ئايۇپ 40 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 پەرۋەردىگار ئايۇپقا يەنە مۇنداق دېدى: 2 «ئەي تاكاللاشقۇچى، ھەممىگە قادىر مەن خۇدايىڭ بىلەن يەنە تاكاللاشماقچىمۇسەن؟ خۇدا بىلەن گەپ تالاشقۇچى ئەمدى جاۋاب بەرگىنە.» ئايۇپنىڭ پەرۋەردىگارغا بەرگەن جاۋابى 3 ئايۇپ پەرۋەردىگارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: 4 «مەن ئەرزىمەس بىر ئادەم، ساڭا قانداقمۇ جاۋاب بېرەلەيمەن؟ مەن ئەمدى ئېغىزىم ئاچمايمەن. 5 كۆپ گەپ قىلدىم، ئەمدى باشقا گېپىم يوق.» پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇشى 6 شۇ چاغدا پەرۋەردىگار قۇيۇننىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئايۇپقا مۇنداق دېدى: 7 «بېلىڭنى چىڭ باغلاپ، ئەركەكتەكتۇر! مەن سوئال سورايمەن، سەن جاۋاب بېرىسەن. 8 سەن مېنىڭ ئادالىتىمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۆزۈڭنى ئادىل دەپ مېنى ئەيىبلىمەكچىمۇ؟ 9 سەندە مەن خۇدايىڭنىڭكىدەك بىلەك بارمۇ؟ سېنىڭ ئاۋازىڭ مېنىڭ گۈلدۈرمامىغا ئوخشايدىغان ئاۋازىمدەك ئاڭلىنامدۇ؟ 10 شان-شەرەپ ۋە سالاپىتىڭنى كۆرسىتىپ، ھۆرمەت ۋە ھەيۋىتىڭنى كىيىپ باققىنا. 11 كۈچلۈك غەزىپىڭنى قوزغاپ ياغدۇرۇپ باققىنا، ھاكاۋۇرلارنى تېپىپ، ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى يوقىتىپ باققىنا. 12 ھاكاۋۇرلارنى تېپىپ، ئۇلارنى بويسۇندۇرۇپ كەمتەر قىلغىن. رەزىللەرنى ئۆز يېرىدە دەسسەپ چەيلىگىن. 13 ئۇلارنى بىرلىكتە يەرگە كۆمۈپ، گۆرنىڭ ئاغزىنى ئېتىۋەت. 14 شۇنداق قىلساڭلا، ئوڭ قولۇڭنىڭ ئۆزۈڭنى قۇتقۇزالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. 15 بىھېموتقا قارا، ئۇنىمۇ، سېنىمۇ مەن ياراتقان. ئۇ كالىغا ئوخشاش چۆپ يەيدۇ. 16 ئۇنىڭ بېلىنىڭ مادارىغا قارا، قورساق مۇسكۇللىرىنىڭ كۈچىنى كۆر. 17 قۇيرۇقى كېدىر دەرىخىدەك قاتتىق، پۇتىنىڭ پەيلىرى چىڭ، 18 ئۇستىخانلىرى تۇچ نوردەك، تۆت پۇتى تۆمۈر كۆتەكتەك تۇرىدۇ. 19 مەن ياراتقان جانىۋارلار ئىچىدە ئۇ ھەممىدىن بۈيۈكى بولۇپ، پەقەت مەن ياراتقۇچى خۇدالا ئۇنى قىلىچىم بىلەن يېڭەلەيمەن. 20 تاغ تىزمىلىرى ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق ماكانىدۇر، ئۇ يەردە نۇرغۇنلىغان ياۋايى ھايۋانلار ئوينار. 21 ئۇ چاتقاللارنىڭ ئاستىدا ياتىدۇ، سازلىقتىكى قومۇشلار ئارىسىغا يوشۇرۇنىدۇ. 22 چاتقاللار ئۇنىڭغا سايە بەرسە، ئېرىق بويلىرىدىكى سۆگەتلەر ئۇنى قورشاپ تۇرىدۇ. 23 دەريا سۈيى شىددەتلىك ئاقسىمۇ ئۇ ھودۇقۇپ كەتمەيدۇ، ئىئوردان دەرياسى تېشىپ قىرغاقلىرىغىچە كۆتۈرۈلسىمۇ، ئۇ ئەنسىرەپ كەتمەيدۇ. 24 ئۇ سەگەك ۋاقتىدا كىم ئۇنى تۇتالايدۇ؟ ئۇنىڭ بۇرنىغا كىم چۈلۈك ئۆتكۈزەلەيدۇ؟» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti