Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئايۇپ 30 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 ئەمدى بۈگۈن مەندىن كىچىكلەرمۇ مېنى مەسخىرە قىلىشىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىنى كۆزگە ئىلمايتتىم، ھەتتا قويلىرىمغا قارايدىغان ئىتلىرىم قاتارىدىمۇ كۆرمەيتتىم.

2 ئۇلارنىڭ ئاتىلىرى ماجالىدىن كەتكەنلەردۇر، ماڭا ئۇلارنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟

3 ئۇلار ئاچ-يالىڭاچ، ئاجىز يوقسۇللار ئىدى، كېچىلىرى چۆل-باياۋانلاردا قۇرغاق يېمەكلىك غاجايتتى.

4 ئوت-چۆپلەر ئارىسىدىن تۇزلۇق ئوت-چۆپلەرنى تېپىپ يەيتتى، چاتقاللارنىڭ يىلتىزى بىلەنمۇ ئوزۇقلىناتتى.

5 ئۇلار كىشىلەر ئارىسىدىن ھەيدەپ چىقىرىلىپ، خۇددى ئوغرىلاردەك ئەيىبلىنەتتى.

6 ئۇلار پەقەت قاقاس جىلغا، غار ۋە ئۆڭكۈرلەردە پاناھلىناتتى.

7 ئۇلار چاتقاللىقلاردا خۇددى ياۋايى ھايۋانلاردەك ھۇۋلىشىپ، توپلىشىۋالاتتى.

8 ئۇلار نادان، ئاتاقسىزلارنىڭ پۇشتى بولۇپ، قامچا بىلەن زېمىندىن قوغلاپ چىقىرىلغانىدى.

9 ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ بالىلىرى ناخشىلىرى بىلەن مېنى مەسخىرە قىلماقتا، مەن ئۇلارنىڭ مەسخىرە نىشانىغا ئايلىنىپ قالدىم.

10 ئۇلار مەندىن سەسكىنىدۇ، ماڭا يېقىنلىشىشنى خالىمايدۇ، خالىغانچە يۈزۈمگە تۈكۈرىدۇ.

11 خۇدا كۈچۈمنى كەستى، مېنى يەرگە ئۇردى، شۇڭا ئۇلار مەندىن تەپ تارتمايدۇ.

12 بۇ مۇتتەھەملەر ماڭا ئوڭ تەرىپىمدىن ھۇجۇم قىلىپ، مېنى قېچىشقا مەجبۇر قىلماقچى ۋە يوقاتماقچى بولۇۋاتىدۇ.

13 ئۇلار يولۇمنى توراپ، ماڭا زىيانكەشلىك قىلىۋاتىدۇ، ئۇلارنى توختىتىدىغان ئادەم بولمىدى.

14 ئۇلار خۇددى سېپىلنى بۆسۈپ ئۆتكەندەك، خارابە ئىچىدىن ماڭا ئېتىلىپ كەلدى.

15 مېنى قورقۇنچ باستى، ئىززەت-ھۆرمىتىم شامالدا ئۇچۇپ كەتتى، نىجاتلىقىم بۇلۇتتەك تاراپ كەتتى.

16 ئەمدى ھاياتىم ئاخىرلىشاي دېدى، ئازابلىق كۈنلەر مېنى ئىلكىگە ئالدى.

17 كېچىدە قاتتىق ئاغرىق ئۇستىخانلىرىمغا توختاۋسىز سانجىلار.

18 خۇدا كۈچ بىلەن مەھكەم تۇتۇپ، ياقامدىن سىقتى.

19 خۇدا مېنى پاتقاققا تاشلىۋەتتى، مەن خۇددى چاڭ-توزان ۋە كۈلدەك بولۇپ قالدىم.

20 ئى خۇدا، نالە قىلسام جاۋاب بەرمىدىڭ، ئالدىڭدا تۇرسام قاراپ قويمىدىڭ.

21 سەن ماڭا شەپقەتسىزلىك قىلىۋاتىسەن، قۇدرەتلىك قولۇڭ بىلەن زىيانكەشلىك قىلىۋاتىسەن.

22 مېنى كۆتۈرۈپ شامالغا تاشلاپ بەردىڭ، قارا بوران مېنى ئۇيان-بۇيان تاشلىماقتا.

23 بىلىمەن، سەن مېنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىسەن، بۇ سېنىڭ بارلىق ھاياتلىققا پۈتكەن قىسمىتىڭدۇر.

24 دەرۋەقە، بەختسىزلەر قىيىن ئەھۋالدا نالە قىلسا، ھېچكىم ئۇلارغا قول ئۇزارتىپ زىيانكەشلىك قىلمايدۇ.

25 ئەجەبا، مەن جاپا چەككەنلەر ئۈچۈن يىغلىماسمەنمۇ، يۈرىكىم موھتاجلار ئۈچۈن پۇچىلانماسمۇ؟

26 بەختكە ئىنتىلسەم بالا-قازاغا ئۇچرىدىم، يورۇقلۇققا تەلپۈنسەم قاراڭغۇدا قالدىم.

27 كۆڭلۈم دائىم پاراكەندە، ئېغىر كۈنلەر بېسىپ كەلمەكتە.

28 قۇياشنىڭ نۇرى بولمىغان زۇلمەتتە يۈرۈپتىمەن، جامائەتنىڭ ئارىسىدا نالە قىلماقتىمەن.

29 مەن چىلبۆرىنىڭ قېرىندىشى، ھۇۋقۇشنىڭ ھەمراھى بولۇپ قالدىم.

30 قارايغان تېرىلىرىم تۆكۈلمەكتە، ئۇستىخانلىرىم ئوت بولۇپ كۆيمەكتە.

31 لىرام ماتەم مۇزىكىسىغا جور بولماقتا، نېيىم نالە قىلماقتا.»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan