Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىنىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشى

1 شۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىدە كېزىپ يۈردى. يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ئۇنى ئۆلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ يەھۇدىيە ئۆلكىسىدە تۇرۇشنى خالىمايتتى.

2 بۇ چاغدا، يەھۇدىيلارنىڭ كەپە تىكىش ھېيتىغا ئاز قالغانىدى،

3 شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىنىلىرى ئۇنىڭغا: - ھېيتتىن بۇرۇن يەھۇدىيىگە بېرىڭ، ئەگەشكۈچىلىرىڭىزمۇ كارامەتلىرىڭىزنى كۆرسۇن!

4 چۈنكى، ئۆزىنى تونۇتماقچى بولغان كىشى يوشۇرۇن ئىش قىلمايدۇ. بۇ ئىشلارنى قىلىۋاتقانىكەنسىز، ئۆزىڭىزنى ئىنسانلارغا كۆرسىتىڭ! - دېيىشتى.

5 (سەۋەبى، ئىنىلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلمىغانىدى.)

6 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - مېنىڭ ۋاقىت-سائىتىم تېخى كەلمىدى. لېكىن، سىلەرگە قاچانلا بولسا پۇرسەت بار.

7 بۇ دۇنيادىكى كىشىلەر سىلەرنى ھەرگىز ئۆچ كۆرمەيدۇ، لېكىن مېنى ئۆچ كۆرىدۇ. چۈنكى، مەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى رەزىل دەپ، گۇۋاھلىق بېرىۋاتىمەن.

8 سىلەر ھېيتقا بېرىۋېرىڭلار. مەن ھازىرچە بارمايمەن، چۈنكى مېنىڭ ۋاقىت-سائىتىم تېخى يېتىپ كەلمىدى، - دېدى.

9 ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ، جەلىلىيىدە قالدى.


كەپە تىكىش ھېيتىدا

10 ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىنىلىرى يېرۇسالېمغا ھېيت ئۈچۈن كەتكەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىمۇ ئۇ يەرگە باردى. ئەمما ئاشكارا ئەمەس، يوشۇرۇن باردى.

11 ھېيت-ئايەم كۈنلىرىدە يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ئۇنى ئىزدەپ، خالايىقتىن: «ئەيسانى كۆردۈڭلارمۇ؟» دەپ سوراشتى.

12 كىشىلەر ئارىسىدا ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كۆپ گەپ-سۆزلەر ئېقىپ يۈردى. بەزىلەر ئۇنى: «ياخشى ئادەم!» دېسە، يەنە بەزىلەر: «ياق، دەل ئەكسىچە، خەلقنى ئازدۇرۇۋاتىدۇ!» دېيىشتى.

13 بىراق، ھېچكىم ئۇنىڭ ياخشىلىقى توغرۇلۇق ئاشكارا سۆزلىمەيتتى، چۈنكى يەھۇدىي ئاقساقاللىرىدىن قورقاتتى.

14 ھېيتنىڭ يېرىمى ئۆتكەندە، ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ خەلققە تەلىم بېرىشكە باشلىدى.

15 يەھۇدىي ئاقساقاللىرى: - بۇ ئادەم ھېچقانداق تەلىم ئالمىغان تۇرۇقلۇق، ئۇنىڭ قانداقمۇ مۇنچە كۆپ بىلىمى بولسۇن؟ - دەپ ھاڭ-تاڭ قېلىشتى.

16 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - بۇ تەلىملەر مېنىڭ ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچى خۇدانىڭكىدۇر.

17 خۇداغا چىن دىلىدىن ئىتائەت قىلىشنى خالايدىغان كىشى بۇ تەلىملەرنىڭ خۇدادىن كەلگەنلىكىنى ياكى ئۆزلۈكۈمدىن ئېيتىۋاتقانلىقىمنى بىلەلەيدۇ.

18 ئۆز ئالدىغا سۆزلىگەن كىشى ئۆز شان-شەرىپىنى ئىزدەيدۇ، لېكىن ئۆزىنى ئەۋەتكۈچىنىڭ شان-شەرىپىنى ئىزدەيدىغان كىشى ھەق سۆزلەيدۇ. ئۇنداق كىشىدە ھەقسىزلىق يوقتۇر.

19 مۇسا پەيغەمبەر سىلەرگە تەۋرات قانۇنىنى ئۆزى يەتكۈزگەن، شۇنداققۇ؟! لېكىن، ھېچقايسىڭلار بۇ قانۇنغا ئەمەل قىلمىدىڭلار! ئېيتىڭلارچۇ، نېمىشقا مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولىسىلەر؟ - دېدى.

20 كۆپچىلىك: - سىزگە جىن تېگىپتۇ! سىزنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان كىم ئىكەن؟ - دېيىشتى.

21 - مەن دەم ئېلىش كۈنىدە بىر مۆجىزە يارىتىپ قويسام، ھەممىڭلار ھاڭ-تاڭ قېلىشتىڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا،

22 - بىراق، سىلەرمۇ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ بالا تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى خەتنىسىنى قىلىش كېرەك دېگەن بۇيرۇقىنى ئادا قىلىمىز دەپ، دەم ئېلىش كۈنى بولسىمۇ، بالىلارنىڭ خەتنىسىنى قىلىۋېرىسىلەر. ئەمەلىيەتتە، خەتنە قىلىش مۇسا پەيغەمبەردىن ئەمەس، ئەجدادىڭلار ئىبراھىمدىن قالغان.

23 تەۋرات قانۇنى بۇزۇلمىسۇن دېيىلىپ تۇرۇپ، دەم ئېلىش كۈنى خەتنە قىلىنىدۇيۇ، بۇنداق كۈندە بىر ئادەمنى ساپمۇساق قىلسام، نېمە ئۈچۈن ماڭا ئاچچىقلىنىسىلەر؟

24 تەكشۈرمەي تۇرۇپ ھۆكۈم قىلماڭلار، ھۆكۈمۈڭلار ئادىل بولسۇن!


ھەزرىتى ئەيسا قۇتقۇزغۇچىمىدۇ؟

25 يېرۇسالېملىقلارنىڭ بەزىلىرى: - ئاقساقاللار ئۆلتۈرمەكچى بولغان ئادەم بۇ ئەمەسمىدى؟

26 ئاشكارا سۆزلەۋاتسىمۇ، ئۇنىڭغا قارشى ھېچ نەرسە دېمەيۋاتقىنىنى! ئاقساقاللار ئۇنىڭ قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئىكەنلىكىگە ھەقىقەتەن كۆزلىرى يەتتىمۇ؟

27 ھالبۇكى، مەسىھ كەلگەندە، ئۇنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ھېچكىم بىلەلمەيدىغۇ. بىراق، بۇ ئادەمنىڭ بولسا قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ئېنىق بىلىمىز، - دېيىشتى.

28 ئۇ چاغدا، مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا تەلىم بېرىۋاتقان ھەزرىتى ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى: - سىلەر مېنى تونۇيمىز ھەمدە مېنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىمنىمۇ بىلىمىز، دەپ قارايسىلەر، شۇنداقمۇ؟ بىراق، مەن ئۆزلۈكۈمدىن ئەمەس، مەن ۋەكىللىك قىلغۇچىنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن كەلدىم. ئۇ ھەقتۇر، بىراق سىلەر ئۇنى تونۇمايسىلەر.

29 مەن ئۇنى تونۇيمەن. چۈنكى مەن ئۇنىڭ يېنىدىن كەلدىم، مېنى ئۇ ئەۋەتتى.

30 شۇنىڭ بىلەن، بەزىلەر ھەزرىتى ئەيسانى تۇتماقچى بولۇشتى، لېكىن ئۇنىڭغا قول سالىدىغان ئادەم چىقمىدى، چۈنكى ئۇنىڭ ۋاقىت-سائىتى تېخى يېتىپ كەلمىگەنىدى.

31 خالايىق ئارىسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرمۇ ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى. ئۇلار: «مەسىھ قانداقمۇ ئۇنىڭدىن كۆپ مۆجىزە يارىتار؟!» دېيىشتى.


ھەزرىتى ئەيسانى تۇتۇش ئۈچۈن قاراۋۇللارنىڭ ئەۋەتىلىشى

32 پەرىسىيلەر خەلق ئىچىدە ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدىكى ئېقىپ يۈرگەن گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئالىي روھانىيلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانى تۇتۇش ئۈچۈن ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىنى ئەۋەتتى.

33 ھەزرىتى ئەيسا: - يەنە بىرئاز ۋاقىت سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن. كېيىن، مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ يېنىغا كېتىمەن.

34 مېنى ئىزدەيسىلەر، لېكىن تاپالمايسىلەر. مەن بارىدىغان يەرگە بارالمايسىلەر، - دېدى.

35 بۇنىڭ بىلەن، يەھۇدىي ئاقساقاللىرى بىر-بىرىگە: - ئۇ بىز تاپالمىغۇدەك قەيەرلەرگە كېتەر؟ چەت ئەلدە تۇرۇۋاتقان يەھۇدىي مۇھاجىرلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، گرېكلارغا تەلىم بېرەمدىغاندۇ؟

36 «مېنى ئىزدەيسىلەر، لېكىن تاپالمايسىلەر. مەن بارىدىغان يەرگە بارالمايسىلەر» دېگىنى نېمىسىدۇ؟ - دېيىشتى.


ھاياتلىق سۈيى

37 ھېيتنىڭ ئاخىرقى ھەم ئەڭ تەنتەنىلىك كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق جاكارلىدى: - كىمدەكىم ئۇسسىسا، مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ ئىچسۇن!

38 چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا ماڭا ئېتىقاد قىلغانلار ھەققىدە: «ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىن ھاياتلىق سۈيىنىڭ دەريالىرى ئېقىپ چىقىدۇ!» دەپ يېزىلغان.

39 ئۇ بۇ سۆزنى ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغانلارغا ئاتا قىلىنىدىغان خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا قارىتا ئېيتقانىدى. خۇدانىڭ روھى تېخى ھېچكىمگە چۈشمىگەنىدى، چۈنكى ھەزرىتى ئەيسا تېخى ئاتىسىنىڭ ئەرشتىكى شان-شەرىپىگە كىرمىگەنىدى.


خەلقنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشى

40 خەلق ئىچىدە بەزى كىشىلەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ: - مۇسا پەيغەمبەر ئالدىن ئېيتقان پەيغەمبەر ھەقىقەتەن ئۇ ئىكەن! - دېيىشتى.

41 بەزىلەر: «بۇ، قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ!» دېيىشەتتى. يەنە بەزىلەر بولسا: «ئۇنداق ئەمەستۇ! مەسىھ جەلىلىيىدىن كەلمەيتتىغۇ؟

42 مۇقەددەس يازمىلاردا مەسىھنىڭ پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن ھەم پادىشاھ داۋۇتنىڭ يۇرتى بەيتلەھەم يېزىسىدىن كېلىشى ھەققىدە دېيىلمىگەنمىدى؟» دېيىشتى.

43 بۇنىڭ بىلەن، خالايىق ھەزرىتى ئەيسانىڭ ۋەجىدىن ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى.

44 بەزىلىرى ئۇنى تۇتۇشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ھېچكىم ئۇنىڭغا قول سالمىدى.


يەھۇدىي ئاقساقاللىرىنىڭ ئېتىقادسىزلىقى

45 ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرى ئىبادەتخانىدىن قايتىپ كەلگەندە، ئالىي روھانىيلار بىلەن پەرىسىيلەر: - نېمە ئۈچۈن ئۇنى تۇتۇپ كەلمىدىڭلار؟ - دەپ سوراشتى.

46 ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرى: - ھېچكىم ھېچقاچان بۇ ئادەمدەك سۆزلىگەن ئەمەس! - دەپ جاۋاب بېرىشتى.

47 پەرىسىيلەر: - سىلەرمۇ ئازدۇرۇلمىغانسىلەر؟

48 ئاقساقاللاردىن ياكى پەرىسىيلەردىن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلار بارمۇ نېمە؟

49 ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان گۇرۇھنىڭ مۇقەددەس يازمىلاردىن خەۋىرى يوق، شۇڭا ئۇ خەقنى خۇدا ئۇرىدۇ! - دېيىشتى.

50 ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرى، يەنى بۇرۇن بىر ئاخشىمى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كەلگەن نىكودىم ئۇلارغا:

51 - تەۋرات قانۇنىمىزدا بىر ئادەمنىڭ ئۆز ئىقرارىنى ئاڭلىماي ۋە قىلمىشلىرىنى بىلمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشقا بولمايدۇ، دەپ يېزىلغان، - دېدى.

52 - ئەجەبا، سەنمۇ جەلىلىيىلىكمۇ نېمە؟ - دېيىشتى ئاقساقاللار، - مۇقەددەس يازمىلارنى ئوقۇساڭ، جەلىلىيىدىن پەيغەمبەر چىقمايدىغانلىقىنى بىلەلەيسەن!}

53 بۇنىڭ بىلەن، كۆپچىلىك ئۆيلىرىگە قايتىشتى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan