ئايۇپ 37 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىئەلىھۇنىڭ خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى جاكارلىشى 1 «شۇڭا مېنىڭ يۈرىكىم تىترەپ، كۆكرەك قەپىسىمدە تېپىرلىماقتا. 2 ئۇنىڭ ئاۋازىنىڭ گۈلدۈرلىشىگە قۇلاق سالغىن، ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان قاراسلىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ باققىن. 3 چاقماقلىرىنى پۈتۈن كۆكتىن كېسىپ ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭ نۇرلىرىنى زېمىننىڭ ئەڭ چېتىگە ئاپىرىدۇ. 4 ئاندىن ئۇنىڭ ئاۋازىنىڭ گۈلدۈرلىشىنى ئاڭلىتىپ، ئۆزىنىڭ ھەيۋەتلىك ئاۋازىنى نامايان قىلىدۇ. ئۇ ئاۋاز چىقارسىلا چاقماق تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. 5 خۇدا ئۆز ئاۋازى بىلەن ئاجايىپ گۈلدۈرماما پەيدا قىلىدۇ، بىز ئۇنىڭ قىلغان ئۇلۇغ ئىشلىرىنى چۈشىنىشكە قادىر ئەمەسمىز. 6 خۇدا قارنى زېمىنغا، قاتتىق يامغۇرنى يەرگە تۆكۈلۈشكە بۇيرۇق قىلىش ئارقىلىق 7 ئىشلەمچىلەرنى ئىشتىن توختىتىپ، پۈتكۈل ئىنسانلارغا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ ئىشلىرىنى بىلدۈرىدۇ. 8 ياۋايى ھايۋانلار ئۇۋىلىرىغا كىرىۋېلىپ، ئۆڭكۈرلىرىدە قالىدۇ. 9 بوران-چاپقۇن جەنۇبىي ئوردىسىدىن كەلسە، سوغۇق ئېقىم شىمالدىن كېلەر. 10 خۇدانىڭ نەپىسى مۇز پەيدا قىلىپ، چەكسىز سۇ يۈزىنى مۇزلىتىدۇ. 11 ئۇ قويۇق قارا بۇلۇتلارنى سۇ دانچىلىرىغا تولدۇرۇپ، بۇلۇتلاردىن چاقماق چاقتۇرىدۇ. 12 بۇلۇت خۇدانىڭ بۇيرۇقى بىلەن زېمىننىڭ ئۈستىدە ئايلىنىپ ۋە ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىپ، 13 زېمىننى جازالايدۇ ياكى ئۇنىڭغا شەپقەت ياغدۇرىدۇ. 14 ئەي ئايۇپ، قۇلاق سالغىن، بىر پەس جىم تۇرۇپ خۇدانىڭ ئۇلۇغ ئىشلىرى توغرۇلۇق ئويلانغىن. 15 خۇدانىڭ قانداق بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، بۇلۇتلاردىن چاقماق چىقىرىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟! 16 سەن مۇكەممەل بىلىمنىڭ مەنبەسى بولغان خۇدانىڭ مۆجىزىلىرىنى، يەنى بۇلۇتلارنى قانداق لەيلىتىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟! 17 جەنۇب شامىلى زېمىننى ئىسسىتقاندا، كىيىم بىلەن تەرلەپ كېتىسەن، بۇنىڭ نېمە ئۈچۈنلۈكىنى بىلەمسەن؟ 18 سەنمۇ خۇداغا ئوخشاش تۇچ ئەينەكتەك ئاسماننى يايالامسەن؟ 19 خۇدا بىلەن قانداق سۆزلىشىشنى ئۆگەتكىن، بىز نادان، خۇدا بىلەن مۇنازىرىلىشىشنى بىلمەيمىز. 20 بىر ئادەم خۇداغا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتسا بولامدۇ؟ بۇنداق قىلىش ئۆزىنى ھالاك قىلىش ئەمەسمۇ؟ 21 شاماللار ئاسماندىكى بۇلۇتلارنى سۈرۈپ كەتكەندىن كېيىن، قۇياشنىڭ كۈچلۈك نۇرىغا ھېچكىم قارىيالمايدۇ. 22 خۇدا شىمالدىن ئالتۇن رەڭلىك نۇر بىلەن كېلىدۇ، ئۇلۇغ ھەيۋىسى بىلەن كېلىدۇ. 23 ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى شۇنچىلىك چەكسىز تۇرسا، بىز ئۇنىڭغا قانداقمۇ يېقىنلىشالايمىز؟ ئۇ ھەمىشە ئادالەت ۋە ھەققانىيەت بىلەن ئىش قىلىپ، ھېچكىمگە زۇلۇم سالمايدۇ. 24 شۇڭا كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدۇ، خۇدا ئۆزىنى دانا چاغلايدىغانلارنى ئېتىبارغا ئالمايدۇ.» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti