Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئايۇپ 7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 بۇ دۇنيادىكى ئىنسان ھاياتى مۇشەققەتلىك ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ كۈنلىرى مەدىكارنىڭ كۈنلىرىگە ئوخشىماسمۇ؟

2 ئۇ سايىگە تەشنا بولغان قۇلغا، ھەققىنى كۈتۈپ تۇرغان مەدىكارغا ئوخشايدۇ.

3 شۇنىڭغا ئوخشاش، مېنىڭ پېشانەمگىمۇ مەنىسىز كۈنلەر، ئېچىنىشلىق كېچىلەر پۈتۈلگەندۇر.

4 ياتقان ۋاقتىمدا ‹قاچان تاڭ ئاتار؟› دەپ ئويلايمەن، بىراق كېچە ئۇزۇندۇر، ئۇيقۇسىز ئېغىناپ تاڭنى كۈتىمەن.

5 تەنلىرىمنى جاراھەت بېسىپ، قۇرتلاپ كەتتى، تېرىلىرىم شەلۋەرەپ، يىرىڭلاپ كەتتى.

6 كۈنلىرىم باپكارنىڭ موكىسىدىنمۇ تېز ئۆتمەكتە ھەم ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئاخىرلاشماقتا.

7 ئى خۇدا، ھاياتىمنىڭ پەقەت بىر تىنىق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇمىغىن، كۆزلىرىم ئەمدى بەختنى قايتا كۆرەلمەيدۇ.

8 سەن ھازىر مېنى كۆرەلەيسەن، لېكىن كېيىن كۆرەلمەيسەن. سەن ماڭا نەزىرىڭنى ئاغدۇرغاندا، مەن ئاللىقاچان بۇ دۇنيادىن يوقالغان بولىمەن.

9 ئادەم گۆرگە كىرسە، خۇددى تاراپ كەتكەن بۇلۇتتەك، قايتىپ كەلمەيدۇ.

10 ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەلمەيدۇ، يۇرتىدىكى كىشىلەرمۇ ئۇنى ئەسكە ئالمايدۇ.

11 شۇڭا مەن ئۈنسىز تۇرالمايمەن، يۈرىكىمدىكى ھەسرەتلىرىمنى ئېيتىمەن، قەلبىمدىكى ئازابلىرىمنى تۆكىمەن.

12 ئى خۇدا، مېنى نىچۈن كۆزىتىپ تۇرىسەن؟ ئەجەبا مەن دېڭىزدىكى قورقۇنچلۇق مەخلۇقمىدىم؟

13 ئورۇن-كۆرپەم ماڭا راھەت بېغىشلايدۇ، تۆشىكىم دەردىمگە دەرمان بولىدۇ دەپ ئويلىسام،

14 چۈشلىرىمدە قورقۇتىسەن، غايىبانە ئالامەتلىرىڭ بىلەن ۋەھىمىگە سالىسەن.

15 بۇنداق ھالەتتە ياشىغاندىن، بوغۇلۇپ ئۆلۈۋېلىشنى ئارتۇق كۆرىمەن.

16 جېنىمدىن جاق تويدۇم، داۋاملىق ياشاشقا رايىم يوق. كۈنلىرىم نەپەستەك قىسقا بولسا، مېنى ئۆز ئىختىيارىمغا قوي.

17 ئىنسان دېگەن قانچىلىك نەرسە ئىدى، سەن ئۇنى شۇنچە مۇھىم بىلگۈدەك، ئۇنىڭغا شۇنچە دىققەت قىلغۇدەك،

18 ھەر سەھەردە ئۇنى كۆزەتكۈدەك، ھەر دائىم سىنىغۇدەك؟

19 قاچان ماڭا نەزەر سالماي، تۈكۈرۈكۈمنى يۇتقۇدەك پۇرسەت بېرىسەن؟

20 ئىنسانلارنى كۆزەتكۈچى ئى خۇدا، گۇناھ قىلغان بولسام، بۇ ساڭا زىيان سالدىمۇ؟ نىچۈن مېنى ئوقۇڭغا نىشان قىلدىڭ؟ ئەجەبا مەن ساڭا يۈك بولۇپ قالدىممۇ؟

21 نىچۈن قىلمىشلىرىمنى كەچۈرۈم قىلىپ، گۇناھلىرمنى ساقىت قىلمايسەن؟ تېنىم تۇپراققا بەخشەندە بولغاندا، مېنى ئىزدىسەڭمۇ تاپالمايسەن.»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan