ئايۇپ 20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىزوفار: خۇدا گۇناھكارلارنى جازالايدۇ 1 نائامالىق زوفار مۇنداق دېدى: 2 «ئىچىم تىتىلداپ، بىئارام بولۇۋاتىمەن، گەپلىرىمنى دېۋالمىغۇچە خاتىرجەم بولالمايمەن. 3 مېنى ھاقارەتلەيدىغان ئەيىبلەشلىرىڭنى ئاڭلىدىم، ئەقلىم مېنى جاۋاب بېرىشكە قىستاۋاتىدۇ. 4 قەدىمدىن تا ھازىرغىچە، دۇنياغا ئىنسان ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى، 5 گۇناھكارنىڭ خۇشاللىقىنىڭ ئۇزاققا بارمايدىغانلىقىنى، ئىمانسىزنىڭ خۇشاللىقىنىڭ بىردەملىك ئىكەنلىكىنى بىلمەمتىڭ؟ 6 گەرچە ئۇنىڭ مەغرۇرلۇقى پەلەككە يەتسىمۇ، بېشى بۇلۇتقا تاقاشسىمۇ، 7 ئۇ خۇددى ئۆزىنىڭ پوقىدەك مەڭگۈ يوقىلىدۇ. ئۇنى تونۇغانلار: ‹ئۇ نەگە كەتتى؟› دەپ سورايدۇ. 8 ئۇ خۇددى چۈشتەك يوقايدۇ ۋە تاپقىلى بولمايدۇ، كېچىسى پەيدا بولغان خىيالدەك غايىب بولىدۇ. 9 ئۇنى كۆرگەنلەر قايتا كۆرەلمەيدۇ، يۇرتىدىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولىدۇ. 10 ئۇنىڭ بالا-چاقىلىرى يوقسۇللارغا تۆلەم بېرىپ، ھارام توپلىغان بايلىقلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ. 11 گەرچە ئۇنىڭ تېنى ياشلىق كۈچىگە تولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا تۇپراققا كۆمۈلىدۇ. 12 رەزىللىك ئۇنىڭغا تاتلىق تېتىغاچقا، ئۇنى تىلىنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇپ، 13 ئاستا-ئاستا شۈمۈپ، تەمىنى تېتىيدۇ. 14 رەزىللىك قورسىقىدا ئاچچىققا ئۆزگىرىپ، زەھەرلىك يىلاننىڭ زەھىرىگە ئايلىنىدۇ. 15 ئۇ يۇتۇۋالغان بايلىقلارنى قۇسۇپ چىقىرىدۇ، خۇدا ئۇنى تەتۈر ئۆرۈپ قورسىقىنى تۆكىدۇ. 16 ئۇ كۆزەينەكلىك يىلاننىڭ زەھىرىنى سۈمۈرۈۋالىدۇ، ئۇ زەھەرلىك يىلان تەرىپىدىن چېقىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. 17 ئۇ توختىماي ئېقىپ تۇرغان بال ۋە سۈزمىدىن بەھرىلىنەلمەيدۇ. 18 ئۇ تاپقان پۇلىدىن پايدىلىنالماي قايتۇرۇپ، تۆلەمگە بېرىدۇ، سودا-سېتىق قىلىپ تاپقان بايلىقلىرىدىن ھۇزۇرلىنالمايدۇ. 19 چۈنكى ئۇ يوقسۇللارنى ئەزدى، كارى بولماي تاشلىۋەتتى، باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىنى زورلۇق بىلەن تارتىۋالدى. 20 ئۇ ئىنتايىن ئاچ كۆز ئىدى، ئۇنىڭ بايلىقى ئۇنى قۇتقۇزالمىدى. 21 ئۇ ھەممىنى يۇتۇۋالغاچقا ھېچنېمە قالمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ بەخت-سائادىتى ئۇزاققا بارمايدۇ. 22 ئۇنىڭ توققۇزى تەل بولغاندا ئازابقا يولۇقىدۇ، ھەر خىل بالا-قازا سوڭدىشىپلا كېلىدۇ. 23 ئۇ ئۆز قورسىقىنى تويدۇرغاندا، خۇدا ئۇنىڭغا غەزەپ ئوتىنى چاچىدۇ، ئۈستىگە زەربىلىرىنى ياغدۇرىدۇ. 24 ئۇ تۆمۈر تىغدىن قۇتۇلۇپ قالسىمۇ، بىراق تۇچ ئوق ئۇنى تېشىپ ئۆتىدۇ. 25 ئۆتكۈر يا ئوقى دۈمبىسىدىن تېشىپ چىققاندا، پارقىراق ئوق بېشى ئۆت خالتىسىنى يىرتىپ ئۆتكەندە، ئۇنى ۋەھىمە باسىدۇ. 26 ئۇنىڭ بايلىقلىرى زۇلمەت ئىچىدە غايىب بولىدۇ، ئىلاھىي ئوت ئۇنى يالماپ يۇتىدۇ، چېدىرىدىكى نەرسىلىرىنى كۆيدۈرۈپ ۋەيران قىلىدۇ. 27 ئاسمان ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى ئاشكارىلايدۇ، زېمىن ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇنى ئەيىبلەيدۇ. 28 خۇدانىڭ غەزىپى كەلگەن كۈنى كەلكۈن ئۇنىڭ ئۆيىنى ۋەيران قىلىدۇ. 29 بۇ خۇدانىڭ رەزىللەرگە بېرىدىغان ئاقىۋىتىدۇر، ئۇلارغا بېرىدىغان نېسىۋىسىدۇر.» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti