Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئايۇپ 8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


بىلداد: ئايۇپ توۋا قىلىشى كېرەك

1 شۇۋاخلىق بىلداد ئايۇپقا مۇنداق دېدى:

2 «بۇ گەپلەرنى يەنە قاچانغىچە قىلىسەن؟ ئېغىزدىن چىققان سۆزلەر خۇددى بورانغا ئوخشار.

3 ئەجەبا خۇدا ئادالەتنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتەرمۇ؟ ھەممىگە قادىر خۇدا ھەق-ناھەقنى ئارىلاشتۇرۇۋېتەرمۇ؟

4 پەرزەنتلىرىڭ خۇداغا قارشى گۇناھ سادىر قىلغانلىقتىن، ئۇلار تېگىشلىك جازاغا ئۇچرىدى.

5 لېكىن سەن خۇداغا ئىنتىلىسەڭ، ھەممىگە قادىر خۇدادىن ئۆتۈنسەڭ،

6 پاك، توغرا بولساڭ، خۇدا قوزغىلىپ، ساڭا شەپقەت قىلىپ، يۇرت-ماكانىڭنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ گۈللەندۈرىدۇ.

7 دەسلەپكى ئەھۋالىڭ باياشات بولمىسىمۇ، كېيىن گۈللىنىسەن.

8 ئۆتمۈشتە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئويلا. ئەجدادلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى تەتقىق قىل.

9 خۇددى بىز تۈنۈگۈن تۇغۇلغاندەكلا ھېچنېمىنى بىلمەيمىز، بۇ دۇنيادىن خۇددى سايىدەكلا ئۆتۈپ كېتىمىز.

10 نېمە ئۈچۈن سەن ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ تەلىم بېرىشىگە، ئەقىل-پاراسەتلىرىنى ئۆگىتىشىگە يول قويمايسەن؟

11 سازلىق بولمىسا يېكەن ئۆسەمدۇ، قومۇش سۇدىن ئايرىلالامدۇ؟

12 قومۇش ئۆسكەن تەقدىردىمۇ سۇ بولمىسا، ئورۇلماي تۇرۇپلا باشقا ئوت-چۆپلەردىن بالدۇرلا قۇرۇپ كېتىدۇ.

13 خۇدانى ئۇنتۇغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇشۇ قومۇشقا ئوخشاش بولىدۇ. ئىمانسىزلار ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ۋەيران بولىدۇ.

14 ئۇلارنىڭ ئىشىنىدىغىنى قىلدەك ئىنچىكە ئۆمۈچۈك تورىدۇر.

15 ئۇلار ئۆمۈچۈك تورىغا يۆلەنسە، ئۆمۈچۈك تورى ئۇلارنى يۆلەپ تۇرالماس، بايلىققا تايانسا، ئۇ تايانچ بولالماس.

16 ئۇلار خۇددى قۇياش نۇرىدا باراقسان ئۆسكەن ئۆسۈملۈكتەك باغنى قاپلايدۇ.

17 يىلتىزلىرى تاش دۆۋىلىرىگە چىرمىشىپ، تاشلار ئاستىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

18 لېكىن ئۇلار يۇلۇپ تاشلانسا، خۇددى ئۆسكەن يېرى ‹ئۇلارنى كۆرمىدۇق› دېگەندەك، ئۇلار مەۋجۇت بولمىغاندەك بولىدۇ.

19 مانا، ئىمانسىزلارنىڭ ئۆمۈرلۈك خۇشاللىقى شۇنداق ئاخىرلىشىدۇ، ئۇلارنىڭ ئورنىنى باشقىلار ئىگىلەيدۇ.

20 بەرھەق، خۇدا دۇرۇس ئادەملەرنى تاشلىمايدۇ، رەزىللەرنى يۆلىمەيدۇ.

21 پەرۋەردىگار سېنىڭ ئاغزىڭنى كۈلكىدىن يېپىلماس قىلىۋېتىدۇ، شادلىقىڭ ئۈزۈلمەيدۇ.

22 ساڭا نەپرەتلەنگەنلەر نومۇستا قالىدۇ، رەزىللەرنىڭ چېدىرلىرى ۋەيران بولىدۇ.»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan