يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىبەش مىڭ ئادەمنىڭ تويدۇرۇلۇشى 1 بىر مەزگىلدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە كۆلى (تىبېرىيە كۆلى دەپمۇ ئاتىلىدىغان كۆل)~نىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتتى. 2 زور بىر توپ خالايىق ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى، چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ كېسەللەرنى ساقايتقان مۆجىزىلىرىنى كۆرگەنىدى. 3 ھەزرىتى ئەيسا تاغقا چىقىپ، ئۇ يەردە شاگىرتلىرى بىلەن بىللە ئولتۇردى. 4 بۇ، يەھۇدىيلارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاز قالغان ۋاقىت ئىدى. 5 ھەزرىتى ئەيسا بېشىنى كۆتۈرۈپ، زور بىر توپ خالايىقنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، فىلىپتىن: - شۇنچە كۆپ ئادەمنى تويدۇرغۇدەك ناننى نەدىن تاپىمىز؟ - دەپ سورىدى. 6 ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزنى ئۇنى سىناش ئۈچۈن ئېيتقانىدى. ئەمەلىيەتتە، قانداق قىلىشنى ئۆزى بىلەتتى. 7 فىلىپ جاۋابەن: - ھەممەيلەننىڭ بىر بۇردىدىن نان يېيىشى ئۈچۈن، يېرىم يىللىق كىرىممۇ يەتمەيدۇ! - دېدى. 8 شاگىرتلاردىن يەنە بىرى، يەنى سىمۇن پېترۇسنىڭ ئىنىسى ئەندەر ھەزرىتى ئەيساغا: 9 - بۇ يەردە بىر كىچىك بالا بولۇپ، ئۇنىڭدا بەش ئارپا نان بىلەن ئىككى بېلىق بار. لېكىن، بۇنچىۋالا ئادەم ئۈچۈن بۇ نېمىگە يەتسۇن؟! - دېدى. 10 - كۆپچىلىكنى ئولتۇرغۇزۇڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. ئۇ يەر كەڭ كەتكەن چىمەنزارلىق ئىدى. خالايىقنىڭ ھەممىسى ئولتۇردى. ئۇ يەردىكى ئەرلەرنىڭ سانىلا بەش مىڭچە بار ئىدى. 11 ھەزرىتى ئەيسا نانلارنى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا شۈكۈر ئېيتقاندىن كېيىن، ئولتۇرغانلارغا بۆلۈپ بەردى. بېلىقلارنىمۇ شۇنداق قىلدى. كۆپچىلىك خالىغانچە يېدى. 12 ھەممەيلەن يەپ تويغاندا، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا: - ئېشىپ قالغىنىنى يىغىڭلار، ھېچ نەرسە زايە بولمىسۇن، - دېدى. 13 شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار كۆپچىلىكنىڭ بەش ئارپا ناندىن يەپ ئېشىپ قالغىنىنى ئون ئىككى سېۋەتكە تولدۇرۇپ يىغىۋالدى. 14 خالايىق ھەزرىتى ئەيسانىڭ كۆرسەتكەن بۇ مۆجىزىسىنى كۆرۈپ: «دۇنياغا كېلىشىنى مۇسا پەيغەمبەر ئالدىن ئېيتقان پەيغەمبەر ھەقىقەتەن مۇشۇ ئىكەن!» دېيىشتى. 15 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى بولۇشقا مەجبۇرلايدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۇلاردىن ئايرىلىپ، قايتىدىن تاغقا تەنھا چىقىپ كەتتى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ سۇ ئۈستىدە مېڭىشى 16 كەچقۇرۇن، ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى كۆل بويىغا كېلىشتى. 17 گەرچە قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ھەزرىتى ئەيسا تېخىچە ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلمىگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار بىر كېمىگە ئولتۇرۇپ، كۆلنىڭ ئۇ قېتىدىكى كەپەرناھۇم شەھىرىگە قاراپ يول ئېلىشتى. 18 قاتتىق بوران چىقىپ، كۆلدە دولقۇن كۆتۈرۈلۈۋاتاتتى. 19 شاگىرتلار پالاق ئۇرۇپ تۆت-بەش چاقىرىم يەرگىچە بارغاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسانىڭ كۆل ئۈستىدە مېڭىپ كېمىگە يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قورقۇشۇپ كەتتى. 20 لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - قورقماڭلار، بۇ مەن! - دېدى. 21 بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى كېمىگە چىقىشقا ئۈندىدى. ئۇ كېمىگە چىققاندىن كېيىنلا، ئۇلار بارماقچى بولغان يېرىگە بېرىپ قالدى. ھەزرىتى ئەيسا - روھىي ئوزۇقتۇر 22 ئىككىنچى كۈنى، كۆلنىڭ ئۇ قېتىدا قالغان خالايىق تۈنۈگۈنكى كۈندە ئۇ يەردە پەقەت بىرلا كېمىنىڭ بارلىقىنى، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆز شاگىرتلىرى بىلەن بىللە ئۇ كېمىگە ئولتۇرمىغانلىقىنى، شاگىرتلىرىنىڭ يالغۇز كەتكەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى. 23 بىرنەچچە كېمە تىبېرىيە شەھىرىدىن ھەزرىتى ئەيسا دۇئا قىلىپ خالايىققا نان تارقىتىپ بەرگەن يەرگە يېقىن كېلىپ توختىدى. 24 ھەزرىتى ئەيسانىڭ ۋە شاگىرتلىرىنىڭ ئۇ يەردە ئەمەسلىكىنى بىلگەن خالايىق ئۇ كېمىلەرگە ئولتۇرۇپ، كەپەرناھۇم شەھىرىگە ھەزرىتى ئەيسانى ئىزدىگىلى ماڭدى. 25 خالايىق ئۇنى كۆلنىڭ ئۇ قېتىدا تاپقاندىن كېيىن: - ئۇستاز، بۇ يەرگە قاچان كەلدىڭىز؟ - دەپ سوراشتى. 26 ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: - بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر مېنى مۆجىزىلىرىمنى كۆرۈپ چۈشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى نانلاردىن خالىغانچە يەپ تويغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئىزدىدىڭلار. 27 بىراق، سىلەر بۇزۇلىدىغان ئوزۇقلۇق ئۈچۈن ئەمەس، بۇزۇلمايدىغان، مەڭگۈلۈك ھاياتلىق بېرىدىغان ئوزۇقلۇق ئۈچۈن جان تىكىپ ئىشلەڭلار! بۇنى سىلەرگە ئىنسانئوغلى~-~ئۆزۈم بېرىمەن، چۈنكى مېنىڭ بۇنداق قىلىشىمنى خۇدائاتام تەستىقلىغان. 28 ئۇلار: - قانداق قىلغاندا خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولالايمىز؟ - دەپ سوراشتى. 29 - خۇدانىڭ خىزمىتى - خۇدانىڭ ئەۋەتكىنىگە ئېتىقاد قىلىشتۇر، - دەپ جاۋاب بەردى ھەزرىتى ئەيسا. 30 ئۇلار يەنە: - سىز قانداق مۆجىزە يارىتىش بىلەن بىزنى ئۆزىڭىزگە ئىشەندۈرىسىز؟ بىزگە نېمە قىلىپ بەرمەكچىسىز؟ 31 ئەجدادلىرىمىز چۆلدە يۈرگەندە، «ماننا» دەپ ئاتالغان نان يېگەن. بۇ ھەقتە زەبۇردا: «ئۇ ئۇلارغا ئەرشتىن چۈشۈرۈلگەن نان تەقدىم قىلدى» دېيىلگەن. سىز بىزگە نېمە تەقدىم قىلماقچىسىز؟ - دېيىشتى. 32 بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەجدادلىرىڭلارغا ئاسماندىن چۈشكەن ناننى مۇسا پەيغەمبەر ئەمەس، بەلكى خۇدائاتام بەرگەن. مانا ھازىرمۇ سىلەرگە ئاسماندىن چۈشكەن ھەقىقىي ناننى خۇدائاتام بېرىۋاتىدۇ. 33 بۇ نان ئەرشتىن چۈشكەندۇر ۋە پۈتۈن دۇنياغا ھاياتلىق بەرگۈچىدۇر. 34 - تەقسىر، ھەمىشە بىزگە بۇنداق نان بېرىپ تۇرغايسىز! - دېيىشتى ئۇلار. 35 ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - ھاياتلىق بېرىدىغان نان ئۆزۈمدۇرمەن! مېنىڭ يېنىمغا كەلگەنلەر ھەرگىز ئاچ قالمايدۇ. ماڭا ئېتىقاد قىلغانلار ھېچقاچان ئۇسسىمايدۇ. 36 لېكىن سىلەرگە ئېيتقىنىمدەك، سىلەر مېنى كۆرگەن بولساڭلارمۇ، ماڭا ئېتىقاد قىلمايۋاتىسىلەر. 37 خۇدائاتام ماڭا تاپشۇرغانلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ يېنىمغا كېلىدۇ. مېنىڭ يېنىمغا كەلگەنلەرنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيمەن. 38 چۈنكى، مەن ئۆز ئىرادەمنى ئەمەس، مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەرشتىن چۈشتۈم. 39 مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسى بولسا ئۇنىڭ ماڭا تاپشۇرغانلىرىدىن بىرىنىمۇ يوقاتماسلىقىم، شۇنداقلا قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىلدۈرۈپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتۈرۈشۈمدىن ئىبارەت. 40 چۈنكى، مېنىڭ ئاتامنىڭ ئىرادىسى ئوغلىنى، يەنى مېنى تونۇغان ۋە ماڭا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتۈرۈشتۇر. مەن ئۇلارنى قىيامەت كۈنى تىرىلدۈرۈپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتۈرىمەن. 41 ھەزرىتى ئەيسا: «ئەرشتىن چۈشكەن ˜نانŒ ئۆزۈمدۇرمەن!» دېگەنلىكى ئۈچۈن، يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا نارازى بولۇپ غودۇڭشىشقا باشلىدى. 42 «بۇ يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەيسا ئەمەسمۇ؟ ئاتىسىنىمۇ، ئانىسىنىمۇ تونۇيدىغان تۇرساق، يەنە قانداقلارچە: ˜ئەرشتىن چۈشتۈم!Œ دېيەلىسۇن؟» دېيىشەتتى ئۇلار. 43 - ماڭا غودۇڭشىماڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - 44 مېنى ئەۋەتكەن خۇدائاتام ئۆزى كىشىلەرنىڭ قەلبىگە سالمىسا، ئۇلار مېنىڭ يېنىمغا كېلەلمەيدۇ. مېنىڭ يېنىمغا كەلگەن كىشىلەرنى قىيامەت كۈنى تىرىلدۈرىمەن. 45 پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدا مۇنداق يېزىلغان: «ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە خۇدا تەرىپىدىن تەلىم بېرىلىدۇ.» شۇڭا، ئاتامنىڭ تەلىمىنى ئاڭلىغان ۋە ئۇنىڭدىن ئۆگەنگەن كىشىلەر مېنىڭ يېنىمغا كېلىدۇ. 46 بۇ، ئاتامنى بىر كىشى كۆرگەن دېگەنلىك ئەمەس. ئاتامنى پەقەت ئۇنىڭ يېنىدىن كەلگۈچى مەنلا كۆرگەن. 47 بىلىپ قويۇڭلاركى، ماڭا ئېتىقاد قىلغانلار مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئاللىقاچان ئېرىشكەن بولىدۇ. 48 ھاياتلىق بېرىدىغان «نان» ئۆزۈمدۇرمەن. 49 گەرچە ئەجدادلىرىڭلار چۆللەردە ماننا يېگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئۆلدى. 50 لېكىن، ئەرشتىن چۈشكەن شۇنداق بىر «نان» باركى، ئۇنى يېگەنلەر ئۆلمەيدۇ. 51 ئەرشتىن چۈشكەن، «ھاياتلىق بېرىدىغان نان» ئۆزۈمدۇرمەن. كىمدەكىم بۇ «نان»~دىن يېسە، مەڭگۈ ياشايدۇ. بۇ «نان» مېنىڭ تېنىمدۇر. مەن دۇنيادىكى ئىنسانلار ھەقىقىي ھاياتقا ئىگە بولسۇن دەپ، ئۇنى ئاتىماقچى. 52 بۇ سۆز بىلەن ئۇلار خاپا بولۇشۇپ: - بۇ ئادەم بىزنىڭ يېيىشىمىزگە ئۆز تېنىنى قانداق بېرەلەيدۇ؟ - دېيىشىپ، تالاش-تارتىش قىلىشقا باشلىدى. 53 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - بىلىپ قويۇڭلاركى، ئىنسانئوغلىنىڭ تېنىنى يېمىگۈچە ۋە قېنىنى ئىچمىگۈچە، سىلەردە مەڭگۈلۈك ھاياتلىق بولمايدۇ. 54 تېنىمنى يېگەن ۋە قېنىمنى ئىچكەن كىشى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ. مەن ئۇ كىشىنى قىيامەت كۈنى تىرىلدۈرىمەن. 55 چۈنكى، تېنىم ھەقىقىي يېمەكلىك، قېنىم بولسا ھەقىقىي ئىچىملىكتۇر. 56 تېنىمنى يېگەن ۋە قېنىمنى ئىچكەن كىشى مەندە ياشايدۇ. مەنمۇ ئۇنىڭدا ياشايمەن. 57 ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى بولغان ئاتام مېنى ئەۋەتتى. مەن ئۇنىڭ بار بولغانلىقىدىن ياشايمەن. شۇنىڭغا ئوخشاش، مېنىڭ تېنىمنى يېگەن كىشىمۇ مېنىڭ بار بولغانلىقىمدىن ياشايدۇ. 58 مانا بۇ ئەرشتىن چۈشكەن «نان»~دۇر. ئەجدادلىرىڭلار «ماننا» دەپ ئاتالغان ناننى يېگەن بولسىمۇ، ئۆلدى، بىراق بۇ ناننى يېگەنلەر بولسا مەڭگۈ ياشايدۇ! 59 ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى كەپەرناھۇم شەھىرىدىكى ئىبادەتخانىدا تەلىم بەرگىنىدە ئېيتقانىدى. 60 نۇرغۇن شاگىرتلار بۇنى ئاڭلىغاندا: - بۇ تەلىمنى ھەزىم قىلىش بەك تەس ئىكەن! بۇنى كىم قوبۇل قىلالىسۇن؟ - دېيىشتى. 61 شاگىرتلىرىنىڭ غودۇڭشىغىنىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا: - سۆزلىرىم چىشىڭلارغا تېگىۋاتامدۇ؟ 62 مۇبادا ئىنسانئوغلىنىڭ ئەسلى كەلگەن جايى - ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆرسەڭلار، نېمە دەيسىلەر؟! 63 ئىنسانغا ھاياتلىق بەرگۈچى - خۇدانىڭ روھىدۇر. بۇ ئىش ئىنساننىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. سىلەرگە ئېيتقان سۆزلىرىم خۇدانىڭ روھىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ ھاياتلىق تەقدىم قىلىدۇ. 64 لېكىن، ئاراڭلاردا ئېتىقاد قىلمىغانلارمۇ بار، - دېدى. (چۈنكى، ھەزرىتى ئەيسا ئېتىقاد قىلمىغانلارنى ۋە ئۆزىگە ساتقۇنلۇق قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بۇرۇندىن بىلەتتى.) 65 - مەن سىلەرگە دېدىمغۇ! ئاتام ماڭا يېقىنلاشتۇرغانلاردىن باشقا، ھېچكىم مېنىڭ يېنىمغا كېلەلمەيدۇ! - دېدى ھەزرىتى ئەيسا يەنە قوشۇمچە قىلىپ. 66 بۇنىڭ بىلەن، ئەگەشكۈچىلىرىدىن خېلى كۆپى چېكىنىپ چىقىپ، ئۇنىڭغا ئەگەشمەيدىغان بولدى. 67 ھەزرىتى ئەيسا ئون ئىككى شاگىرتىدىن: - سىلەرچۇ، سىلەرمۇ مەندىن ئايرىلماقچىمۇ؟ - دەپ سورىدى. 68 سىمۇن پېترۇس مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: - ئى رەببىم، مەڭگۈ ھاياتلىق بېرىدىغان سۆزلەر پەقەت سىزدىلا تۇرسا! بىز كىمنىڭ يېنىغا كېتەتتۇق؟ 69 ئىشىنىمىز ۋە بىلىمىزكى، سىز خۇدا ئەۋەتكەن مۇقەددەس بولغۇچىسىز! 70 ھەزرىتى ئەيسا جاۋابەن: - مەن سىلەر ئون ئىككىڭلارنى تاللىدىم، بىراق ئاراڭلاردا بىرى شەيتاننىڭ ئىلكىدىدۇر! - دېدى. 71 ھەزرىتى ئەيسا سىمۇننىڭ ئوغلى يەھۇدا ئىشقارىيوتنى دېمەكچى ئىدى، چۈنكى يەھۇدا ئون ئىككى شاگىرتنىڭ بىرى بولۇپ تۇرۇقلۇق، كېيىن ھەزرىتى ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلاتتى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti