Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئايۇپ 16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئايۇپ: دوستلار مۇشۇنداق تەسەللى بېرەمدۇ؟

1 ئايۇپ جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

2 «بۇنداق سۆزلەرنى كۆپ ئاڭلىغانمەن، يامان تەسەللىلىرىڭلار ئادەمنى ئېچىندۇرىدۇ.

3 قۇرۇق سۆزۈڭلار تۈگىمەمدۇ؟ نېمە ئىش سىلەرنى بۇنداق توختىماي سۆزلەشكە مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ؟

4 ئەگەر سىلەر مېنىڭ ئورنۇمدا بولغان بولساڭلار، مەنمۇ سىلەرگە بۇنداق سۆزلەرنى قىلالايتتىم، بېشىمنى چايقاپ، سىلەرنى ئەيىبلىيەلەيتتىم.

5 لېكىن مەن سىلەرگە ئىلھام بېرىدىغان سۆزلەرنى قىلىپ، تەسەللىلىرىم بىلەن ئازابىڭلارنى يەڭگىللىتەتتىم.

6 سۆزلىسەم ئازابىم يەڭگىللىمەيدۇ، لېكىن سۈكۈت قىلسام ئازابتا قالىمەن.

7 ئى خۇدا، مېنى ھالىمدىن كەتكۈزدۈڭ، ئائىلەمنى ۋەيران قىلدىڭ.

8 مېنى ئورۇقلىتىپ، قاقشال قىلدىڭ، ئورۇقلۇقۇم گۇناھىمنىڭ ئىسپاتى بولدى.

9 خۇدا غەزىپى بىلەن تېنىمنى تىتىۋەتتى، ماڭا زىيانكەشلىك قىلدى، ئۇ ماڭا چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ، دۈشمەنلىككە تولغان غەزەپلىك كۆزلىرى بىلەن تىكىلدى.

10 كىشىلەر مېنى مەسخىرە قىلماقتا، يۈزۈمگە شاپىلاق ئۇرۇپ كەمسىتمەكتە، بىرلىشىپ ماڭا ھۇجۇم قىلماقتا.

11 خۇدا مېنى يامانلارغا، رەزىللەرنىڭ قولىغا تاشلاپ بەردى.

12 ئەسلىدە مەن خاتىرجەم ئىدىم، خۇدا مېنى ئېزىۋەتتى، بوينۇمدىن ئېلىپ يەرگە ئاتتى، ئوقىغا نىشان قىلدى.

13 ئۇنىڭ ئوقياچىلىرى مېنى ئارىغا ئېلىۋالدى، رەھىمسىزلەرچە ئاتقان ئوقلىرى يۈرەك-باغرىمنى تېشىپ، ئۆتۈمنى يەرگە تۆكتى.

14 ئۇ قايتا-قايتا مېنى زەخىملەندۈرگەندە، خۇددى پالۋاندەك ماڭا ئېتىلدى.

15 مەن ماتەملىك كىيىم تىكىپ كىيىپ، شان-شەرىپىمنى توپىغا كۆمۈۋەتتىم.

16 يىغىدىن مەڭزىلىرىم قىزىرىپ، قاپاقلىرىم قارىداپ كەتتى.

17 ئەمما مەن زوراۋانلىق قىلمىدىم، دۇئالىرىم سەمىمىي بولدى.

18 ئېھ زېمىن، قېنىمنى يوشۇرما، نىدالىرىمنى توسما.

19 مانا، ھازىر مېنىڭ گۇۋاھچىم ئەرشتىدۇر، مېنى ئاقلىغۇچى بۈيۈكلۈكتىدۇر.

20 دوستلىرىم مېنى مەسخىرە قىلىۋاتىدۇ، مەن خۇدا ئالدىدا ياش تۆكمەكتىمەن.

21 خۇددى ئىنسانلار ئارىسىدا كېلىشتۈرگۈچى بولغىنىدەك، ئىنسانلار بىلەن خۇدا ئارىسىدىمۇ كېلىشتۈرگۈچى بولسىدى-ھە!؟

22 چۈنكى كۈنلىرىم ئاز قالدى، ئۇزاققا قالماي بارسا كەلمەس جايغا كېتىمەن.»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan