Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئايۇپ 26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئايۇپ: «خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئۇلۇغدۇر!»

1 ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى:

2 «سەن ھەقىقەتەن بىر ئاجىزغا چوڭ ياردەم قىلىپسەن! بىلەكلىرى كۈچسىز ئادەمنى قۇتقۇزۇپسەن!

3 مەندەك ئەقىلسىزگە ئېيتقان سۆزلىرىڭ نېمىدېگەن پاساھەتلىك-ھە! سېنىڭ ھەقىقىي پاراسىتىڭ مۇشۇنداق نامايان بولدى-دە!

4 سەن كىمنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ سۆزلەرنى قىلالىدىڭ؟ كىمنىڭ روھى سەن ئارقىلىق سۆزلەۋاتىدۇ؟

5 سۇ ئاستىدىكى ئۆلۈكلەر ماكانىدا ياشايدىغان ئەرۋاھلار تىترىمەكتە،

6 ئۆلۈكلەر ماكانى خۇدانىڭ ئالدىدا ناماياندۇر، گۆر ئاشكارىدۇر.

7 ئۇ شىمالدىكى ئاسماننى بوشلۇق ئۈستىگە يايدى، زېمىننى بوشلۇققا ئېسىپ قويدى.

8 ئۇ سۇلارنى بۇلۇتلار بىلەن يۆگەپ قويسىمۇ، بۇلۇت ئېغىرلىقىدىن يېرىلىپ كەتمەيدۇ.

9 خۇدا ئاينىڭ يۈزىنى يوشۇرۇپ، ئۈستىگە بۇلۇتلارنى يايدى.

10 ئۇ دېڭىز ئۈستىگە ئۇپۇق سىزىقى سىزىپ، يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇقنىڭ چېگراسىنى ئايرىدى.

11 ئۇنىڭ ئەيىبلىشىدىن ئاسماننىڭ تۈۋرۈكلىرى تىترەپ، ئالاقزادە بولىدۇ.

12 ئۇ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن دېڭىزنى تىنچىتالايدۇ، ئەقىل-پاراسىتى بىلەن راخابنى ۋەيران قىلالايدۇ.

13 ئۇ كۆكتىكى تۇمانلارنى تارقىتىۋېتەلەيدۇ، قېچىپ كېتىۋاتقان يىلاننى قولىنى شىلتىپلا ئۆلتۈرەلەيدۇ.

14 قارا، بۇلار ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ پەقەت كىچىك بىر قىسمىدۇر، ئاڭلىغىنىمىز پەقەت ئۇنىڭ پىچىرلاشلىرىدۇر، خالاس. ئۇنىڭ گۈلدۈرمامىدەك كۈچ-قۇدرىتىنى كىممۇ چۈشىنەلىسۇن؟»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan