Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئايۇپ 31 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئايۇپنىڭ ئاخىرقى قېتىم ئۆزىنى ئاقلىشى

1 «مەن قىز-ئاياللارغا شەھۋانىيلارچە قارىمايمەن، دەپ كۆزلىرىم بىلەن ئەھدە تۈزدۈم.

2 مەن ئەرشتىكى خۇدادىن ئالىدىغان نېسىۋەم نېمە؟ ھەممىگە قادىر ئەرشئەلادىكى خۇدانىڭ ماڭا بېرىدىغان ئۈلۈشى نېمە؟

3 ئەجەبا ئادالەتسىزلەرگە ئاپەت، رەزىللەرگە بالا-قازا بەرمەسمۇ؟

4 خۇدا ماڭىدىغان يولۇمنى كۆزىتىپ، پۈتكۈل باسقان قەدەملىرىمنى سانىماسمۇ؟

5 مەن قانداقسىگە ساختىلار بىلەن بىرگە سەپەر قىلىمەن؟ قەدەملىرىم قانداقلارچە كاززاپلارغا ئەگەشسۇن؟

6 خۇدانىڭ مېنى ئادالەتنىڭ ئادىل تارازىسىغا سېلىپ، مېنىڭ پاك ئىكەنلىكىمنى بىلىشىنى خالايمەن.

7 ئەگەر پۇتۇم ھەقىقەت يولىدىن چەتنەپ، كۆزلىرىم يامانلىققا ئىنتىلىپ، قوللىرىم جىنايەت بىلەن بۇلغانغان بولسا،

8 زىرائەتلىرىم باشقىلارغا نېسىپ بولسۇن. ئېتىزدىكى زىرائەتلىرىم يىلتىزى بىلەن يۇلۇپ تاشلانسۇن.

9 ئەگەر قەلبىم ئاياللارغا مەستانە بولۇپ، قوشنامنىڭ ئىشىكى ئالدىدا پايلاپ تۇرغان بولسام،

10 ئايالىم باشقىلارنىڭ بۇغدىيىنى يانجىسۇن، باشقىلارنىڭ قوينىدا ياتسۇن.

11 چۈنكى بۇ چوڭ رەزىللىك، سوتقا تارتىلىدىغان جىنايەتتۇر.

12 ئۇ ھالاكەتلىك ئوتقا ئايلىنىپ، پۈتۈن بىساتىمنى يالماپ يۇتىدۇ.

13 چاكارلىرىم ئۈستۈمدىن ئەرز قىلسىمۇ، ئادىل مۇئامىلە قىلىمەن.

14 بولمىسا خۇدا ھېساب ئالغاندا قانداق قىلىمەن؟ سوراق قىلغاندا قانداق جاۋاب بېرىمەن؟

15 مېنى ياراتقان خۇدا ئۇلارنىمۇ ياراتمىدىمۇ؟ ئۇ بىزنى ئانىمىزنىڭ قورسىقىدا ئاپىرىدە قىلمىدىمۇ؟

16 مەن يوقسۇللارنىڭ ئۆتۈنۈشىنى رەت قىلىپ، تۇل خوتۇنلارنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويدۇممۇ؟

17 ياكى تائاملىرىمنى يالغۇز ئۆزۈملا يەپ، يېتىملەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىدىممۇ؟

18 مەن ياشلىقىمدىنلا يېتىملەرگە ئاتا بولدۇم، ئۆمرۈم بويى تۇل خوتۇنلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدىم.

19 ئەگەر بىرسىنىڭ كىيىمسىز توڭلاپ ئۆلمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى، ياكى ئۇچىسى يالاڭ يوقسۇلنى كۆرۈپ تۇرۇپ،

20 قوي يۇڭلىرىمنى ئۇنىڭ ئىسسىنىشى ئۈچۈن بەرمەي، ئۇنى نارازى قىلغان بولسام،

21 شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى ھوقۇقۇمدىن پايدىلىنىپ، يېتىملەرگە قول كۆتۈرگەن بولسام،

22 بىلىكىم مۈرەمدىن ئاجراپ كەتسۇن، قولۇم سۇنۇپ كەتسۇن.

23 مەن بۇنداق ئىشلارنى قىلمىدىم. چۈنكى مەن خۇدانىڭ بالا-قازاسىدىن قورقىمەن، ئۇنىڭ ھەيۋىسىنى كۆتۈرەلمەيمەن.

24 ئەگەر مەن ئالتۇنغا ئۈمىد باغلاپ، ئالتۇننى يۆلەنچۈك قىلغان بولسام،

25 بايلىقىمنىڭ كۆپلۈكىدىن، مال-مۈلۈكۈمنىڭ زىيادىلىكىدىن پەخىرلەنگەن بولسام،

26 پارلاق قۇياشنى، ھەرىكەتلىنىۋاتقان تولۇن ئاينى كۆرۈپ،

27 قەلبىمدىن ئۇلارغا يوشۇرۇن مەستانە بولۇپ، ئۇلارغا چوقۇنۇپ، قولۇمنى سۆيگەن بولسام،

28 سوراققا لايىق گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولاتتىم، چۈنكى بۇ ئەرشتىكى خۇدادىن تانغانلىقتۇر.

29 مەن قانداقسىگە دۈشمەننىڭ بالاسىدىن شادلىناي، ئۇلارنىڭ قازاسىدىن خۇشاللىناي؟

30 مەن ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىنى تىلەپ قارغىمىدىم، ئېغىز گۇناھى ئۆتكۈزۈشتىن ساقلاندىم.

31 چېدىرىمدىكىلەر ئەزەلدىن مېنىڭ باشقىلارنى ئاچ قالدۇرمىغىنىمغا گۇۋاھتۇر.

32 ئىشىكىم يولدىن ئۆتكەنلەرگە ئوچۇق بولدى، ھېچكىم سىرتتا قونۇپ قالمىدى.

33 باشقىلار ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى يوشۇرىدۇ، لېكىن مەن گۇناھلىرىمنى ھەرگىز يوشۇرۇپ باقمىدىم.

34 ئەجەبا، مەن جامائەتتىن قورقۇپ، جەمەتىمنىڭ كەمسىتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۆيدىن چىقماي، ئۈن-تىنسىز يۈردۈممۇ؟!

35 كاشكى، ئەرزىمنى ئاڭلايدىغان بىرى بولسا ئىدى! قارا، بۇ يەرگە ئىمزايىمنى قويدۇم، ھەممىگە قادىر خۇدا ماڭا جاۋاب بەرسۇن! ئۈستۈمدىن ئەرز قىلغۇچى ئەرزىنى يازسۇن!

36 مەن ئەرزنى دۈمبەمگە ئارتىۋالىمەن، خۇددى تاجىدەك بېشىمغا كىيىۋالىمەن.

37 مەن خۇددى شاھزادىلەردەك ئۇنىڭ ئالدىغا بارىمەن، قىلغان ئەتمىشلىرىمدىن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىمەن.

38 ئەگەر ئېتىزلىرىم ماڭا قارشى پەرياد قىلىپ، چۆنەكلىرى يىغلاپ تۇرۇپ ئەرز قىلسا،

39 يەرنىڭ ھەققىنى بەرمەي، مەھسۇلاتلىرىنى يېگەن بولسام، ياكى يەر ئىگىلىرىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولغان بولسام،

40 بۇغداي ئورنىغا تىكەنلەر، ئارپىنىڭ ئورنىغا ياۋايى ئوت-چۆپلەر ئۈنسۇن!» شۇنىڭ بىلەن ئايۇپنىڭ سۆزلىرى تۈگىدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan