Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئايۇپ 34 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئەلىھۇ: خۇدا ھەرگىز رەزىللىك قىلمايدۇ

1 ئەلىھۇ يەنە مۇنداق دېدى:

2 «ئەي ئۆزىنى دانىشمەن سانايدىغانلار، سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار. ئەي ئۆزىنى ئەقىللىق دەپ ئويلىغانلار، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار.

3 تىل تائامنىڭ تەمىنى تېتىغاندەك، قۇلاق سۆزلەرنى پەرقلەندۈرىدۇ.

4 بىز ھەقىقەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈپ باقايلى. بىرلىكتە نېمىنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنى تونۇپ باقايلى.

5 ئايۇپ: ‹مەن گۇناھسىز، خۇدا ماڭا ئادىل بولمىدى.

6 گەرچە مېنىڭ يوللۇق بولسىمۇ، لېكىن مېنى يالغانچى دەپ قارىدى. ئەيىبسىز بولساممۇ، ماڭا ئەجەللىك زەربە بەردى› دەيدۇ.

7 ئايۇپتەك يەنە بىرى بارمۇ؟ ئاغزىدىن كۇپۇرلۇق سۇدەك ئاقىدۇ.

8 ئۇ رەزىللەرنىڭ ئارىسىدا بولدى، يامانلارغا ھەمراھ بولدى.

9 ئۇ مۇنداق دېگەنىدى: ‹خۇدانى خۇرسەن قىلىشنىڭ ھېچبىر پايدىسى يوق›.

10 شۇڭا ئاقىللار سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار، خۇدا ھەرگىز رەزىللىك قىلمايدۇ. ھەممىگە قادىر خۇدا ھەرگىز ئادالەتسىزلىك قىلمايدۇ.

11 ئۇ ئادەمنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ ئىش كۆرىدۇ. ئادەمنىڭ ھەرىكىتىگە يارىشا جازا ياكى ئىنئام بېرىدۇ.

12 خۇدا ھەرگىز رەزىللىك قىلمايدۇ، ھەممىگە قادىر خۇدا ئادالەتنى زىنھار ئاستىن-ئۈستۈن قىلمايدۇ.

13 بىركىم ئۇنى يەر-زېمىننى باشقۇرۇشقا، بۇ دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ئەۋەتكەنمىدى؟

14 ئەگەر خۇدا ئۆزىنىڭ روھىنى ۋە نەپىسىنى قايتۇرۇۋېلىشنى قارار قىلسا،

15 بارلىق ھاياتلىق بىراقلا ھالاك بولۇپ، ئىنسانلار تۇپراققا قايتقان بولار ئىدى.

16 ئەقىللىق بولساڭ سۆزۈمنى ئاڭلا، سۆزلىرىمگە قۇلاق سال.

17 خۇدا ئادالەتتىن نەپرەتلەنگەن بولسا، ھۆكۈمران بولالامدۇ؟ سەن ھەققانىي ۋە بۈيۈك خۇدانى ئەيىبلەمسەن؟

18 ئۇ پادىشاھلارنى ‹يارىماس›، ئېسىلزادىلەرنى ‹رەزىللەر› دېيەلەيدۇ.

19 ئۇ ھۆكۈمرانلارغا يان باسمايدۇ، باينى كەمبەغەلدىن ئۈستۈن كۆرمەيدۇ. چۈنكى ئۇ ھەممىنى ئۆز قولى بىلەن ئاپىرىدە قىلغاندۇر.

20 ئۇلار توساتتىن ئۆلۈپ كېتىدۇ، تۈن يېرىمىدا بىر سىلكىنىپلا ئۆلۈپ كېتىدۇ، مۆتىۋەرلەرمۇ ئىنساننىڭ ياردىمىسىز يوق قىلىنىدۇ.

21 خۇدا ئىنسانلارنىڭ يولىنى كۆزىتىپ، پۈتكۈل قەدەملىرىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ.

22 رەزىللەر يوشۇرۇنغۇدەك قاراڭغۇلۇق ياكى يوشۇرۇن جاي تاپالمايدۇ.

23 خۇدانىڭ ئىنسانلارنى ئۆزىنىڭ ئالدىدا سوتلىشى ئۈچۈن تەپسىلىي كۆزىتىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.

24 ئۇ ھوقۇقدارلارنى تەكشۈرمەستىن يىقىتىپ، ئورنىغا باشقىلارنى قويالايدۇ.

25 ئەلۋەتتە، خۇدا ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى بىلىدۇ. ئۇلارنى كېچىدە يىقىتىپ، بىتچىت قىلالايدۇ.

26 خۇدا ئۇلارنىڭ رەزىللىكى ئۈچۈن ئۇلارنى ئوچۇق-ئاشكارا ئۇرىدۇ.

27 چۈنكى ئۇلار خۇدادىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇنىڭ ھەق يولىدىن چەتنىدى.

28 ئاشۇ رەزىللەرنىڭ دەستىدىن نامراتلارنىڭ نىدالىرى خۇداغا يېتىپ باردى. ئۇ موھتاجلارنىڭ نىدالىرىنى ئاڭلايدۇ.

29 ئەگەر خۇدا سۈكۈتتە تۇرۇۋالسا، كىممۇ ئۇنى تەنقىد قىلالايدۇ؟ ئەگەر ئۇ دىدارىنى يوشۇرۇۋالسا، كىممۇ ئۇنى كۆرەلەيدۇ؟ لېكىن ئۇ مەيلى بىر ئادەم، مەيلى بىر خەلق بولسۇن، ئۇ ھەممىسىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ،

30 خەلقلەرنى قىلتاققا دەسسەتمەسلىك ئۈچۈن ئىمانسىزلارنىڭ پادىشاھ بولۇشىغا يول قويمايدۇ.

31 كىم خۇداغا: ‹مەن گۇناھىمنى ئۈستۈمگە ئالدىم، ئەمدى خاتالىق سادىر قىلمايمەن،

32 بىلمەيدىغانلىرىمنى ماڭا ئۆگەتكىن، ئەگەر مەن رەزىللىك قىلغان بولسام، قايتا قىلمايمەن› دەپ باقتى؟

33 ئەجەبا، سەن ئۇنىڭ يولىنى تۇتمىساڭ، خۇدا سېنىڭ رايىڭغا باقامدۇ؟ تاللاشقا دۇچ كەلگىنى سەن، مەن ئەمەسمەن! سەنمۇ پىكىرىڭنى دەپ باققىن.

34 ئاقىللار ۋە سۆزۈمنى ئاڭلىغان دانىشمەنلەر مۇنداق دەيدۇ:

35 ‹ئايۇپ بىلىمسىزلەردەك گەپ قىلدى، ئۇنىڭ سۆزلىرى ئەھمىيەتسىزدۇر.

36 ئايۇپ رەزىللەردەك جاۋاب بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئاخىرغىچە سىنالسۇن.

37 ئايۇپ ئاسىيلىق قىلىپ، گۇناھىغا يەنە گۇناھ قوشتى، ئۇ ئارىمىزدا تۇرۇپ خۇدانى مەسخىرە قىلىپ، ئۇنىڭغا قارشى نۇرغۇن سۆزلەرنى قىلدى.›»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan