ئايۇپ 14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىئايۇپ: ھايات خۇددى سايىدەك قىسقىدۇر 1 «ئىنسان ئاياللاردىن تۇغۇلىدىغان بولۇپ، ھاياتى قىسقا، مۈشكۈل بولار. 2 ئۇ گۈلدەك ئېچىلىپ، توزۇپ كېتەر، خۇددى سايىدەك تېزلا غايىب بولۇپ، ئۇزاق تۇرماس. 3 نېمە ئۈچۈن مېنىڭ قىلغانلىرىمغا نەزەر سالىسەن؟ مېنى چاقىرىپ كېلىپ يەنە سوراق قىلماقچىمۇسەن؟ 4 ناپاك ئادەمنى كىم تازىلىيالايدۇ؟ ھېچكىم! 5 ئىنساننىڭ كۈنلىرى ساناقلىقتۇر، ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقىلىقى سېنىڭ ئىلكىڭدىدۇر، سىزغان سىزىقىڭدىن ھېچكىم چىقىپ كېتەلمەيدۇ. 6 ئۇنى تىنچ قوي، دەم ئالسۇن، مەدىكارلارغا ئوخشاش كۈندىلىك ئىشىنى تىنچ تۈگەتسۇن. 7 دەرەخ كېسىۋېتىلسىمۇ ئۈمىد بولىدۇ، ئۇ يەنە بىخلاپ چىقىدۇ، يۇمران شاخلىرى توختىماي ئۆسىدۇ. 8 يىلتىزلىرى يەر ئاستىدا چىرىپ كەتسىمۇ، ئۇنىڭ كۆتىكى چىرىپ كەتسىمۇ، 9 لېكىن ئۇنى ئازراق سۇغۇرۇپ قويسىلا، يېڭى تىككەن كۆچەتتەك بىخ سۈرۈپ كۆكلەيدۇ. 10 بىراق ئىنسان ئۆلسە كۈچ-قۇۋۋىتىدىن ئايرىلىدۇ، تىنىقى توختاپ غايىب بولىدۇ. 11 كۆلدىكى سۇلار پارغا ئايلانغاندەك، دەريالار قۇرۇپ كەتكەندەك، 12 ئادەم ئۆلۈپ دەپنە قىلىنسا قايتا ئورنىدىن تۇرمايدۇ. ئاسمان يوقالمىغۇچە ئۇ ئويغانمايدۇ، ئۇيقۇسىدىن ئويغىنالمايدۇ. 13 ئى خۇدا، مېنى ئۆلۈكلەر ماكانىغا يوشۇرۇپ قويساڭ، غەزىپىڭ بېسىلغۇچە مېنى يوشۇرۇپ قويساڭ، مەن ئۈچۈن بىر ۋاقىت بەلگىلەپ، كېيىن مېنى ئېسىڭگە ئالساڭ! 14 ئادەم ئۆلسە قايتا تىرىلەمدۇ؟ ئەگەر قايتا ھاياتلىققا ئېرىشكىلى بولسا، مەن جاپا-مۇشەققەت ئىچىدە بولساممۇ، تاكى سەن ماڭا ھاياتلىق ئاتا قىلغۇچە كۈتەتتىم. 15 سەن مېنى چاقىرساڭ، مەن ساڭا جاۋاب بېرەتتىم، سەنمۇ ئۆز قولۇڭدا ئاپىرىدە قىلغىنىڭنى كۆرۈشنى خالايسەن. 16 ئۇ چاغدا سەن قەدەملىرىمنى قوغدايىتتىڭ، لېكىن گۇناھلىرىمنى سۈرۈشتۈرمەيتتىڭ. 17 سەۋەنلىكلىرىمنى پېچەتلەپ، گۇناھلىرىمنى يوشۇراتتىڭ. 18 لېكىن خۇددى تاغلار پارچىلىنىپ، قىيا تاشلار ئورنىدىن قوزغىلىپ، 19 ئېقىن سۇلار تاشلارنى يالاپ، كەلكۈن تۇپراقلارنى ئېلىپ كەتكەندەك، ئادەمنىڭ ئۈمىدىنى بىتچىت قىلىسەن. 20 سەن مەڭگۈ ئۇنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىسەن، ئۇ غايىب بولىدۇ، سەن ئۇنىڭ چىرايىنى ئۆزگەرتىپ، بۇ دۇنيادىن جۇدا قىلىسەن. 21 ئوغۇللىرى چوڭ بولۇپ، شەرەپ قۇچسىمۇ ئۇ بىلمەيدۇ، ئۇلار شەرمەندە بولسىمۇ ئۇنىڭ خەۋىرى بولمايدۇ. 22 ئۇ پەقەت تېنىدىكى ئازابنىلا ھېس قىلىدۇ، ئۆزى ئۈچۈن ھەسرەت چېكىدۇ.» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti