىلىمەن. ئۇلارنىڭ ئۆلۈكلىرىنىڭ سېسىق پۇرىقى جاھاننى بىر ئالىدۇ.» پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن بۈيۈك ئىشلارنى قىلدى.

21 ئەي زېمىن، قورقما، خۇشال بول، شادلان! چۈنكى پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن بۈيۈك ئىشلارنى قىلدى.

22 ئەي دالادىكى ھايۋانلار، قورقماڭلار، ئوتلاقلار ياپيېشىل كۆكلەيدۇ، مېۋىلىك دەرەخلەر مېۋە بېرىدۇ، ئەنجۈر، ئۈزۈم شاخلىرى مېۋىگە تولىدۇ.

23 ئەي سىئون خەلقى، شادلىنىڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن خۇشاللىق تېپىڭلار. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا يامغۇرلارنى ياغدۇرىدۇ، چۈنكى ئۇ ئىشەنچلىكتۇر. سىلەرگە بۇرۇنقىغا ئوخشاش كۈز ۋە باھار يامغۇرى ياغدۇرۇپ بېرىدۇ.

24 خامىنىڭلار ئاشلىققا تولىدۇ، شاراب ۋە زەيتۇن يېغىڭلار ئىدىشلارغا پاتماي قالىدۇ.

25 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «يېتىلگەن چېكەتكىلەر، تۇخۇمدىن يېڭى چىققان چېكەتكىلەر، تولۇق يېتىلمىگەن چېكەتكىلەر ۋە ياش چېكەتكىلەر يەپ كەتكەن زىرائەتلەرنى ئەمدى مەن سىلەرگە تولۇقلاپ بېرىمەن. ئۇ كۈچلۈك ‹قوشۇن›نى سىلەرگە قارشى مەن ئەۋەتكەنىدىم.

26 سىلەر ئەمدى تويغۇچە يەيسىلەر، مەن، يەنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ نامىنى مەدھىيەلەيسىلەر، چۈنكى مەن سىلەر ئۈچۈن بۈيۈك ئىشلارنى قىلدىم. ئەمدى مېنىڭ خەلقىم قايتا نومۇسقا قالمايدۇ.

27 ئۇ ۋاقىتتا سىلەر مېنىڭ ئىسرائىلىيەدە ئىكەنلىكىمنى، مېنىڭ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئىكەنلىكىمنى ۋە مەندىن باشقا ئىلاھنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر. ئەمدى مېنىڭ خەلقىم بولغان سىلەر قايتا نومۇسقا قالمايسىلەر.»


پەرۋەردىگارنىڭ ئىنسانلارنى ئۆز روھىغا چۆمدۈرۈشى

28 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىشلاردىن كېيىن، مەن پۈتكۈل ئىنسانلارنى ئۆزۈمنىڭ روھىغا چۆمدۈرىمەن، ئوغۇل-قىزلىرىڭلار ۋەھىيلىرىمنى يەتكۈزىدۇ. سۆزلىرىم ياشانغانلارغا چۈشلىرى ئارقىلىق، يىگىتلەرگە غايىبانە ئالامەتلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ.

29 ئاشۇ كۈنلەردە مەيلى قۇل، مەيلى دېدەك بولسۇن، ھەممىسىنى روھىمغا چۆمدۈرىمەن.

30 مەن ئاسمان-زېمىندا مۆجىزە كۆرسىتىمەن، سىلەر قان، ئوت ۋە تۈتۈنلەرنى كۆرىسىلەر.

31 قۇياش غۇۋالىشىدۇ، ئاي قان رەڭگىگە كىرىدۇ. پەرۋەردىگارنىڭ بۈيۈك ۋە ھەيۋەتلىك كۈنى كېلىشتىن بۇرۇن، بۇ ئىشلار يۈز بېرىدۇ.

32 ئۇ چاغدا پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلغانلارنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇلىدۇ.» پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىدەك، سىئون تېغىدا ۋە يېرۇسالېم شەھىرىدە ھايات قالغان كىشىلەر بولىدۇ، ھايات قالغانلار دەل پەرۋەردىگار چاقىرغان كىشىلەردۇر.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan