Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


كۆلچەك بويىدىكى پالەچنىڭ ساقايتىلىشى

1 بۇنىڭدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، يەھۇدىيلارنىڭ بىر ھېيتى يېتىپ كەلدى. شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمغا باردى.

2 يېرۇسالېمدىكى «قوي دەرۋازىسى»~نىڭ يېنىدا ئىبرانىي تىلىدا «بەيتەستا» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كۆلچەك بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا بەش پېشايۋان بار ئىدى.

3 بۇ پېشايۋانلار ئاستىدا بىر توپ قارىغۇ، توكۇر ۋە پالەچلەر يېتىشاتتى. }ئۇلار يېتىپ كۆلچەكنىڭ سۈيىنىڭ چايقىلىشىنى كۈتەتتى.

4 چۈنكى، خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى تۇرۇپ-تۇرۇپ كۆلچەككە چۈشۈپ سۇنى چايقايدىكەن، سۇنىڭ چايقىلىشىدىن كېيىن كۆلچەككە بىرىنچى بولۇپ كىرگەن كىشى ھەرقانداق كېسەلدىن خالاس بولىدىكەن.{

5 ئۇ يەردە ئوتتۇز سەككىز يىل كېسەل تارتقان بىر بىمار بار ئىدى.

6 ھەزرىتى ئەيسا بۇ توكۇر ئادەمنى كۆردى ۋە ئۇنىڭ ئۇزۇندىن بېرى شۇ ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭدىن: - ساقىيىپ كېتىشنى خالامسەن؟ - دەپ سورىدى.

7 بىمار مۇنداق جاۋاب بەردى: - ھەزرەتلىرى، سۇ چايقالغاندا مېنى سۇغا چۈشۈرىدىغان ئادىمىم يوق. مەن چۈشەي دېگۈچە، باشقىلار مېنىڭ ئالدىمدا چۈشۈۋالىدۇ.

8 ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ئورنۇڭدىن تۇر، ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭ! - دېدى.

9 ھېلىقى ئادەم شۇئان ساقىيىپ، ئورۇن-كۆرپىسىنى يىغىشتۇرۇپ مېڭىشقا باشلىدى. بۇ، يەھۇدىيلارنىڭ دەم ئېلىش كۈنى ئىدى.

10 شۇڭا، بەزى يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ساقايغان ئادەمگە: - بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنى تۇرسا، تەۋرات قانۇنىمىزدا دەم ئېلىش كۈنى ئىش قىلىش مەنئى قىلىنغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنە ئورۇن-كۆرپەڭنى كۆتۈرۈپ يۈرىسەنغۇ! - دېدى.

11 لېكىن، بىمار ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: - مېنى ساقايتقان كىشى ماڭا: «ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭ» دېگەن تۇرسا!

12 - ساڭا: «ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭ» دېگەن زادى كىم ئىكەن ئۇ؟ - دەپ سوراشتى ئۇلار.

13 بىراق، ساقايغان ئادەم ھەزرىتى ئەيسانىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. ئۇ يەردە ئادەم كۆپ بولغانلىقتىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ، ئاستىغىنا كېتىپ قالدى.

14 بۇ ئىشتىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى ئادەمنى مەركىزىي ئىبادەتخانىدا كۆرۈپ: - كېسىلىڭدىن ساقايدىڭ. ئەمدى گۇناھ سادىر قىلما، بېشىڭغا تېخىمۇ چوڭ بالا-قازا كېلىپ قالمىسۇن! - دېدى.

15 ھېلىقى ئادەم يەھۇدىي ئاقساقاللىرىنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۆزىنى ساقايتقان ھەزرىتى ئەيسا ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

16 ھەزرىتى ئەيسا بۇ ئىشلارنى دەم ئېلىش كۈنى قىلغانلىقى ئۈچۈن، يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىشقا باشلىدى.

17 لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - خۇدائاتام تا ھازىرغىچە توختىماستىن ئىش قىلىپ كەلمەكتە، مەنمۇ شۇنداق قىلىشىم كېرەك! - دېدى.

18 شۇنداق قىلىپ، يەھۇدىي ئاقساقاللىرىنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈش نىيىتى تېخىمۇ كۈچەيدى. چۈنكى، ئۇ دەم ئېلىش كۈنىنىڭ قائىدىسىنى بۇزۇپلا قالماستىن، خۇدانىڭ ئۆز ئاتىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىش بىلەن، ئۆزىنى خۇداغا تەڭ قىلغانىدى.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ ھوقۇقى

19 ھەزرىتى ئەيسا بۇ شىكايەتلەرگە جاۋابەن يەھۇدىي ئاقساقاللىرىغا مۇنداق دېدى: - بىلىپ قويۇڭلاركى، ئوغلى ئۆزلۈكىدىن ھېچنېمە قىلالمايدۇ. پەقەت ئەرشتىكى ئاتىسىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئاندىن شۇ ئىشنى قىلالايدۇ. ئاتىسى نېمە قىلسا، ئۇمۇ شۇنى قىلىدۇ.

20 چۈنكى، ئاتىسى ئۇنى سۆيىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ قىلىدىغان بارلىق ئىشلىرىنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىدۇ ھەم ئوغلى ئارقىلىق سىلەرنى ھەيران قالدۇرغۇدەك، تېخىمۇ زور ۋە ئۇلۇغ ئىشلارنى ئايان قىلىدۇ.

21 ئۆلگەنلەرنى ئاتىسى قانداق تىرىلدۈرۈپ، ئۇلارغا ھاياتلىق ئاتا قىلغان بولسا، ئوغلىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزى خالىغان كىشىلەرگە مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىدۇ.

22 شۇنداقلا، ئاتىسى ھېچكىمنى سوراققا تارتمايدۇ، بەلكى ئوغلى تارتىدۇ. چۈنكى، سوراققا تارتىشنىڭ پۈتۈن ھوقۇقىنى ئوغلىغا بەرگەندۇر.

23 بۇنىڭدىن مەقسەت، ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى ھۆرمەتلىگىنىدەك، ئوغلىنىمۇ ھۆرمەتلىشى ئۈچۈندۇر. ئوغلىنى ھۆرمەتلىمىگەنلەر ئۇنى ئەۋەتكۈچى ئاتىسىنىمۇ ھۆرمەتلىمىگەنلەردىن بولىدۇ.

24 بىلىپ قويۇڭلاركى، سۆزۈمنى ئاڭلاپ، مېنى ئەۋەتكۈچىگە ئىشەنگەنلەر مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ. بۇنداق ئادەم سوراققا تارتىلمايدۇ، شۇنداقلا ئۆلۈمدىن ھاياتلىققا ئۆتكەن بولىدۇ.

25 بىلىپ قويۇڭلاركى، روھى ئۆلۈكلەرنىڭ خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلمەكتە، شۇنداقلا كېلىپ قالدىكى، ئاڭلاپ ئىشەنگەنلەر ھاياتلىققا ئىگە بولىدۇ.

26 چۈنكى، ئاتىسى ئۆزى قانداق ھاياتلىق مەنبەسى بولسا، ئوغلىنىمۇ شۇنداق ھاياتلىق مەنبەسى قىلدى.

27 يەنە ئۇنىڭغا سوراق قىلىش ھوقۇقىنىمۇ بەردى، چۈنكى ئۇ ئىنسانئوغلىدۇر.

28 بۇنىڭغا ھەيران بولماڭلار. ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلايدىغان ۋاقىت كېلىدۇ

29 ۋە ئۇلار يەرلىكلىرىدىن چىقىشىدۇ. ياخشىلىق قىلغانلار تىرىلىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ، يامانلىق قىلغانلار تىرىلىپ سوراققا تارتىلىدۇ.

30 مەن ئۆزلۈكۈمدىن ھېچنېمە قىلالمايمەن، پەقەت ئاتامنىڭ ئېيتقىنى بويىچە سوراق قىلىمەن. مېنىڭ ھۆكۈمۈم ئادىلدۇر. چۈنكى، مېنىڭ نىيىتىم مېنىڭ ئىرادەمنى ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتۇر.


خۇدانىڭ ھەزرىتى ئەيساغا بەرگەن گۇۋاھلىقى

31 - ئەگەر ئۆزۈم ئۈچۈن ئۆزۈم گۇۋاھلىق بەرسەم، گۇۋاھلىقىم بىكار بولىدۇ.

32 لېكىن، مەن ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىدىغان باشقا بىرى بار. ئۇنىڭ ماڭا قىلىدىغان گۇۋاھلىقىنىڭ راستلىقىنى بىلىمەن.

33 يەھيا پەيغەمبەرگە ئادەم ئەۋەتكەن ئەمەسمىدىڭلار؟! ئۇ ھەقىقەتكە گۇۋاھلىق بەرگەن.

34 ئەمەلىيەتتە، ماڭا بىر ئىنساننىڭ گۇۋاھلىقى كېرەك ئەمەس. سىلەرنى يەھيا پەيغەمبەرنىڭ گۇۋاھلىقىغا ئىشىنىپ، قۇتقۇزۇلسۇن دەپ، بۇلارنى ئېيتىۋاتىمەن.

35 يەھيا پەيغەمبەر نۇر چېچىپ تۇرغان بىر چىراغقا ئوخشايدۇ. سىلەر ئۇنىڭ يورۇقلۇقىدىن ۋاقىتلىق بولسىمۇ بەھرىمەن بولۇشنى خالىدىڭلار.

36 لېكىن، يەھيا پەيغەمبەرنىڭ مەن ئۈچۈن بەرگەن گۇۋاھلىقىدىنمۇ چوڭ بىر گۇۋاھلىق بار. ئۇ بولسىمۇ مېنىڭ ياراتقان مۆجىزىلىرىم، يەنى ئاتام مېنىڭ ئورۇندىشىم ئۈچۈن ماڭا تاپشۇرغان ئىشلاردۇر. بۇلار ئاتامنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ.

37 مېنى ئەۋەتكەن ئاتام ئۆزىمۇ مەن ئۈچۈن گۇۋاھچىدۇر. سىلەر ھېچقاچان ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمىدىڭلار، قىياپىتىنى كۆرمىدىڭلار.

38 ئۇنىڭ سۆزلىرى سىلەرنىڭ قەلبىڭلاردىن ئورۇن ئالمىدى، چۈنكى مېنى ئۇنىڭ ئەۋەتكىنىگە ئىشەنمىدىڭلار.

39 مۇقەددەس يازمىلارنى تەتقىق قىلىسىلەر، چۈنكى ئۇنىڭد ن مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە بولۇشنىڭ يولىنى تاپالايمىز، دەپ قارايسىلەر. ئەجەبا، بۇ يازمىلار مېنى خۇدا ئەۋەتىدىغان قۇتقۇزغۇچى دەپ تونۇشتۇرغان ئەمەسمۇ؟!

40 شۇنداق تۇرۇقلۇق، سىلەر يەنە مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ، ھاياتلىققا ئېرىشىشنى خالىمايسىلەر.

41 مەن ئىنسانلارنىڭ ماختىشىنى ئىزدىمەيمەن.

42 لېكىن، مەن سىلەرنى بىلىمەن. قەلبىڭلاردا خۇداغا بولغان مۇھەببىتىڭلار يوق.

43 مەن ئاتامنىڭ نامى بىلەن كەلسەم، سىلەر مېنى قوبۇل قىلمايسىلەر. ھالبۇكى، باشقىلار ئۆز نامى بىلەن كەلسە، ئۇنى قوبۇل قىلىسىلەر.

44 سىلەر بىر-بىرىڭلارنىڭ ماختىشىنى قوبۇل قىلىسىلەريۇ، يېگانە خۇدانىڭ ماختىشىغا ئىگە بولۇشقا تىرىشمايسىلەر. بۇ ھالدا ماڭا قانداقمۇ ئېتىقاد قىلالايسىلەر؟!

45 بىراق، مېنى ئۈستىمىزدىن ئاتامغا شىكايەت قىلىدۇ، دەپ ئويلىماڭلار. ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلىدىغان مەن ئەمەس، بەلكى سىلەر ئۈمىد باغلىغان مۇسا پەيغەمبەردۇر.

46 ئەگەر سىلەر راستتىن مۇسا پەيغەمبەرگە ئىشەنگەن بولساڭلار، ماڭىمۇ ئىشەنگەن بولاتتىڭلار. چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا مۇسا پەيغەمبەر مەن توغرۇلۇق يازغان.

47 لېكىن، ئۇنىڭ مۇقەددەس يازمىلاردا يازغان سۆزلىرىگە ئىشەنمىسەڭلار، مېنىڭ سۆزلىرىمگە قانداقمۇ ئىشىنىسىلەر؟!

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan