ئايۇپ 17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىئۈمىدىم قېنى؟ 1 «مەن تۈگەشتىم، كۈنلىرىم ئاز قالدى، قەبرە مېنى كۈتمەكتە. 2 مەسخىرىچىلەر مېنى قورشىۋالدى، ئۇلارنىڭ مېنى ئەخمەق قىلىشلىرىغا قاراپ تۇرۇشۇمدىن باشقا ئامالىم يوق. 3 ئى خۇدا، ماڭا كېپىل بولۇشۇڭنى ئۆتۈنىمەن، چۈنكى سەندىن باشقا ھېچكىم ماڭا كېپىل بولالمايدۇ. 4 سەن ئۇلارنىڭ ئويلىرىنى خىرەلەشتۈردۈڭ، شۇڭا سەن ئۇلارنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرمەيسەن. 5 كىشىلەر بايلىقنى دەپ دوستلىرىغا ساتقۇنلۇق قىلسا، بالىلىرى كور بولىدۇ. 6 خۇدا مېنى كىشىلەرنىڭ مازاق نىشانىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى، ئۇلار يۈزۈمگە تۈكۈرمەكتە. 7 ئازاب كۆزۈمنى خىرەلەشتۈردى، ئورۇقلاپ قاقشال بولدۇم. 8 بۇ ئىش دۇرۇس ئادەملەرنى ئەجەبلەندۈرۈپ، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئىمانسىزلارغا قارشى تۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. 9 ھەققانىيلار ئۆز يولىدا چىڭ تۇرىدۇ، قولى پاك ئىنسانلارنىڭ كۈچى ئاشىدۇ. 10 قېنى، سىلەر يەنە بىر قېتىم كېلىڭلارچۇ! ئىزدىسەم ئىچىڭلاردىن بىرمۇ دانىشمەن تېپىلمايدۇ. 11 كۈنلىرىم ئاز قالدى، ئارمانلىرىم يوق بولدى، كۆڭلۈمنىڭ ئارزۇلىرى بەربات بولدى. 12 دوستلىرىم كېچىنى كۈندۈز دەيدۇ، ئەتراپى قاپقاراڭغۇ بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار: ‹يورۇقلۇق يېقىن› دېيىشىدۇ. 13 ئەگەر مەن گۆرنى ئۆيۈم دەپ بىلىپ، قاراڭغۇ لەھەتكە كىرىشنى ئۈمىد قىلسام، 14 قەبرىنى ئاتام، قۇرت-قوڭغۇزلارنى ئانا ۋە ئاچا-سىڭىللىرىم دەپ ئاتىسام، 15 ئۇنداقتا ئۈمىدىم نەدە قالىدۇ؟ كىم مېنىڭ ئۈمىدىمنى كۆرەلەيدۇ؟ 16 ئۈمىدىم ئۆلۈم دەرۋازىسىدىن كىرسۇنمۇ؟ تۇپراقتا مەن بىلەن بىرگە ياتسۇنمۇ؟» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti