Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئايۇپ 12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئايۇپنىڭ دوستلىرىغا ئاغرىنىشى

1 ئايۇپ جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

2 «سىلەر ھەقىقەتەن ئىش بىلىدىغان ئادەم ئىكەنسىلەر-ھە، سىلەر ئۆلسەڭلار ھېچقانداق دانا ئادەم قالمايدىكەن-دە!؟

3 لېكىن مەندىمۇ سىلەرگە ئوخشاش ئەقىل بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلەرنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ، سىلەر دېگەننى كىم بىلمەيدۇ دەيسىلەر؟

4 مەن خۇدادىن ئۆتۈنۈپ ئۇنىڭ جاۋابىنى كۈتۈپ، دوستلىرىمنىڭ كۈلكىسىگە قالدىم. مەندەك ھەققانىي، دۇرۇس بىر ئادەم كىشىلەرنىڭ كۈلكىسىگە قالدى.

5 راھەت-پاراغەتتە ياشاۋاتقان كىشىلەر قىيىنچىلىقتا ياشاۋاتقان كىشىلەرنى مەنسىتمەيدۇ. ئۇلار يىقىلاي دەپ قالغان ئادەملەرنى يىقىتىۋېتىدۇ.

6 لېكىن ئوغرىلار چېدىرلىرىدا تىنچ ياشايدۇ، خۇدانىڭ چىشىغا تەگكەنلەر خاتىرجەملىكتە ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئۇلارنىڭ ئۆزى ئىشەنگەن ئىلاھىدۇر.

7 ھالبۇكى ھايۋانلاردىن مەسلىھەت سورىساڭ، ئۇلار ساڭا چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئاسماندىكى قۇشلاردىن سورىساڭ، ئۇلار ساڭا ئېيتىپ بېرىدۇ.

8 زېمىنغا مۇراجىئەت قىلساڭ، زېمىن ساڭا چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ياكى دېڭىزدىكى بېلىقلاردىن سورىساڭ، ئۇلار ساڭا ئېيتىپ بېرىدۇ.

9 ئۇلارنىڭ ئىچىدە قايسى بىرسى ئۆزلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ياراتقانلىقىنى بىلمەيدۇ؟

10 بارلىق ھاياتلىق ئۇنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئىنساننىڭ تىنىقىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەستۇر.

11 تىل تائامنىڭ تەمىنى تېتىغاندەك، ئەجەبا قۇلاقمۇ سۆزلەرنى پەرقلەندۈرمەمدۇ؟

12 ياشانغانلار ئەقىل-پاراسەتلىك، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلەر بىلىملىك بولار.

13 خۇدا ئەقىل-پاراسەتلىك ۋە قۇدرەتلىكتۇر، مەسلىھەت ۋە بىلىم ئۇنىڭغا مەنسۇپتۇر.

14 ئۇ ۋەيران قىلسا، قايتا قۇرغىلى بولماس، ئۇ قاماققا ئالسا، ھېچكىم قۇتقۇزالماس.

15 ئۇ سۇ مەنبەسىنى ئېتىۋەتسە، قۇرغاقچىلىق بولار، سۇ مەنبەسىنى ئېچىۋەتسە، زېمىن سۇ ئاستىدا قالار.

16 ئۇ قۇدرەتلىك ۋە ئەقىل-پاراسەتلىكتۇر، ئالدىغۇچى ۋە ئالدانغۇچى ئۇنىڭ ئىلكىدىدۇر.

17 ئۇ مەسلىھەتچىلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى يوق قىلىۋېتىپ، سوراقچىلارنى ئەخمەق قىلىدۇ.

18 ئۇ پادىشاھلارنىڭ تونىنى يېشىپ تاشلاپ، خۇددى قۇللاردەك پەقەت ئەۋرەتلىرىنى يېپىپ قويىدۇ.

19 ئۇ روھانىيلارنىڭ تونىنى سالدۇرۇۋالىدۇ، ئۇزۇن ۋاقىت ھوقۇق تۇتقانلارنى ئاغدۇرىدۇ.

20 ئۇ ئاقىللارنى تىلىدىن قالدۇرۇپ، ئاقساقاللارنى بىلىمىدىن مەھرۇم قىلىدۇ.

21 ئۇ مەرتىۋىلىكلەرنى شەرمەندە قىلىپ، ئەمەلدارلارنى ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىدۇ.

22 ئۇ قاراڭغۇلۇقتىكى سىرلارنى ئاشكارا قىلىپ، زاۋال باسقان قاراڭغۇلۇقنى يورۇتىدۇ.

23 ئۇ ئەللەرنى گۈللەندۈرىدۇ ھەم زاۋال تاپقۇزىدۇ، ئۇلارنى كېڭەيتىدۇ ھەم چىچىۋېتىدۇ.

24 ئۇ ئەلنىڭ يېتەكچىلىرىنى ئەقلىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئۇلارنى چۆل-باياۋاندا ئازدۇرۇپ، سەرسان قىلىدۇ.

25 ئۇلار نۇرسىز قاراڭغۇلۇقتا تىمىسقىلاپ ماڭىدۇ، خۇددى مەست ئادەملەردەك دەلدەڭشىيدۇ.»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan