ئايۇپ 11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىزوفار: سەن جازالىنىشقا لايىق 1 نائامالىق زوفار جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: 2 «ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلىگەنلەرگە رەددىيە بېرىدىغانلار چىقماسمۇ؟ ئەجەبا، جاۋىلداقلىق يوللۇق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلامدۇ؟ 3 ئاغزىڭ بېسىقماي كاسىلدىساڭلا، كىشىلەر ئۈن چىقارماي جىمجىت تۇرارمۇ؟ سېنىڭ مەسخىرىلىرىڭ ئۈچۈن كىشىلەر سېنى نومۇستا قالدۇرماسمۇ؟ 4 سەن ئۆزۈڭنى ئېتىقادلىق، خۇدا ئالدىدا پاك ئادەممەن دەپ قارامسەن؟ 5 پەقەت خۇدانىڭ سۆزلىشىنى ۋە ساڭا رەددىيە بېرىشىنى خالايمەن. 6 ئۇ ئەقىل-پاراسەتنىڭ سىرلىرىنى ساڭا ئېيتىپ بېرىدۇ، چۈنكى ھەقىقىي ئەقىل-پاراسەت ئىككى قىرلىق بولىدۇ. بىلىشىڭ كېرەككى، خۇدا سېنى گۇناھلىرىڭغا لايىق جازالىمىدى. 7 سەن خۇدانىڭ سىرلىرىنىڭ تېگىگە يېتەلەمسەن، ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ چەكسىزلىكىنى بىلەلەمسەن؟ 8 ئۇ ئەرشتىنمۇ بۈيۈك تۇرسا نېمە ئىش قىلالىشىڭ مۇمكىن؟ ئۇ ئۆلۈكلەر ماكانىدىن چوڭقۇر تۇرسا، نېمىنى بىلەلىشىڭ مۇمكىن؟ 9 ئۇ زېمىندىن چوڭ، دېڭىزدىن بىپاياندۇر. 10 ئۇ سېنى قاماققا ئېلىپ سوتقا تارتسا، كىم ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلالىسۇن؟ 11 ئۇ كاززاپلارنى ياخشى بىلىدۇ، ئەجەبا، جىنايەتنى كۆرۈپ تۇرۇپ كارى بولماسلىقى كېرەكمىدى؟ 12 ياۋايى ئېشەك ئادەم تۇغسا، نادان داناغا ئايلىنىدۇ. 13 قەلبىڭنى خۇداغا بېغىشلاپ، ئۇنىڭغا قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىل. 14 گۇناھ قىلغان بولساڭ، گۇناھتىن قول ئۈزگىن، چېدىرىڭدا ھېچقانداق ئادالەتسىز ئىش بولمىسۇن. 15 شۇندىلا سەن خىجالەتسىز ھالدا يۈزۈڭنى كۆتۈرۈپ يۈرەلەيسەن، مەزمۇت دەسسەپ تۇرالايسەن، ھېچبىر قورقۇنچ بولمايدۇ. 16 ئازاب-ئوقۇبەتلىرىڭنى ئۇنتۇيالايسەن، ئۇلار كەلكۈن سۈيىدەك ئېقىپ تۈگەيدۇ. 17 ھاياتىڭ چۈشتىكى قۇياشتىنمۇ پارلاق بولىدۇ، قاراڭغۇلۇقۇڭمۇ سەھەردەك يورۇيدۇ. 18 ئۈمىدكە تولۇپ، ئۆزۈڭنى تەمكىن ھېس قىلىسەن، خۇدا ساقلاپ، خاتىرجەم ئۇخلايسەن. 19 ئۇخلاۋاتقىنىڭدا ھېچكىم ساڭا ۋەھىمە سالمايدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر سەندىن شاپائەت تىلەيدۇ. 20 لېكىن رەزىللەرنىڭ كۆزلىرى نۇرسىزلىنىدۇ، ئۇلار قاچىدىغانغا يولى تاپالمايدۇ. ئۇلارنىڭ بىردىنبىر ئۈمىدى پەقەت ئاخىرقى نەپەستۇر.» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti