Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئايۇپ 27 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئايۇپ: «گۇناھ قىلمىدىم!»

1 ئاندىن ئايۇپ يەنە مۇنداق دېدى:

2 «ماڭا ئادىل مۇئامىلە قىلمىغان ھەممىگە قادىر خۇدا ۋە قەلبىمنى قايغۇ-ھەسرەتكە تولدۇرغان مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،

3 تېنىمدا جېنىم ۋە خۇدا ئاتا قىلغان تىنىقىم بولسىلا،

4 يامان سۆزلەر چىقماس ئاغزىمدىن، يالغانچىلىق بولماس تىلىمدا.

5 ھېچقاچان سىلەرنىڭ ئېيتقانلىرىڭلارنى ھەق دەپ قارىمايمەن، ئۆلگۈچە ئۆزۈمنىڭ ئەيىبسىز ئىكەنلىكىمدە چىڭ تۇرىمەن.

6 ئۆزۈمنىڭ ھەق ئىكەنلىكىدە تەۋرەنمەيمەن، مەيدانىمدىن ۋاز كەچمەيمەن، كۆڭلۈم مېنى ھەرگىز ئەيىبلىمەيدۇ.

7 دۈشمەنلىرىمنىڭ تەقدىرى رەزىللەرنىڭكىدەك بولغاي، مەن بىلەن قارشىلاشقانلارنىڭ ئاقىۋىتى گۇناھكارلارنىڭكىدەك بولغاي.

8 ئىمانسىزلار يوقىتىلىپ، خۇدا ئۇلارنىڭ جېنىنى ئالىدۇ، ئۇ چاغدا ئۇلاردا يەنە قانداق ئۈمىد بولسۇن؟

9 بالايىئاپەت ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشكەندە، خۇدا ئۇلارنىڭ پەريادىغا قۇلاق سالارمۇ؟

10 ئۇلار ھەممىگە قادىر خۇدادىن خۇشاللىق تاپالامدۇ؟ ئۇلار ھەر ۋاقىت خۇداغا يېلىنىپ تۇرامدۇ؟

11 خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى سىلەرگە چۈشەندۈرەي، ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ قىلغان ئىشلىرىنى سىلەردىن يوشۇرمايمەن.

12 ئەمەلىيەتتە سىلەرمۇ ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرگەن، شۇنداق تۇرۇقلۇق، يەنە نېمىشقا بىمەنە گەپلەرنى قىلىسىلەر؟

13 تۆۋەندىكىلەر خۇدانىڭ رەزىللەرنىڭ بېشىغا سالغانلىرىدۇر، ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ زوراۋانلارغا بەرگەن جازاسىدۇر.

14 ئۇلارنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى قانچە كۆپ بولسىمۇ بەرىبىر قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ھېچقاچان تويۇپ ئۆتمەيدۇ.

15 ئامان قالغانلىرى ۋابا بىلەن ئۆلىدۇ، تۇل قالغان ئاياللىرى ئۇلارغا ھازا تۇتالمايدۇ.

16 گەرچە ئۇلارنىڭ قۇم دۆۋىلىرىدەك ھەددى-ھېسابسىز كۈمۈشلىرى، لاي دۆۋىلىرىدەك سان-ساناقسىز كىيىم-كېچەكلىرى بولسىمۇ،

17 ئۇ كىيىملەرنى ھەققانىيلار كىيىدۇ، كۈمۈشلىرىنى گۇناھسىزلار خەجلەيدۇ.

18 رەزىللەرنىڭ سالغان ئۆيلىرى ئۆمۈچۈك تورىدەك ئاجىز، ئېتىزدىكى كەپىدەك ئىشەنچسىزدۇر.

19 ئۇلار بۈگۈن ئاخشام ئۇخلىغاندا باي بولسا، ئەتىسى كۆزىنى ئاچقاندا نامراتتۇر!

20 قورقۇنچ ئۇلارنى كەلكۈندەك باسىدۇ، بوران چاپقۇن كېچىدە ئۇلارنى سۈپۈرۈپ كېتىدۇ.

21 شەرق شامىلى ئۇلارنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ، ئۇلارنى ئۆز ئورنىدىن ئېلىپ كېتىدۇ.

22 ئۇلار شامالنىڭ كۈچىدىن قورقۇپ قاچقاندا، شامال ئۇلارغا رەھىم قىلمايدۇ.

23 دەھشەتلىك بوران ئۇلارنى مەسخىرە قىلىپ كۈلىدۇ، پۇشتەك چېلىپ ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ.»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan