يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىھەزرىتى ئەيسانىڭ تۇغما قارىغۇنى ساقايتىشى 1 ھەزرىتى ئەيسا يولدا كېتىۋېتىپ، تۇغما قارىغۇ بىر ئادەمنى كۆردى. 2 شاگىرتلىرى ھەزرىتى ئەيسادىن: - ئۇستاز، بۇ ئادەمنىڭ تۇغما قارىغۇ بولۇشى كىمنىڭ گۇناھ سادىر قىلغانلىقىدىن بولغان؟ ئۆزىنىڭمۇ ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ؟ - دەپ سوراشتى. 3 ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئۆزى ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭ گۇناھ سادىر قىلغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئۆز قۇدرىتىنى ئۇنىڭ ھاياتىدا ئايان قىلماقچى بولغانلىقىدىندۇر. 4 كۈننىڭ يورۇق ۋاقتىدا، مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ بىزگە تاپشۇرغان ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىمىز كېرەك. كەچ كىرىپ قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتسە، ھېچكىم ئىش قىلالمايدۇ. 5 دۇنيادا بولغان مەزگىلىمدە، دۇنيانىڭ نۇرى ئۆزۈمدۇرمەن. 6 ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، يەرگە تۈكۈرۈپ، تۈكۈرۈك بىلەن لاي قىلىپ، لاينى ھېلىقى ئادەمنىڭ كۆزلىرىگە سۈرۈپ قويدى 7 ۋە ئۇنىڭغا: «سىلوھا كۆلچىكىگە بېرىپ كۆزلىرىڭنى يۇ» دېدى. («سىلوھا» ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ، «ئەۋەتىلگۈچى» دېگەن مەنىنى بېرىدۇ.) ھېلىقى ئادەم ھەزرىتى ئەيسانىڭ دېگىنى بويىچە قىلدى ۋە كۆزلىرى ئېچىلغان ھالدا قايتتى. 8 قوشنىلىرى ۋە تىلەمچىلىك قىلغىنىدا ئۇنى كۆرگەنلەر: - بۇ، ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىدىغان ھېلىقى ئادەم ئەمەسمۇ؟ - دېيىشتى. 9 بەزىلەر: «ھەئە، شۇ» دېسە، يەنە بەزىلەر: «ياق، ئۇ ئەمەس، ئەمما ئۇنىڭغا ئوخشايدىكەن» دېيىشتى. بىراق، ئۇ ئۆزى: - مەن دەل شۇ كىشى بولىمەن! - دېدى. 10 - ئۇنداقتا كۆزلىرىڭ قانداق ئېچىلدى؟ - دەپ سوراشتى ئۇلار. 11 ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئەيسا دېگەن بىر كىشى تۈكۈرۈكىدىن لاي قىلىپ كۆزلىرىمگە سۈرۈپ قويۇپ، ماڭا: «سىلوھا كۆلچىكىگە بېرىپ كۆزلىرىڭنى يۇ» دېگەنىدى. مەن ئۇ يەرگە بېرىپ يۇسام، كۆزلىرىم ئېچىلىپ كەتتى. 12 - ئۇ ھازىر قەيەردە؟ - دەپ سوراشتى ئۇلار. - بىلمەيمەن، - دېدى ئۇ. پەرىسىيلەرنىڭ ۋەقەنى سۈرۈشتۈرۈشى 13 خالايىق ئىلگىرى قارىغۇ بولغان بۇ ئادەمنى پەرىسىيلەرنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىشتى. 14 ھەزرىتى ئەيسا لاي قىلىپ بۇ ئادەمنىڭ كۆزلىرىنى ساقايتقان كۈن - دەل دەم ئېلىش كۈنى ئىدى. 15 پەرىسىيلەر بۇ ئادەمدىن كۆزلىرىنىڭ قانداق ئېچىلغانلىقىنى سورىۋىدى، ئۇ: «ئۇ كۆزلىرىمگە لاي سۈرۈپ قويدى، ئاندىن يۈزۈمنى يۇدۇم. ھازىر مانا كۆرەلەيدىغان بولدۇم!» دېدى. 16 شۇنىڭ بىلەن، پەرىسىيلەردىن بەزىلىرى: - ئۇ ئادەم خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگەن ئەمەس، چۈنكى ئۇ دەم ئېلىش كۈنى ئىش قىلماسلىق ئەمرىگە خىلاپلىق قىلدى، - دېيىشتى. يەنە بەزىلىرى: - گۇناھكار بولسا، قانداقلارچە بۇنداق مۆجىزىلەرنى يارىتالايدۇ؟ - دېيىشتى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بۆلۈنۈش پەيدا بولدى. 17 ئۇلار قارىغۇ ئادەمدىن يەنە: - كۆزلىرىڭنى ئاچقان ئۇ ئادەم سېنىڭچە قانداق ئادەمدۇ؟ - دەپ سوراشتى. - ئۇ بىر پەيغەمبەر، - دېدى ھېلىقى ئادەم. 18 يەھۇدىي ئاقساقاللىرى كۆزلىرى ئېچىلغان ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسىنى تېپىپ كەلمىگۈچە، بۇرۇن ئۇنىڭ قارىغۇ ئىكەنلىكىگە ۋە ھازىر كۆزلىرىنىڭ ئېچىلغانلىقىغا ئىشەنمەيتتى. شۇڭا، ئۇلار ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى چاقىرتىپ، 19 ئۇلاردىن: - تۇغما قارىغۇ دېگەن ئوغلۇڭلار مۇشۇمۇ؟ ھازىر قانداقلارچە كۆرەلەيدىغان بولۇپ قالدى؟ - دەپ سوراشتى. 20 - ئۇنىڭ بىزنىڭ ئوغلىمىز ئىكەنلىكى ۋە تۇغۇلۇشىدىنلا قارىغۇ ئىكەنلىكى راست، 21 لېكىن ھازىر قانداقلارچە كۆرەلەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى، كۆزلىرىنى كىم ئاچقانلىقىنى بىلمەيمىز. ئۇنى ئۆزۈڭلار سوراڭلار، ئۇ چوڭ ئادەم تۇرسا، ئۆز ئىشىنى ئۆزى سۆزلەپ بەرسۇن، - دەپ جاۋاب بەردى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى. 22 ئۇلار يەھۇدىي ئاقساقاللىرىدىن قورققانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دېيىشتى، چۈنكى يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ھەزرىتى ئەيسانى قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ، دەپ ئېتىراپ قىلغانلارنى ئىبادەتخانا جامائەتچىلىكىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلغانىدى. 23 شۇنىڭ ئۈچۈن، ھېلىقى ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسى: «ئۇ چوڭ ئادەم تۇرسا، ئۆزىدىن سوراڭلار» دېگەنىدى. 24 پەرىسىيلەر ئىلگىرى قارىغۇ بولغان ئۇ ئادەمنى يەنە چاقىرىپ: - خۇدا ئالدىدا قەسەم قىل! بىز بۇ ئادەمنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، - دېيىشتى. 25 ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئۇنىڭ گۇناھكار ياكى ئەمەسلىكىنى بىلمەيمەن. مەن پەقەت بىرلا ئىشنى بىلىمەن، ئۇ بولسىمۇ قارىغۇ ئىدىم، ھازىر كۆرەلەيدىغان بولدۇم. 26 بۇ چاغدا، ئۇلار: - ئۇ سېنى قانداق قىلدى؟ كۆزلىرىڭنى قانداق ئاچتى؟ - دەپ سوراشتى. 27 ئۇ جاۋابەن: - سىلەرگە ئېيتسام، قۇلاق سالمىدىڭلار. يەنە قانداقلارچە ئاڭلىماقچى بولۇپ قالدىڭلار؟ سىلەرمۇ ئۇنىڭ شاگىرتلىرى بولماقچىمۇ نېمە؟! - دېدى. 28 بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۇنى ھاقارەتلەپ: - سەن ئۇ ئەبلەخنىڭ شاگىرتى! بىز بولساق مۇسا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى. 29 خۇدانىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە سۆزلىگەنلىكىنى بىلىمىز. بۇ ئەبلەخنىڭ بولسا ئەڭ قىسقىسى قەيەردىن كەلگەنلىكىنىمۇ بىلمەيمىز، - دېيىشتى. 30 ھېلىقى ئادەم ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: - ئاجايىپ ئىشقۇ بۇ! ئۇ كۆزلىرىمنى ئاچتى. شۇنداقتىمۇ، سىلەر ئۇنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلمىدىڭلار. 31 بىز بىلىمىزكى، خۇدا گۇناھكارلارنىڭ تەلىپىنى ئاڭلىمايدۇ، بەلكى ئۆزىگە ئىبادەت قىلغان ۋە ئىرادىسىنى ئىشقا ئاشۇرغانلارنىڭكىنى ئاڭلايدۇ. 32 دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى، بىرەر كىشىنىڭ تۇغما قارىغۇنىڭ كۆزىنى ئاچقانلىقىنى ئاڭلاپ باققان ئەمەسمىز. 33 بۇ ئادەم خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلمىگەن بولسا، ھېچنېمە قىلالمىغان بولاتتى. 34 ئۇلار ئۇنى: - سەن گۇناھ ئىچىدە تۇغۇلغان تۇرۇقلۇق، ئەمدى بىزگە تەلىم بەرمەكچىمۇسەن؟ - دېيىشىپ، ئىبادەتخانىدىن قوغلاپ چىقىرىشتى. روھىي قارىغۇلۇق 35 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ ھېلىقى ئادەمنى ئىبادەتخانىدىن قوغلاپ چىقارغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئىزدەپ تېپىپ: - سەن ئىنسانئوغلىغا ئېتىقاد قىلامسەن؟ - دەپ سورىدى. 36 - ھەزرەتلىرى، ئۇ كىم؟ ئېيتىپ بەرگەيسىز، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلاي، - دېدى ھېلىقى ئادەم. 37 - ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇپسەن، ھازىر سەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان دەل شۇنىڭ ئۆزى، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا. 38 ھېلىقى ئادەم: - ئى رەببىم، ساڭا ئېتىقاد قىلدىم! - دەپ، ھەزرىتى ئەيساغا سەجدە قىلدى. 39 - دۇنيادىكى ئادەملەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغىلى كەلدىم. كورلارنى كۆرىدىغان قىلىش، كۆرىمەن دەيدىغانلارغا ئۇلارنىڭ كور ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن كەلدىم، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. 40 ئۇنىڭ يېنىدىكى بەزى پەرىسىيلەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ: - بۇ بىزنىمۇ كور دەپ قارىغانلىق ئەمەستۇ؟ - دەپ سوراشتى. 41 - كور بولغان بولساڭلار، گۇناھكار بولمىغان بولاتتىڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - لېكىن ھازىر، «كۆرۈۋاتىمىز» دېگەنلىكىڭلار ئۈچۈن گۇناھكارسىلەر. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti