Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

يوئېل 1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 بۇ پەرۋەردىگاردىن پىتۇئېلنىڭ ئوغلى يوئېلغا كەلگەن ۋەھىيلەردۇر.


چېكەتكە ئاپىتى

2 ئەي ئاقساقاللار، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئەي يەھۇدىيە خەلقى، ئاڭلاڭلار! ئەجدادلىرىڭلارنىڭ ۋە سىلەرنىڭ زامانىڭلاردا يۈز بېرىپ باققانمۇ بۇنداق ئىشلار؟

3 بۇ ئىشلارنى پەرزەنتلىرىڭلارغا سۆزلەپ بېرىڭلار، پەرزەنتلىرىڭلار ئۆزلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىگە سۆزلەپ بەرسۇن. ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىگە سۆزلەپ بەرسۇن.

4 ياش چېكەتكىلەر كېلىپ، بىر قىسىم زىرائەتلەرنى يەپ كەتتى، ئۇلاردىن قالغىنىنى يېتىلگەن چېكەتكىلەر كېلىپ يېدى، ئۇلاردىن قالغىنىنى تۇخۇمدىن يېڭى چىققان چېكەتكىلەر كېلىپ يېدى، ئۇلاردىنمۇ قالغىنىنى تولۇق يېتىلمىگەن چېكەتكىلەر كېلىپ يەپ تۈگەتتى.

5 ئەي مەستلەر، ئويغىنىڭلار، يىغلاڭلار. ئەي مەيخورلار، ھەممىڭلار پەرياد قىلىڭلار. يوقتۇر ئەمدى سىلەرنىڭ ئىچكۈدەك شارابىڭلار!

6 بىر توپ چېكەتكە خۇددى بىر ئەلگە ئوخشاش، زېمىنىمىزغا ھۇجۇم قىلدى. ئۇلار كۈچلۈك ھەم سان-ساناقسىز ئىدى. ئۇلاردا ئەركەك شىرنىڭ چىشلىرى، چىشى شىرنىڭ ئۆتكۈر چىشلىرى بار ئىدى.

7 ئۇلار ئۈزۈمزارلىقىمىزنى ۋەيران قىلدى، ئەنجۈرلۈكىمىزنى پايخان قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ قوۋزاقلىرىنى سويۇپ، پەقەت قۇرۇق شاخلىرىنى قالدۇردى.

8 ئەي خەلقىم، سىلەر توي قىلىشقا پۈتۈشكەن يىگىتى ئۆلۈپ كەتكەن قىزغا ئوخشايسىلەر، ماتەملىك كىيىم كىيىپ، ھازا تۇتۇڭلار.

9 پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىمۇ توختىدى. پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان روھانىيلار ھازا تۇتماقتا.

10 ئېتىزدىكى زىرائەتلەر ۋەيران بولدى، يەرلەر ھازا تۇتماقتا. ئاشلىقلار خاراب بولدى، شاراب تۈگىدى، زەيتۇن يېغىمۇ يوق بولدى.

11 ئەي دېھقانلار، قايغۇرۇڭلار! ئەي باغۋەنلەر، نالە-پەرياد قىلىڭلار! چۈنكى ئېتىزدىكى بۇغداي ۋە ئارپىلار ۋەيران بولدى. پۈتۈن ھوسۇلۇڭلار خاراب بولدى.

12 ئۈزۈم تاللىرى قۇرۇدى، ئەنجۈرلەر سولىشىپ قالدى، باغدىكى ئانار، خورما ۋە ئالما دەرەخلىرى ئۆلدى. كىشىلەردە خۇشاللىقتىن ئەسەرمۇ قالمىدى.


توۋا قىلىشقا چاقىرىش

13 ئەي روھانىيلار، ماتەملىك كىيىم كىيىپ، ھازا تۇتۇڭلار. ئەي قۇربانلىق سۇپىسى ئالدىدىكى خىزمەتكارلار، نالە-پەرياد قىلىڭلار، ئەي خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى، كېچىدە ماتەملىك كىيىمىڭلار بىلەن يېتىڭلار. چۈنكى، ئەمدى خۇدايىڭلارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا سۇنىدىغان ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرى قالمىدى.

14 روزا تۇتۇشقا چاقىرىڭلار، مۇقەددەس يىغىلىشنى ئېلان قىلىڭلار. زېمىنىڭلاردىكى ئاقساقاللار ۋە بارلىق خەلقنى يىغىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا پەرۋەردىگارغا يىغلاڭلار.

15 پەرۋەردىگارنىڭ سوراق كۈنىنىڭ كېلىدىغانلىقىغا ئاز قالدى، ئۇ كۈن شۇنچە دەھشەتلىكتۇر! ئۇ ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان كۈنىدۇر.

16 يېمەكلىكلىرىمىز كۆز ئالدىمىزدا ئېلىپ كېتىلدى. خۇدايىمىزنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى شاد-خۇراملىق غايىب بولدى.

17 ئۇرۇقلار تۇپراقتا سېسىپ كەتتى، زىرائەتلەر قۇرۇپ كەتتى، ئاشلىق ئامبارلىرى بوش قالدى، ئۇلار خاراب بولدى.

18 چارۋا ماللار ئاچلىقتىن نالە قىلماقتا، كالا پادىلىرى ئوت تاپالماي، ھەر تەرەپكە قاترىماقتا، قوي پادىلىرىمۇ قىينالماقتا.

19 ئى پەرۋەردىگار، ساڭا يالۋۇرىمەن، چۈنكى ئوتلاقلارنى ئوت يالماپ كەتتى، دالادىكى دەرەخلەرنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلدى.

20 ياۋايى ھايۋانلارمۇ ھالسىراپ، سەندىن ياردەم كۈتىدۇ. چۈنكى ئېقىنلار قۇرۇپ كەتتى، دالادىكى ئوتلاقلارنى ئوت كۆيدۈرۈپ تۈگەتتى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan