Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئايۇپ 25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


بىلداد: خۇدانىڭ ئالدىدا كىم ھەققانىي بولالايدۇ؟

1 شۇۋاخلىق بىلداد جاۋابەن مۇنداق دېدى:

2 «خۇدا ھەممىگە ھوقۇقلۇق ھەم سۈرلۈكتۇر، ئۇ ئەرىشتە تىنچلىق ئورناتقۇچىدۇر.

3 ئۇنىڭ ساماۋى لەشكەرلىرىنىڭ سانىنى كىم سانىيالايدۇ؟ ئۇنىڭ پارلاق نۇرى قەيەرنى يورۇتمايدۇ؟

4 خۇدانىڭ ئالدىدا ئىنساننى قانداقمۇ ھەققانىي دېگىلى بولسۇن؟ ئايال زاتىدىن تۇغۇلغانلارنى قانداقمۇ پاك دېگىلى بولسۇن؟

5 ئۇنىڭ نەزىرىدە ئايمۇ ئۇنچىلىك يورۇق، يۇلتۇزمۇ ئۇنچىلىك پاك ئەمەس تۇرسا،

6 لىچىنكىدەك ئادەمنى، قۇرتتەك ئىنساننى قانداقمۇ پاك دېگىلى بولسۇن!»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan