Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئايۇپ 23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئايۇپ: خۇدا نەدە تۇرىدۇ؟

1 ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى:

2 «مەن تاكى بۈگۈنگىچە ئازاب ئىچىدە شىكايەت قىلماقتىمەن، مەن نالە قىلساممۇ، ئۇ ماڭا ئازاب سېلىۋاتىدۇ.

3 خۇدا نەدە تۇرار؟ بىلسەم، ئۇنىڭ تۇرىدىغان يېرىگە باراتتىم.

4 ئۇنىڭغا ئەرزىمنى ئېيتاتتىم، ئەرزىمنى تولۇق ئىسپاتلاپ سۆزلەيتتىم. ئەرزىم ھەققىدە دەۋالىشاتتىم.

5 ئۇنىڭ ماڭا بېرىدىغان جاۋابىنى، نېمە دەيدىغانلىقىنى بىلىپ باققۇم بار.

6 ئۇ قۇدرەتلىك تۇرۇپ، مەن بىلەن تاكاللىشارمۇ؟ ئۇنداق قىلمايدۇ، كۆڭۈل قويۇپ شىكايىتىمنى ئاڭلايدۇ.

7 ئۇ يەردە دۇرۇس ئادەم ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلىشەلەيدۇ، ئۇ مېنى ئاقلاپ، ھۆكۈمىدىن مەڭگۈ خالاس قىلىدۇ.

8 كۈنچىقىشقا باردىم، خۇدا ئۇ يەردە يوق ئىدى، كۈنپېتىشقا باردىم، ئۇ يەردىنمۇ ئۇنى تاپالمىدىم.

9 ئۇ شىمالدا بىر ئىش قىلغاندىمۇ ئۇنى تاپالمىدىم، ئۇ جەنۇبقا كەلگەندىمۇ ئوخشاشلا تاپالمىدىم.

10 لېكىن ئۇ مېنىڭ ھەربىر ئىش-ھەرىكىتىمنى بىلىدۇ. ئۇ مېنى سىنىسا، مەن ئالتۇنغا ئوخشاش چىقىمەن.

11 مەن ئۇنىڭ قەدىمىگە ئەگەشتىم، ئۇنىڭ يولىنى تۇتتۇم، ھېچ چەتنىمىدىم.

12 ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىدىن چەتنىمىدىم، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى قەدىرلىشىم يېمەك-ئىچمەكلىرىمنى قەدىرلەشتىنمۇ ئېشىپ كەتتى.

13 خۇدا قارارىدا قەتئىي تۇرىدۇ، ئۇنىڭ قارارىنى كىممۇ ئۆزگەرتەلەيدۇ؟ ئۇ ئۆزىنىڭ خالىغىنى بويىچە ئىش قىلىدۇ.

14 ئۇ ماڭا قارشى قىلماقچى بولغان ئىشلىرىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ، ئۇنىڭ بۇنداق پىلانلىرى ناھايىتى كۆپتۇر.

15 شۇڭا ئۇنىڭ ئالدىدا قورقۇپ، پاراكەندە بولىمەن. بۇ ئىشنى ئويلىساملا ۋەھىمىدە قالىمەن.

16 خۇدا مېنى قورقۇتتى، جۈرئىتىم قالمىدى. ھەممىگە قادىر خۇدا مېنى پاراكەندە قىلماقتا.

17 ئەمما تېنىمنى زۇلمەت، يۈزۈمنى قاراڭغۇلۇق قاپلىۋالغانلىقى ئۈچۈنلا سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمەن.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan