Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئايۇپ 4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئەلىفاز: گۇناھسىزلار بالا-قازاغا يولۇقماس

1 تېمانلىق ئەلىفاز مۇنداق دېدى:

2 «سەن بىلەن سۆزلەشسەم بىزارلىق ھېس قىلامسەن؟ لېكىن كىممۇ سۆزلىمەي چىداپ تۇرالايدۇ؟

3 بىلىمەن، سەن نۇرغۇن ئادەملەرگە بىلىم بېرىپ، ئاجىز قوللارنى مۇستەھكەم قىلدىڭ.

4 سۆزلىرىڭ يىقىلغانلارنى يۆلىدى، ئاجىز تىزلارنى مەزمۇت قىلدى.

5 ئەمدى ساڭا ئاپەت يېقىنلاشسا ئۆزۈڭدىن ئۈمىدسىزلەندىڭ، بېشىڭغا بالا كەلسە ئۇنىڭدىن ھودۇقتۇڭ.

6 خۇداغا بولغان ئىخلاسمەنلىكىڭ ساڭا ئىشەنچ بەرمەمدۇ؟ دۇرۇس ئادەم بولۇشۇڭ ساڭا ئۈمىد بەرمەمدۇ؟

7 ئويلاپ باق، قايسى گۇناھسىز ۋاقىتسىز جېنىدىن جۇدا بولغان؟ قايسى دۇرۇس ئىنسان ۋەيران قىلىنغان؟

8 مەن كۆردۈمكى، كىم بالا تېرىسا بالا شۇنىڭ بېشىغا كېلىدىكەن، زەھەرلىك ئۇرۇق تېرىغانلار زەھەرلىك ھوسۇل ئالىدىكەن.

9 خۇدانىڭ بىر نەپىسى بىلەن ئۇلار ھالاك بولىدۇ، خۇدانىڭ غەزىپى تۇتسا جېنىدىن جۇدا بولىدۇ.

10 گەرچە رەزىللەر غالجىر شىرغا ئوخشاش ناھايىتى كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن خۇدا ئۇلارنىڭ چىشلىرىنى سۇندۇرىدۇ.

11 شىر ئوۋ ئوۋلىيالماي ئۆلۈپ كەتكەندە، كۈچۈكلىرى ھەر تەرەپكە تارقىلىپ كېتىدۇ.

12 ماڭا غايىبتىن بىر ئاۋاز كېلىپ، قۇلىقىمغا شىۋىرلاشلىرى ئاڭلاندى.

13 كىشىلەر غەرق ئۇيقۇدا، كېچىنىڭ قالايمىقان چۈشلىرى قاينىمىدا ياتاتتى.

14 شۇ چاغ مېنى دەھشەتلىك بىر قورقۇنچ باستى، پۈتۈن بەدىنىم تىترەپ كەتتى.

15 يۈزۈمنى بىر روھ سىلاپ ئۆتتى، قورققىنىمدىن تېنىمدىكى تۈكلەرمۇ ھۈرپىيىپ كەتتى.

16 ئۇ نامەلۇم روھ توختىدى، ئەمما مەن يۈزىنى كۆرەلمىدىم. بىر سىيما كۆز ئالدىمدا تۇراتتى، ئاۋازىنى جىمجىت تۇرۇپ ئاڭلىدىم:

17 ‹ئىنسان خۇدانىڭ ئالدىدا ھەققانىي بولالامدۇ؟ ياراتقۇچىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى پاك دېيەلەمدۇ؟›

18 خۇدا ئەرشتىكى خىزمەتكارلىرىغا ئىشەنمەيدىغان تۇرسا، ھەتتا ئۇ پەرىشتىلىرىدىنمۇ خاتالىق تاپقان تۇرسا.

19 شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇ لايدىن ياسالغان، توپىدىن يارىتىلغان، ھەتتا كۈيىدەك ئاجىز ئادەمگە قانداقمۇ ئىشەنسۇن؟

20 ئۇلار ئاخىرى تاڭ بىلەن شام ئارىلىقىدا ۋەيران بولىدۇ، مەڭگۈلۈككە غايىب بولىدۇ، ھېچكىم ئۇلارغا پەرۋا قىلمايدۇ.

21 چېدىرىڭلارنىڭ ئارغامچىسى ئۈزۈۋېتىلگەندەك، ئۇلارمۇ دانالىققا ئېرىشەلمەي ئۆلىدۇ.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan