Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئايۇپ 10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئايۇپنىڭ خۇداغا نىدا قىلىشى

1 «ھاياتىمدىن بىزار بولدۇم، شىكايەتلىرىمنى ئوچۇق ئېيتىۋالاي، قەلبىمدىكى ئازابلىرىمنى تۆكۈۋالاي.

2 مەن خۇداغا مۇنداق دەيمەن: ماڭا گۇناھ ئارتمىغىن، ئېيتقىنا قېنى، ماڭا قارشى نېمە شىكايىتىڭ بار؟

3 ئەجەبا، سەن رەزىللەرنىڭ ھىيلىلىرىگە كۈلۈمسىرەپ، ئۆزۈڭ ياراتقان ئادەملەرنى ئېزىپ، كەمسىتىپ، پايدا ئالالامسەن؟

4 ئەجەبا سېنىڭ كۆزۈڭمۇ ئىنساننىڭ كۆزىگە ئوخشاش بولۇپ، نەزىرىڭ ئادەملەرنىڭكىدەك تارمىدۇ؟

5 ئەجەبا كۈنلىرىڭ چەكلىك، ئۆمرۈڭ ئادەملەرنىڭكىدەك قىسقىمىدۇ؟

6 شۇ سەۋەبتىن سەن ھەمىشە خاتالىقلىرىمنى تەكشۈرۈپ، گۇناھلىرىمنى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرەمسەن؟

7 ئەمەلىيەتتە گۇناھسىزلىقىمنى بىلىسەن، لېكىن قولۇڭدىن مېنى قۇتقۇزۇشقا ھېچكىم قادىر ئەمەستۇر.

8 سەن مېنى ئۆز قولۇڭ بىلەن ياراتتىڭ، ياسىدىڭ، ئەمدى مېنى يەنە ھالاك قىلماقچى بولۇۋاتىسەن.

9 مېنى توپىدىن ياراتقىنىڭنى ئۇنتۇما، ئەجەبا مېنى توپىغا قايتۇرماقچىمۇسەن؟

10 مېنى سۈتتەك قۇيۇپ، قېتىقتەك ئۇيۇتقان ئۆزۈڭ ئەمەسمۇ؟

11 سەن مېنى تېرە، گۆش، سۆڭەك ۋە پەيلەر بىلەن توقۇپ چىقتىڭ.

12 سەن ماڭا ھايات ۋە مېھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلدىڭ، سېنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشۈڭ ھاياتىمنى ساقلاپ قالدى.

13 لېكىن سەن يۈرىكىڭگە باشقا بىر نىيەتنى يوشۇردۇڭ، سېنىڭ ئوي-خىياللىرىڭنى بىلىمەن.

14 گۇناھ سادىر قىلغان بولسام تەكشۈرەتتىڭ، گۇناھىمنى كەچۈرۈشۈڭ مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

15 گۇناھىم بولسا بالاغا قالاتتىم، پاك تۇرۇپمۇ بېشىمنى كۆتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمايۋاتىمەن، ھەمدە نومۇستا قېلىپ، يەتكۈچە ئازاب چېكىۋاتىمەن.

16 مەردانە ھالدا قەددىمنى كۆتۈرسەم، ئارقامدىن شىردەك قوغلىدىڭ، كارامەتلىرىڭ بىلەن ماڭا ھۇجۇم قىلدىڭ.

17 يېڭى كۈلپەتلىرىڭ بىلەن ماڭا بولغان نارازىلىقىڭنى قايتا-قايتا ئىسپاتلىدىڭ، ماڭا بولغان غەزىپىڭ تولۇپ تاشتى، ئادەملىرىڭ نۆۋەت بىلەن ماڭا ھۇجۇم قىلماقتا.

18 نېمىشقىمۇ مېنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلدىڭ؟ مەن تۇغۇلۇشتا ئۆلۈپ كەتكەن بولسام ياخشى بولاتتى، ھېچكىممۇ مېنى كۆرمىگەن بولاتتى.

19 خۇددى مەن تۇغۇلمىغاندەك، ئانامنىڭ قورسىقىدىن ئۇدۇل قەبرىگە كىرەتتىم.

20 ۋاقتىم ئازلا قالدى، ئۆتۈنەي، مېنى ئارامىمدا قويغىن، بىردەم بولسىمۇ خۇشاللىنىۋالاي.

21 مەن پات ئارىدا بارسا كەلمەس يەرگە كېتىمەن، زۇلمەت قاپلىغان قاراڭغۇ يەرگە بارىمەن.

22 ئۇ يەر قاپقاراڭغۇ، زۇلمەتلىك، قالايمىقان يەردۇر، ئۇ يەرنىڭ يورۇقى قاراڭغۇلۇققا ئوخشاشتۇر.»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan