Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئايۇپ 15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئەلىفاز: خۇدادىن قورقمامسەن؟

1 تېمانلىق ئەلىفاز بۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى:

2 «ئەقىللىق ئادەم مۇنداق ھېكمەتسىز سۆزلەرنى قىلامدۇ؟ بۇ شامال بىلەن قورساق تويدۇرغاندەك ئىش ئەمەسمۇ؟

3 ئەلۋەتتە، ئۇ پايدىسىز سۆزلەرنى قىلمايدۇ، كېرەكسىز سۆزلەرنى ئىشلىتىپ مۇنازىرىلەشمەيدۇ.

4 سەن خۇدادىن ئەيمەنمىدىڭ، ئۇنى سېغىنغانلارغا توسقۇنلۇق قىلدىڭ.

5 گۇناھلىرىڭ ئاغزىڭنى باشقۇرىدۇ، سەن مەككار ئادەمدەك سۆزلەيسەن.

6 سېنى گۇناھكار قىلغان مەن ئەمەس، بەلكى ئۆزۈڭنىڭ ئاغزىدۇر، لەۋلىرىڭ سېنىڭ گۇناھىڭغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ.

7 سەن ئەڭ ئاۋۋالدا ئاپىرىدە بولغانمىدىڭ؟! تاغلاردىن بۇرۇن يارىتىلغانمىدىڭ؟!

8 خۇدانىڭ ھۇزۇرىدىكى يىغىلىشتا، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانمىدىڭ؟! ‹ئەقىل-پاراسەت يالغۇز مەندىلا بار› دەپ قالغانمىدىڭ؟!

9 سەن بىلگەن ھەممە ئىشنى بىزمۇ بىلمەمتۇق؟! بىزگە ئېنىق بولمىغان ئىشلارنى سەن بىلەمتىڭ؟!

10 بۇ يەردە بىزگە بىلىم بەرگەن ئاق چاچلىق ياشانغان كىشىلەر بار، ئۇلار سېنىڭ داداڭدىنمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلەردۇر.

11 خۇدانىڭ تەسەللىسى يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ ساڭا ئېيتقان مۇلايىم سۆزلىرى ئازمىدى؟

12 نېمە ئۈچۈن ھېسسىياتىڭ بويىچە ئىش قىلىسەن؟ نېمە ئۈچۈن كۆزلىرىڭدىن غەزەپ ئوتىنى چاچرىتىسەن؟

13 خۇداغا غەزەپلەنگەنلىكىڭدىن، شۇڭا شۇنداق رەزىل سۆزلەرنى قىلىۋاتامسەن؟

14 ئادەم بولسىلا پاك بولامدۇ؟ ئايالدىن تۇغۇلسىلا ئادىل بولامدۇ؟

15 خۇدا ھەتتا پەرىشتىلىرىگىمۇ ئىشەنمىگەن، ئاسمانمۇ ئۇنىڭ نەزىرىدە پاك بولمىغان يەردە،

16 گۇناھلارنى سۇدەك ئىچىدىغان، رەزىل، بۇزۇلغان بىر ئىنسان قانداق بولار؟

17 ئى ئايۇپ، سۆزلىشىمگە رۇخسەت قىل، گېپىمگە قۇلاق سال، كۆرگەنلىرىمنى ساڭا بايان ئەيلەي.

18 بۇ ئاقىللارنىڭ تەلىمىدۇر، ئاقىللار ئەجدادلىرىنىڭ تەربىيەلىرىنى بىزگە يوشۇرماي ئۆگەتتى.

19 بۇ زېمىن ئۇلارغا ئىنئام قىلىپ بېرىلگەنىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يامان تەسىر بېرىدىغان ئىمانسىز ياتلار يوق ئىدى.

20 رەزىللەر ئۆمۈر بويى ئازاب چېكىدۇ، زالىملار بىر ئۆمۈر جاپا تارتىدۇ.

21 ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنىڭ تۈۋىدىن ۋەھىمىلىك ئاۋاز كەتمەيدۇ، ئۇلار ئاسايىشلىق كۈنلىرىدە قاراقچىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ.

22 ئۇلار زۇلمەتتىن قېچىپ قۇتۇلالايدىغانلىقىغا ئۈمىد باغلىمايدۇ، ئۇلارنىڭ تەقدىرىگە قىلىچتا ئۆلۈش پۈتۈلگەندۇر.

23 ئۇلار سەرسان بولۇپ، يېمەكلىككە زار بولىدۇ، زۇلمەتلىك كۈنلەرنىڭ يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى تۇيىدۇ.

24 جاپا ۋە ئازاب ئۇلارنى ۋەھىمىگە سېلىپ، خۇددى ھۇجۇم قىلماقچى بولغان پادىشاھقا ئوخشاش، ئۇلارغا قورقۇنچ سالىدۇ.

25 چۈنكى ئۇلار خۇداغا مۇشت ئېتىپ، ھەممىگە قادىر خۇدا بىلەن قارشىلاشتى.

26 ئۇلار قوللىرىغا قېلىن قالقانلىرىنى ئېلىپ، مەغرۇرلانغان ھالدا خۇداغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتتى.

27 ئۇلارنىڭ يۈزى گۆشكە، بېلى مايغا تولغانىدى.

28 ئۇلار خارابىغا ئايلانغان شەھەرلەردە، يەنى ۋەيران قىلىنغان ئۆيلەردە ياشايدۇ.

29 ئۇلار ئەمدى باياشات ياشىيالمايدۇ، بايلىقى ئۇلاردىن تارتىۋېلىنىدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ يەر يۈزىدە سايىسىمۇ قالمايدۇ.

30 ئۇلار زۇلمەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، قۇياشنىڭ ھارارىتى ئۇلارنىڭ شاخلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ، خۇدانىڭ نەپىسى ئۇلارنى ھالاك قىلىدۇ.

31 ئۇلار ئۆزىنى ئالداپ، بىھۇدىلىككە ئىشەنمىسۇن، بولمىسا بىھۇدىلىك ئۇلارنىڭ ئېرىشكەن ئىنئامى بولىدۇ.

32 ۋاقتى كەلمەي تۇرۇپ، شاخلار قۇرۇپ كەتكەندەك، ئۇلارمۇ قۇرۇپ كېتىپ قايتا كۆكلىمەيدۇ.

33 ئۇلار ئۈزۈملىرى پىشماي تۇرۇپ مېۋىلىرى تۆكۈلۈپ چۈشكەن ئۈزۈم تېلىغا ئوخشايدۇ. ئۇ چېچىكى ئېچىلىپلا توزۇپ كەتكەن زەيتۇن دەرىخىگە ئوخشايدۇ.

34 ئىمانسىزلار ئەۋلاد قالدۇرالمايدۇ، پارا ئالغۇچىنىڭ چېدىرى كۆيۈپ كېتىدۇ.

35 ئۇلارنىڭ ھامىلىدار بولغىنى يامانلىق، تۇغقىنى گۇناھتۇر، قورسىقىدا تەييارلىغىنى ھىيلە-مىكىردۇر.»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan