Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


زىنا قىلغان ئايال

1 ھەزرىتى ئەيسا زەيتۇن تېغىغا چىقىپ كەتتى.

2 ئەتىسى سەھەردە، ئۇ يەنە مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كەلدى. پۈتۈن جامائەت ئۇنىڭ يېنىغا كېلىۋالغانىدى. ئۇ ئولتۇرۇپ، ئۇلارغا تەلىم بېرىشكە باشلىدى.

3 شۇ چاغدا، بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر زىنا قىلىپ تۇتۇلۇپ قالغان بىر ئايالنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇلار ئايالنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ،

4 ھەزرىتى ئەيسادىن: - ئۇستاز، بۇ ئايال زىنا ئۈستىدە تۇتۇۋېلىندى.

5 مۇسا پەيغەمبەر تەۋرات قانۇنىدا زىنا قىلغان ئاياللارنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈشنى بۇيرۇغان. سىزچە قانداق قىلىش كېرەك؟ - دەپ سوراشتى.

6 ئۇلارنىڭ بۇنداق دېيىشتىكى غەرىزى، ھەزرىتى ئەيسانى تۇزاققا چۈشۈرۈپ، ئۇنى گۇناھكار دەپ ئەيىبلەشكە باھانە ئىزدەش ئىدى. بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئېڭىشىپ، قولى بىلەن يەرگە بىر نېمىلەرنى يازغىلى تۇردى.

7 ئۇلار شۇ سوئالنى سوراۋەردى، شۇڭا ھەزرىتى ئەيسا رۇسلىنىپ، ئۇلارغا: - ئاراڭلاردىكى گۇناھسىز كىشى بۇ ئايالغا بىرىنچى تاشنى ئاتسۇن! - دېدى.

8 ئاندىن، يەنە ئېڭىشىپ، يەرگە يېزىشنى داۋاملاشتۇردى.

9 ئۇلار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئالدى بىلەن ياشانغانلىرى، ئاندىن كېيىن باشقىلىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىشتى. ئاخىردا، ھەزرىتى ئەيسا ئالدىدا ئۆرە تۇرغان ھېلىقى ئايال بىلەن يالغۇز قالدى.

10 ھەزرىتى ئەيسا رۇسلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا: - خانىم، سىزنى شىكايەت قىلغانلار قېنى؟ سىزنى سوراققا تارتىدىغان ئادەم چىقمىدىمۇ؟ - دەپ سورىدى.

11 - چىقمىدى، ھەزرەتلىرى، - دېدى ئايال. ھەزرىتى ئەيسا: - مەنمۇ سىزنى سوراق قىلمايمەن. قايتىڭ، بۇنىڭدىن كېيىن گۇناھ قىلماڭ! - دېدى.{


ھەزرىتى ئەيسا دۇنيانىڭ نۇرى

12 ھەزرىتى ئەيسا يەنە كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: - دۇنيانىڭ نۇرى ئۆزۈمدۇرمەن. ماڭا ئەگەشكەنلەر قاراڭغۇلۇقتا قالمايدۇ. ئەكسىچە، ھاياتلىق نۇرىغا ئېرىشىدۇ.

13 پەرىسىيلەر: - سەن ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ گۇۋاھلىق بېرىۋاتىسەن. شۇڭا سېنىڭ گەپلىرىڭگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ، - دېيىشتى.

14 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - مەن ئۆزۈمگە گۇۋاھلىق بېرىپ سۆزلىسەممۇ، سۆزلىرىم ھەقتۇر، چۈنكى مەن ئۆزۈمنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىمنى ۋە قەيەرگە كېتىدىغانلىقىمنى بىلىمەن. لېكىن، سىلەر بۇنى بىلمەيسىلەر.

15 سىلەر ئىنسانلارنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ھۆكۈم قىلىسىلەر. بىراق، مەن ھېچكىمگە ھۆكۈم قىلمايمەن.

16 ھۆكۈم قىلىپ قالساممۇ، ھۆكۈمۈم توغرا بولاتتى، چۈنكى ھۆكۈم قىلغاندا مەن يالغۇز ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچى ئاتام مەن بىلەن بىللىدۇر.

17 سىلەر رىئايە قىلىدىغان تەۋرات قانۇنىدا: «ئىككى گۇۋاھچىنىڭ سۆزى ئوخشاش چىقسا، ئۇلارنىڭ سۆزلىرى توغرا» دەپ يېزىلغان.

18 مەن ئۆزۈم ئۈچۈن ئۆزۈم گۇۋاھلىق بېرىمەن، مېنى ئەۋەتكەن ئاتاممۇ مەن ئۈچۈن گۇۋاھچىدۇر.

19 - ئاتاڭ قەيەردە؟ - دەپ سوراشتى ئۇلار. - سىلەر يا مېنى تونۇمايسىلەر، يا ئاتامنى. مېنى تونۇغان بولساڭلار، ئاتامنىمۇ تونۇيتتۇڭلار، - دەپ جاۋاب بەردى ھەزرىتى ئەيسا.

20 ھەزرىتى ئەيسا بۇ تەلىملەرنى مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى ئىئانە توپلىنىدىغان يەردە ئېيتقانىدى. بىراق، ھېچكىم ئۇنى تۇتمىدى، چۈنكى ئۇنىڭ ۋاقىت-سائىتى تېخى يېتىپ كەلمىگەنىدى.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئېتىقادسىزلارنى ئاگاھلاندۇرۇشى

21 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە: - مەن بۇ يەردىن كېتىمەن، سىلەر مېنى ئىزدەيسىلەر، بىراق تاپالمايسىلەر. شۇنداقلا، گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىنمايلا ئۆلىسىلەر. مەن كېتىدىغان يەرگە سىلەر بارالمايسىلەر، - دېدى.

22 بۇنىڭ بىلەن، يەھۇدىي ئاقساقاللىرى: - ئۇ: «مەن كېتىدىغان يەرگە سىلەر بارالمايسىلەر» دەيدۇ. بۇ، ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۈۋالىمەن دېگەنلىكىمىدۇ؟ - دېيىشتى.

23 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - سىلەر بۇ يەرلىك بولۇپ، بۇ دۇنياغا تەۋە. مەن بولسام ئەرشتىن كەلگەن بولۇپ، بۇ دۇنياغا تەۋە ئەمەس.

24 شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەرگە: «گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىنماي ئۆلىسىلەر» دېدىم. چۈنكى، سىلەر مېنىڭ «مەڭگۈ بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىمگە ئىشەنمىسەڭلار، گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىنماي ئۆلىسىلەر، - دېدى.

25 - سەن زادى كىم؟ - دەپ سوراشتى ئۇلار. - باشتىن تارتىپ سىلەرگە نېمە دېگەن بولسام، مەن شۇ.

26 ئەسلى مېنىڭ سىلەرنى سوراققا تارتىدىغان نۇرغۇن سۆزلىرىم بار ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ، مېنى ئەۋەتكۈچىدىن ئاڭلىغانلىرىمنىلا ئىنسانلارغا ئۇقتۇرۇۋاتىمەن، چۈنكى ئۇ ھەقتۇر، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

27 ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزلىرىگە ئېيتقانلىرىنىڭ ئاتىسى خۇدا توغرۇلۇق ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلمىدى.

28 شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - سىلەر ئىنسانئوغلىنى كرېستكە مىخلاپ تىكلىگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ «مەڭگۈ بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر. شۇنداقلا، ھېچ ئىشنى ئۆزلۈكۈمدىن قىلمىغانلىقىمنى ۋە پەقەت ئاتامنىڭ ئۆگەتكىنىنىلا سۆزلىگەنلىكىمنىمۇ بىلىسىلەر.

29 مېنى ئەۋەتكۈچى مەن بىلەن بىللىدۇر، ئۇ مېنى ھەرگىز يالغۇز قويمىدى، چۈنكى مەن ھەمىشە ئۇنى خۇش قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىمەن.

30 ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقان چاغنىڭ ئۆزىدە، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى.


ھەقىقىي ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرگۈچى

31 ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىيلارغا: - ئەگەر مېنىڭ تەلىمىم بويىچە ئىش كۆرسەڭلار، مېنىڭ ھەقىقىي شاگىرتلىرىم بولىسىلەر.

32 ھەقىقەتنى بىلىسىلەر ۋە ھەقىقەت سىلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدۇ، - دېدى.

33 - بىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرىمىز، - دەپ جاۋاب بېرىشتى ئۇلار، - ھېچكىمگە ھېچقاچان قۇل بولمىدۇق. سىزنىڭ: «ھەقىقەت سىلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدۇ» دېگىنىڭىزنىڭ مەنىسى زادى نېمە؟

34 - بىلىپ قويۇڭلاركى، گۇناھ سادىر قىلغان كىشى گۇناھنىڭ قۇلىدۇر، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا،

35 - قۇل ئائىلىنىڭ مەڭگۈلۈك ئەزاسى بولالمايدۇ. ئوغۇل بولسا شۇ ئائىلىنىڭ مەڭگۈلۈك ئەزاسىدۇر.

36 شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئوغلى سىلەرنى ئەركىن قىلسا، ھەقىقىي ئەركىن بولىسىلەر.

37 سىلەرنىڭ ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىمەن. بىراق، مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىسىلەر، چۈنكى مېنىڭ تەلىمىم سىلەرنىڭ قەلبىڭلاردا ئورۇن ئالمىدى.

38 مەن ئاتامنىڭ يېنىدا كۆرگەنلىرىمنى سىلەرگە ئېيتىۋاتىمەن. سىلەر ئۆز ئاتاڭلاردىن ئاڭلىغانلىرىڭلارنى قىلىۋاتىسىلەر!

39 - بىزنىڭ ئاتىمىز، ئەجدادىمىز ئىبراھىم، - دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتى ئۇلار. - ئىبراھىمنىڭ پەرزەنتلىرى بولساڭلار، ئىبراھىمنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى قىلغان بولاتتىڭلار!

40 بىراق، ھازىر ئەكسىچە مېنى، يەنى خۇدادىن ئاڭلىغان ھەقىقەتنى سىلەرگە يەتكۈزگەن كىشىنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىسىلەر. ئەجدادىڭلار ئىبراھىم ھەرگىز ئۇنداق ئىشنى قىلمىغان.

41 سىلەر ئۆز ئاتاڭلارنىڭ قىلغىنىنى قىلىۋاتىسىلەر! - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. - بىز ھارامدىن بولمىدۇق. بىزنىڭ پەقەت بىرلا ئاتىمىز بار، ئۇ بولسا خۇدادۇر! - دېيىشتى ئۇلار.

42 - ئاتاڭلار خۇدا بولغان بولسا، مېنى سۆيگەن بولاتتىڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - چۈنكى مەن خۇدانىڭ يېنىدىن كەلدىم، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردىمەن. ئۆزلۈكۈمدىن كەلگەن ئەمەسمەن، بەلكى ئۇ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنمەن.

43 سۆزلىرىمنى نېمىشقا چۈشەنمەيسىلەر؟ ئېنىقكى، مېنىڭ تەلىمىم قۇلىقىڭلارغا ياقمايۋاتىدۇ!

44 ئاتاڭلار شەيتان بولغاچقا، سىلەرمۇ ئۇنىڭ ھەۋەسلىرى بويىچە ئىش قىلىسىلەر. ئۇ ئەزەلدىن قاتىل ھەم ھەقىقەتتە تۇرمايدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭدا ھەقىقەت يوقتۇر. يالغان سۆزلەش ئۇنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى، چۈنكى ئۇ يالغانچى ۋە يالغانچىلىقنىڭ پىرىدۇر.

45 مەن بولسام ھەقىقەتنى سۆزلەيمەن، شۇڭا ماڭا ئىشەنمەيسىلەر.

46 قايسىڭلار مېنىڭ گۇناھىم بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيسىلەر، قېنى؟ ھەقىقەتنى سۆزلىسەم، نېمە ئۈچۈن ماڭا ئىشەنمەيسىلەر؟

47 خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلايدۇ، سىلەر خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمايسىلەر!

48 يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ھەزرىتى ئەيساغا جاۋابەن: - ئەجەبا، بىزنىڭ سېنى: «سامارىيىلىك ھەم جىن چاپلاشقان ئادەمسەن» دېگەن سۆزىمىز توغرا ئەمەسمۇ؟ - دېيىشتى.

49 - ماڭا جىن چاپلاشقىنى يوق، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - مەن ئاتامنى ھۆرمەت قىلىمەن. لېكىن، سىلەر ماڭا بىھۆرمەتلىك قىلىۋاتىسىلەر.

50 مېنىڭ ئۆزۈمنى ئۇلۇغلىغۇم يوق، لېكىن مېنىڭ ئۇلۇغ بولۇشۇمنى خالايدىغان بىرى بار. ئۇنىڭ ھۆكۈمى ئادىلدۇر.

51 بىلىپ قويۇڭلاركى، مېنىڭ تەلىمىم بويىچە ئىش كۆرگەن كىشى مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ.

52 ئۇلار ھەزرىتى ئەيساغا: - ساڭا جىن چاپلاشقانلىقىنى ئەمدى ئېنىق بىلدۇق، - دېيىشتى، - ھەتتا ئەجدادىمىز ئىبراھىم ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرمۇ ئۆلگەن تۇرسا، سەن قانداقچە: «تەلىمىم بويىچە ئىش كۆرگەن كىشى مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ!» دېيەلەيسەن؟

53 ئەجەبا، سەن ئالەمدىن ئۆتكەن ئاتىمىز ئىبراھىمدىن ۋە ۋاپات بولغان باشقا پەيغەمبەرلەردىنمۇ ئۈستۈن تۇرامسەن؟ سەن ئۆزۈڭنى زادى قانداق ئادەم دەپ ھېسابلايسەن؟

54 ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئەگەر مەن ئۆزۈمنى ئۇلۇغلىسام، مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇم بىكار بولاتتى. بىراق، مېنى ئۇلۇغلىغۇچى - سىلەر «خۇدايىمىز» دەپ ئاتايدىغان ئاتامنىڭ ئۆزىدۇر.

55 سىلەر ئۇنى تونۇپ يېتەلمىدىڭلار، لېكىن مەن ئۇنى تونۇيمەن. ئۇنى تونۇمايمەن دېسەم، سىلەردەك يالغانچى بولىمەن، بىراق مەن ئۇنى تونۇيمەن ۋە ئۇنىڭ سۆزى بويىچە ئىش كۆرىمەن.

56 ئاتاڭلار ئىبراھىم مېنىڭ كېلىشىمگە ئىنتىزار بولغان ھەم كەلگەنلىكىمنى ئالدىنئالا كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇشال بولغان.

57 - سەن تېخى ئەللىك ياشقا كىرمىگەن تۇرۇپ، ئەجدادىمىز ئىبراھىمنىمۇ كۆردۈڭمۇ؟ - دېيىشتى ئۇلار.

58 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - بىلىپ قويۇڭلاركى، مەن ئىبراھىم تۇغۇلماستىلا بار ئىدىم! - دېدى.

59 بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار يەردىن تاش ئېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانى چالما-كېسەك قىلماقچى بولۇشتى، لېكىن ئۇ ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ، مەركىزىي ئىبادەتخانىدىن چىقىپ كەتتى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan