ئايۇپ 29 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىئايۇپنىڭ سۆزىنى داۋام قىلىشى 1 ئاندىن ئايۇپ يەنە مۇنداق دېدى: 2 «بۇرۇنقى كۈنلىرىمگە، خۇدا ھالىمدىن خەۋەر ئالغان كۈنلىرىمگە قايتسام دەيمەن. 3 ئۇ چاغلاردا ئۇنىڭ چىرىغى بېشىمدا يېنىپ تۇراتتى، ئۇنىڭ نۇرى قاراڭغۇدا ماڭا ھەمراھ ئىدى. 4 ئۇ چاغلار مېنىڭ قىران چاغلىرىم ئىدى. خۇدا چېدىرىمدا يېقىن دوستۇم ئىدى. 5 ھەممىگە قادىر خۇدا ماڭا يار ئىدى. بالىلىرىم ئەتراپىمدا يۈرەتتى. 6 سۈت-قايماقلىرىم ئېشىپ-تېشىپ تۇراتتى. زەيتۇنزارلىقىمدىن زەيتۇن يېغى ئېرىق بولۇپ ئاقاتتى. 7 شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيداندا ئولتۇرغان ئاقساقاللار ئارىسىدىن ئورۇن ئالغىنىمدا، 8 ياشلار مېنى كۆرسە ئۆزىنى چەتكە ئالاتتى. ياشانغانلارمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ سالام قىلاتتى. 9 بەگلەر سۆزلىرىدىن توختاپ، ئېغىزلىرىنى قوللىرى بىلەن ئېتىۋالاتتى. 10 ئەمەلدارلارمۇ جىم بولۇشۇپ، تىللىرى تاڭلايلىرىغا چاپلىشىپ قالاتتى. 11 سۆزۈمنى ئاڭلىغانلار بەخت تىلىشەتتى. مېنى كۆرگەنلەر ماختىشاتتى. 12 چۈنكى ياردەم سورىغان يوقسۇللارنى قۇتقۇزدۇم، ئىگە-چاقىسىز يېتىملەرگە ھامىي بولدۇم. 13 سەكراتتىكى ئادەم ماڭا بەخت تىلەيتتى. تۇل خوتۇنلارنىڭ قەلبىنى شادلىققا تولدۇراتتىم. 14 مەن ھەققانىيەتنى كىيىم قىلىپ كىيگەنىدىم. ئادالەت ماڭا يېپىنچا ۋە باش كىيىم بولغانىدى. 15 مەن كورنىڭ كۆزى، توكۇرنىڭ پۇتى بولدۇم. 16 نامراتلارغا ئاتا بولدۇم، ناتونۇشلارنى ئاقلىدىم. 17 رەزىللەرنىڭ چىشىنى چېقىپ، ئاغزىدىن ئولجىسىنى تارتىۋالدىم. 18 مەن: ‹كۈنلىرىم قۇمدەك كۆپتۇر، بۇ دۇنيا بىلەن خاتىرجەم ھالدا ئائىلەمدە خوشلىشىمەن، 19 يىلتىزىم سۇ بويىغىچە سوزۇلغاندۇر، شاخلىرىم تۈن بويى شەبنەمدە يۇيۇلىدۇ. 20 شان-شەرىپىم مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ، ئوقيايىمنى تارتىدىغان كۈچۈم ھېچقاچان ئاجىزلىمىدى› دەپ ئويلىدىم. 21 ئۇ چاغدا كىشىلەر سۆزلىرىمنى ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلاتتى، نەسىھەت بېرىشىمنى سۈكۈتتە كۈتەتتى. 22 سۆزلىرىمگە ھېچكىم قوشۇمچە قىلمايتتى. سۆزلىرىم ئۇلارنىڭ قەلب ئېتىزىغا نەمخۇشلۇق ئاتا قىلاتتى. 23 ئۇلار يامغۇرغا تەلپۈنگەندەك ماڭا تەلپۈنەتتى. باھار يامغۇرىغا تەشنا بولغاندەك سۆزلىرىمگە تەشنا بولاتتى. 24 مەن ئۇلارغا قاراپ كۈلۈمسىرىسەم، ئۇلار كۆزلىرىگە ئىشىنەلمەي قىلاتتى، چېھرىمدىكى نۇرنى قەدىرلەيتتى. 25 ئۇلارغا يول كۆرسىتىپ بېرىدىغان يېتەكچى ئىدىم. خۇددى پادىشاھ لەشكەرلىرى ئارىسىدا ياشىغاندەك ياشىغانىدىم. قايغۇرۇپ ھەسرەتتە قالغانلارنىڭ تەسەللى بەرگۈچىسى ئىدىم. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti