يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىھەزرىتى ئەيسا بىلەن سامارىيىلىك ئايال 1 ھەزرىتى ئەيسا يەھيا پەيغەمبەردىنمۇ كۆپ شاگىرت قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى چۆمۈلدۈرۈۋېتىپتۇ دېگەن خەۋەر پەرىسىيلەرگە يەتتى. 2 (ئەمەلىيەتتە ھەزرىتى ئەيسا ئۆزى ئەمەس، شاگىرتلىرى چۆمۈلدۈرەتتى.) 3 ئۇلارنىڭ خەۋەر تاپقىنىنى ئۇققان ھەزرىتى ئەيسا يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن چىقىپ يەنە جەلىلىيىگە كەتتى. 4 يول ئۈستىدە سامارىيە ئۆلكىسىدىن ئۆتۈشكە توغرا كەلدى. 5 بۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا سامارىيىنىڭ سىھار دېگەن يېزىسىغا كەلدى. سىھار بۇرۇنقى زاماندا ياقۇپ ئۆز ئوغلى يۈسۈپكە مىراس قىلغان يەرگە يېقىن بولۇپ، 6 «ياقۇپ قۇدۇقى» دېگەن قۇدۇقمۇ شۇ يەردە ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا سەپەردە چارچىغانلىقى ئۈچۈن قۇدۇقنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى. بۇ چۈش ۋاقتى بولۇپ، 7-8 ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى يېمەكلىك سېتىۋېلىش ئۈچۈن، شەھەرگە كىرىپ كەتكەنىدى. شۇ چاغدا، سامارىيىلىك بىر ئايال سۇغا كەلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ماڭا بىرئاز ئۇسسۇلۇق بەرگەيسىز، - دېدى. 9 يەھۇدىيلارنىڭ سامارىيىلىكلەرنى كاپىر دەپ، ھەتتا ئۇلارنىڭ چىنە-قاچىلىرىنىمۇ ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى بىلىدىغان ئايال: - ئۆزىڭىز يەھۇدىي تۇرۇپ، مەندەك سامارىيىلىك ئايالدىن قانداقلارچە سۇ تەلەپ قىلىپ قالدىڭىز؟ - دەپ سورىدى. 10 ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئەگەر سىز خۇدانىڭ سوۋغىتىنىڭ نېمىلىكى ۋە سىزدىن ئۇسسۇلۇق سورىغان كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلسىڭىزىدى، ئۇنداقتا سىز ئۇنىڭدىن شۇنى تىلەيتتىڭىز-دە، ئۇمۇ سىزگە ھاياتلىق سۈيىنى بېرەتتى. 11 ئايال: - تەقسىر، قۇدۇق چوڭقۇر، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇ تارتىدىغان ئەسۋابلار يوق تۇرسا، ھاياتلىق سۈيىنى نەدىن تاپالايسىز؟ 12 بۇ قۇدۇقنى ئەجدادىمىز ياقۇپ كولىغان. ئۇنىڭدىن ئۆزى، ئوغۇللىرى ۋە مال-ۋارانلىرىمۇ سۇ ئىچكەن. ئەجەبا، سىز بۇ سۇدىنمۇ ياخشى سۇ بېرىمەن دەپ، ئۆزىڭىزنى ئەجدادىمىز ياقۇپتىن ئۇلۇغ دېمەكچىمۇ؟! - دەپ سورىدى. 13 ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: - بۇ سۇنى ئىچكەنلەر يەنە ئۇسسايدۇ. 14 ئەمما، مەن بېرىدىغان سۇنى ئىچكەنلەر مەڭگۈ ئۇسسىمايدىغان بولىدۇ. مەن بېرىدىغان سۇ، ئىچكەن كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئېتىلىپ چىقىدىغان بىر بۇلاققا ئايلىنىپ، ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ھاياتلىق بېرىدۇ. 15 - تەقسىر، ماڭا بۇ سۇدىن بەرگەيسىز. شۇ سۇ بىلەن تەشنالىقىمنى قاندۇرۇپ، قۇدۇققا ئىككىنچى كەلمەيدىغان بولاي، - دېدى ئايال. 16 ھەزرىتى ئەيسا: - بېرىپ ئېرىڭىزنى باشلاپ كېلىڭ، - دېدى. 17 - ئېرىم يوق، - دەپ جاۋاب بەردى ئايال. - ئېرىم يوق دەپ، راستىنى ئېيتتىڭىز. 18 بەش ئەرگە تەگكەنىدىڭىز، ھازىر سىز بىلەن بىللە ياشاۋاتقان ئادەم ئېرىڭىز بولمايدۇ. بۇنى توغرا ئېيتتىڭىز! - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. 19 - تەقسىر، ئەمدى چۈشەندىم، سىز ئەسلىدە پەيغەمبەر ئىكەنسىز! 20 شۇڭا ئېيتىپ بەرسىڭىز، ئەجدادلىرىمىز بۇ تاغدا ئىبادەت قىلىپ كەلگەن، لېكىن سىلەر يەھۇدىيلار نېمە ئۈچۈن «ئىبادەتنى يېرۇسالېمدا قىلىش كېرەك!» دەپ چىڭ تۇرىسىلەر، - دېدى ئايال. 21 ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: - خانىم، سۆزلىرىمگە ئىشىنىڭ، شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، خۇداغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن، كىشىلەرنىڭ بۇ تاغقا ياكى يېرۇسالېمغا بېرىشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. 22 سىلەر سامارىيىلىكلەر خۇداغا ئىبادەت قىلغان بىلەن ئۇنى بىلمەيسىلەر. بىراق، بىز يەھۇدىيلار كىمگە ئىبادەت قىلغىنىمىزنى بىلىمىز. چۈنكى، قۇتقۇزۇلۇش يەھۇدىيلار ئارقىلىق دۇنياغا كېلىدۇ. 23 لېكىن شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇ، شۇنداقلا كېلىپ قالدىكى، كىشىلەر روھى بىلەن ۋە خۇدا ئاشكارىلىغان ھەقىقەت بويىچە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدۇ. ئەرشتىكى ئاتىمىز ئۆزىگە ئەنە شۇنداق ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلارنى ئىزدىمەكتە. 24 خۇدا - روھتۇر. ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغۇچىلار روھى بىلەن ۋە خۇدا ئاشكارىلىغان ھەقىقەت بويىچە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشى كېرەك. 25 ئايال ھەزرىتى ئەيساغا: - مەسىھنىڭ، يەنى قۇتقۇزغۇچىنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلىمەن. ئۇ كەلگەندە، بىزگە ھەقىقەتنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، - دېدى. 26 - سىز بىلەن سۆزلىشىۋاتقان مەن، ئۇ بولىمەن! - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. 27 دەل شۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى قايتىپ كەلدى. ئۇلار ئۇنىڭ بىر سامارىيىلىك ئايال بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقىغا ھاڭ-تاڭ قېلىشتى، لېكىن، ھېچقايسىسى ھەزرىتى ئەيسادىن: «سىز ئۇنىڭدىن نېمە سورىماقچىسىز؟» ياكى «سىز نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىسىز؟» دەپمۇ سورىمىدى. 28 شۇنىڭ بىلەن، ئايال كوزىسىنى تاشلاپ، شەھەرگە قايتىپ بېرىپ، كىشىلەرگە: 29 - يۈرۈڭلار، ھاياتىمدا قىلغان ئىشلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ماڭا ئېيتىپ بەرگەن ئادەمنى كۆرۈپ كېلىڭلار. ئەجەبا، قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ شۇمىدۇ؟ - دېدى. 30 بۇنىڭ بىلەن، كىشىلەر شەھەردىن چىقىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىشكە باشلىدى. 31 شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە شاگىرتلىرى ھەزرىتى ئەيساغا: - ئۇستاز، ئازراق بىر نەرسە يەۋالسىڭىزچۇ؟ - دەپ ئۆتۈنۈشتى. 32 لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا: - مېنىڭ سىلەر بىلمەيدىغان بىر يېمەكلىكىم بار، - دېدى. 33 شاگىرتلار بىر-بىرىگە: - ئەجەبا، بىرى ئۇستازغا يېمەكلىك ئەكېلىپ بەرگەنمىدۇ؟ - دېيىشتى. 34 - مېنىڭ يېمەكلىكىم - مېنى ئەۋەتكەن خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ماڭا تاپشۇرغان ئىشىنى تاماملاشتۇر، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. 35 ھەزرىتى ئەيسا شەھەردىن كېلىۋاتقانلارنى كۆزدە تۇتۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى: - سىلەر: «ھوسۇل يېغىشقا يەنە تۆت ئاي بار» دەيسىلەر. ئەمما سىلەرگە ئېيتىمەنكى، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ ئېتىزلارغا قاراڭلار، زىرائەتلەر سارغىيىپ ئورۇشقا تەييار بولغاندەك، بۇ كىشىلەرمۇ ئېتىقاد قىلىشقا تەييار بولدى! 36 خۇددى ھوسۇل يىغقۇچى ھەققىنى ئېلىۋاتقاندەك، بۇ كىشىلەرنى ماڭا ئېتىقاد قىلىشقا يېتەكلەۋاتقانلارمۇ خۇدادىن تېگىشلىك ئىنئام ئېلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ يىغقان ھوسۇلى بولسا مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن كىشىلەردۇر. شۇنداق قىلىپ، «تېرىقچى» ۋە «ئورمىچى» تەڭ خۇشاللىنىدۇ. 37 «بىرى تېرىيدۇ، يەنە بىرى يىغىدۇ» دېگەن تەمسىل توغرىدۇر. 38 مەن سىلەرنى ئۆزۈڭلار ئەمەس، باشقىلار ئەمگەك سىڭدۈرگەن بىر «ھوسۇل»~نى يىغىشقا ئەۋەتتىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر تەييار بولغان بۇ «ھوسۇل»~نى يىغقۇچىسىلەر. 39 سىھار يېزىسىدىكى نۇرغۇن سامارىيىلىكلەر ھېلىقى ئايالنىڭ: «ھاياتىمدا قىلغان ئىشلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ماڭا ئېيتىپ بەردى!» دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. 40 شۇڭا، ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىللە تۇرۇشىنى تەلەپ قىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردە ئىككى كۈن تۇردى. 41 ئۇنىڭ تەلىمى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئادەم ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى. 42 ئۇلار ئايالغا: - بىزنىڭ ئېتىقاد قىلىشىمىز ئەمدى پەقەت سىزنىڭ سۆزلىرىڭىز سەۋەبىدىنلا ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ ئاڭلىغانلىقىدىنمۇ بولدى. ئۇنىڭ ھەقىقەتەن دۇنيانىڭ قۇتقۇزغۇچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۇق! - دېيىشتى. بىر ئەمەلدارنىڭ ئوغلىنىڭ ساقايتىلىشى 43 ئىككى كۈندىن كېيىن ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىگە قاراپ يول ئالدى. 44 ئۇ ئۆزى بۇرۇن: «ھېچقانداق پەيغەمبەر ئۆز يۇرتىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولمايدۇ» دېگەن. 45 جەلىلىيىگە كەلگىنىدە، جەلىلىيىلىكلەر ئۇنى قارشى ئېلىشتى، چۈنكى ئۇلارمۇ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى يېرۇسالېمدا ئۆتكۈزگەن ۋە ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۇ يەردە ياراتقان مۆجىزە ھەم كارامەتلىرىنى كۆرگەنىدى. 46 ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىدە تۇرغان ۋاقتىدا، كانا يېزىسىغا يەنە باردى. (ئۇ دەل شۇ يېزىدىكى بىر تويدا سۇنى شارابقا ئايلاندۇرغانىدى.) شۇ كۈنلەردە، كەپەرناھۇم شەھىرىدە ئوغلى كېسەل بولۇپ ياتقان بىر ئوردا ئەمەلدارى بار ئىدى. 47 ئۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ يەھۇدىيىدىن جەلىلىيىگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا باردى ۋە: - ئۆيۈمگە بېرىپ، سەكراتتا ياتقان ئوغلۇمنى ساقايتىپ بەرسىڭىز! - دەپ ئۆتۈندى. 48 شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - سىلەر جەلىلىيىلىكلەر مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرمىگۈچە، ماڭا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئوخشايسىلەر! - دېدى. 49 ئوردا ئەمەلدارى ھەزرىتى ئەيساغا: - ھەزرەتلىرى، بالام ئۆلمەستە بارغايسىز! - دېدى. 50 - ئۆيىڭىزگە قايتىڭ، ئوغلىڭىز ھايات قالىدۇ! - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. ھېلىقى ئادەم ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئېيتقان سۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆيىگە قاراپ ماڭدى. 51 يولدا چاكارلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئوغلىنىڭ ھايات ھەم سالامەت ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. 52 ئەمەلدار ئۇلاردىن ئوغلىنىڭ قاچاندىن باشلاپ ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەنلىكىنى سورىغىنىدا، ئۇلار: - تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت بىردە قىزىتمىسى ياندى، - دېيىشتى. 53 بالىنىڭ ئاتىسى بۇنىڭ دەل ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىگە: «ئوغلىڭىز ھايات قالىدۇ!» دېگەن ۋاقىت ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ۋە پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشتى. 54 بۇ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ يەھۇدىيىدىن جەلىلىيىگە كېلىپ كۆرسەتكەن ئىككىنچى مۆجىزىسى ئىدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti