Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئايۇپ 35 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئەلىھۇنىڭ ئايۇپنى داۋاملىق ئەيىبلىشى

1 ئەلىھۇ يەنە مۇنداق دېدى:

2 «ئەي ئايۇپ، سەن مېنىڭ دۇرۇس، خۇدانىڭ خاتا، دېگەنىدىڭ، سېنىڭچە بۇ توغرىمۇ؟

3 سەن خۇداغا: ‹گۇناھسىزلىقىم ماڭا نېمە پايدا ئېلىپ كېلىدۇ؟ گۇناھ سادىر قىلمىسام قانداق ياخشىلىققا ئېرىشىمەن؟› دېگەنىدىڭ.

4 ساڭا ۋە سېنىڭ دوستلىرىڭغا مەن جاۋاب بېرەي.

5 ئاسمانغا قارا، ئېگىزدىكى بۇلۇتلارغا قاراپ باق.

6 ئەگەر سەن گۇناھ قىلساڭ خۇداغا قانداق زەرەر يېتەر؟ گۇناھلىرىڭ دۆۋىلىنىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ خۇداغا نېمە تەسىرى بولسۇن؟

7 ئەگەر سەن ھەققانىي بولساڭ، خۇداغا نېمە پايدىسى بولسۇن؟ خۇدا سەندىن نېمە مەنپەئەت ئالسۇن؟

8 سېنىڭ گۇناھلىرىڭ پەقەت ئىنسانلارغىلا زىيان يەتكۈزىدۇ، ھەققانىيىتىڭ پەقەت پانىي دۇنيادىكى ئىنسانلارغىلا مەنپەئەت بېرىدۇ.

9 كىشىلەر خىلمۇخىل زۇلۇملارغا ئۇچرىغاندا ۋارقىرايدۇ. ھوقۇقدارلارنىڭ بېسىمىغا دۇچ كەلگەنلەر ياردەم تىلەيدۇ.

10 لېكىن ھېچكىم: ‹مېنى ياراتقان خۇدا نەدە؟› دەپ سورىمايدۇ. كېچىلىرى ئۆزلىرىگە ئۈمىد بەرگەن خۇداغا ئىلتىجا قىلمايدۇ.

11 خۇدا ئىنساننى ھايۋاندىن ئەقىللىق ياراتتى. ئاسماندىكى قۇشلاردىنمۇ پاراسەتلىك قىلدى.

12 لېكىن ئۇلار رەزىل ۋە ھاكاۋۇر بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ياردەم سوراپ ئىلتىجا قىلغاندا، خۇدا ئۇلارغا جاۋاب بەرمەيدۇ.

13 خۇدا ساختا نىدالارغا قۇلاق سالمايدۇ، ھەممىگە قادىر خۇدا ئۇلارغا پەرۋا قىلمايدۇ.

14 شۇڭا سەن: ‹مەن خۇدانى كۆرمىدىم، مېنىڭ ئىشلىرىم ئۇنىڭ ئالدىغا يېتىپ بارغان بولسىمۇ، ئۇ مېنى ساقلىتىدۇ› دېسەڭ، ئۇ چوقۇم پەرۋا قىلمايدۇ.

15 سەن يەنە: ‹خۇدا گۇناھكارلارنى غەزىپى بىلەن جازالىمايدۇ، ئۇلار بىلەن كارى بولمايدۇ› دەيسەن.

16 ئەي ئايۇپ، سېنىڭ ئېغىز ئېچىپ بۇلارنى دېيىشىڭ بىمەنىلىكتۇر، كۆپ سۆزلىرىڭ ئەھمىيەتسىزدۇر!»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan