Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئايۇپ 18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


بىلداد: خۇدا گۇناھكارلارنى جازالايدۇ

1 شۇۋاخلىق بىلداد مۇنداق دېدى:

2 «قاچانغىچە گەپ يورغىلىتارسەن؟ ياخشى ئويلان، ئاندىن بىز پاراڭلىشايلى.

3 بىزنى نېمىشقا ھېچنېمىنى بىلمەيدىغان ھايۋاندەك دۆت كۆرىسەن؟

4 سېنىڭ بۇ ئاچچىقىڭ پەقەت ئۆزۈڭنىلا بەربات قىلىدۇ، زېمىن سېنىڭ سەۋەبىڭدىن تاشلىنىپ قالسۇنمۇ؟ تاشلار ئورنىدىن يۆتكەپ كېتىلسۇنمۇ؟

5 رەزىللەرنىڭ چىرىغى چوقۇم ئۆچۈرۈلۈشى كېرەك. ئۇنىڭ مەشئىلى قايتا يانمىسۇن.

6 ئۇنىڭ چېدىرىنى قاراڭغۇلۇق قاپلىغان بولۇپ، ئۈستىدىكى چىرىغى ئۆچۈرۈلگەندۇر.

7 رەزىللەرنىڭ كۈچلۈك پۇتلىرى ئاجىزلىشىپ قالىدۇ، ئۆز سۇيىقەستلىرى ئۇنى يىقىتىدۇ.

8 ئۇ ئۆزى قۇرغان تورغا ئۆزى چۈشۈپ، قىلتاققا ئىلىنىدۇ.

9 قاپقان ئۇنىڭ پۇتىنى قىسىۋالىدۇ، تۇزاق ئۇنى مەھكەم تۇتۇۋالىدۇ.

10 ئۇنىڭ ئۈچۈن توپا ئاستىغا قاپقان كۆمۈلگەن بولۇپ، يولدا ئۇنى قىلتاق كۈتۈپ تۇرىدۇ.

11 ئەتراپنى ۋەھىمە قاپلاپ، ئۇنى بارغانچە قىستاپ كەلمەكتە.

12 ئاچلىقتىن مادارى كېتىپ، بالا-قازاغا يولۇقۇش ئالدىدا تۇرماقتا.

13 بەدىنىنى تېرە كېسىلى قاپلاپ، ئۆلۈم ئۇنىڭ پۇت-قولىنى يېمەكتە.

14 ئۇ تىنچ چېدىرىدىن تارتىپ چىقىرىلىپ، ئۆلۈكلەر ھۆكۈمدارىنىڭ يېنىغا ھەيدەپ ئاپىرىلىدۇ.

15 ئۇلارنىڭ چېدىرى گۈڭگۈرت چېچىپ تازىلانغاندىن كېيىن، باشقىلار كېلىپ ئۇلارنىڭ چېدىرىدا ئولتۇرىدۇ.

16 ئۇلارنىڭ يىلتىزى قۇرۇپ، شاخلىرى سولۇشۇپ قالىدۇ.

17 ئۇلار دۇنيادىن نام-نىشانسىز غايىب بولىدۇ، ئىسمى ھېچكىمنىڭ ئېسىدە قالمايدۇ.

18 ئۇلار يورۇقلۇقتىن قاراڭغۇلۇققا ھەيدەپ كىرىلىپ، بۇ دۇنيادىن قوغلىنىدۇ.

19 ئۇلار جەمەتى ئىچىدە ئۇرۇق-ئەۋلادسىز قالىدۇ، ئۇنىڭ ماكانىدا ھېچكىم ھايات قالمايدۇ.

20 ئۇنىڭ ئاقىۋىتى غەربتىكىلەرنى ھەيران قالدۇرسا، شەرقتىكىلەرنى ۋەھىمە باسىدۇ.

21 مانا بۇ رەزىل ئادەملەرنىڭ تەقدىرى، خۇدانى تونۇمىغانلارنىڭ ئاقىۋىتىدۇر.»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan