Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


قايتىدىن تۆرىلىش

1-2 يەھۇدىيلارنىڭ نىكودىم ئىسىملىك بىر كېڭەشمە كاتتىۋېشى بار ئىدى. پەرىسىيلەردىن بولغان بۇ ئادەم بىر كېچىسى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: - تەقسىر، سىزنىڭ خۇدا ئەۋەتكەن بىر ئۇستاز ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىمىز. چۈنكى، خۇدا بىلەن بىللە بولمىغان ئادەم سىز كۆرسەتكەن بۇ كارامەت ۋە مۆجىزىلەرنى قەتئىي كۆرسىتەلمەيدۇ، - دېدى.

3 ھەزرىتى ئەيسا: - بىلىپ قويۇڭكى، ھېچكىم قايتىدىن تۆرەلمىگۈچە، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى كۆرەلمەيدۇ! - دېدى.

4 نىكودىم: - ياشىنىپ قالغان ئادەم قانداقمۇ قايتىدىن تۆرەلسۇن؟ ئانىسىنىڭ قورسىقىغا كىرىپ قايتا تۆرىلىشى مۇمكىنمۇ؟! - دەپ سورىدى.

5 ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: - بىلىپ قويۇڭكى، ھەم سۇدىن، ھەم خۇدانىڭ روھىدىن تۆرەلمىگۈچە، ھېچكىم خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرەلمەيدۇ!

6 ئاتا-ئانىسىدىن تۆرەلگەنلەر جىسمانىي ھاياتلىققىلا ئىگە بولىدۇ. بىراق، خۇدانىڭ روھىدىن تۆرەلگەنلەر روھىي ھاياتلىققىمۇ ئىگە بولىدۇ.

7 سىزگە: «قايتىدىن تۆرىلىشىڭلار كېرەك» دېسەم، ھەيران بولماڭ.

8 شامال خالىغان يېرىدە چىقىدۇ، سىز ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايسىز، لېكىن قەيەردىن كېلىپ، قەيەرگە كېتىدىغانلىقىنى بىلەلمەيسىز. شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇدانىڭ روھىنىڭ كىشىلەرگە قانداق قىلىپ ھاياتلىق ئاتا قىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلەلمەيسىز.

9 نىكودىم ھەزرىتى ئەيسادىن: - بۇ ئىش قانداقمۇ مۇمكىن بولار؟ - دەپ سورىدى.

10 ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: - سىز ئىسرائىللارنىڭ مۇھىم ئۇستازى تۇرۇقلۇق، بۇنىمۇ چۈشەنمەمسىز؟

11 بىلىپ قويۇڭكى، بىز بىلىدىغىنىمىزنى ۋە كۆرگىنىمىزنى ئېيتساقمۇ، سىلەر يەنىلا بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىزنى قوبۇل قىلمايۋاتىسىلەر.

12 سىلەرگە بۇ دۇنيا توغرىسىدىكى ئىشلارنى ئېيتسام ئىشەنمىگەن يەردە، ئەرش توغرىسىدىكى ئىشلارنى ئېيتسام قانداقمۇ ئىشىنىسىلەر؟

13 ھېچكىم ئەرشتىكى ئىشلارنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. چۈنكى، ھېچكىم ئەرشتىن چۈشكەن ئەمەس. لېكىن، ئىنسانئوغلى بۇلارنى بىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئەرشتىن چۈشكەن.

14 تۇچتىن ياسالغان يىلان مۇسا پەيغەمبەر تەرىپىدىن چۆلدە ئۆلۈۋاتقانلارنىڭ قۇتۇلدۇرۇلۇشى ئۈچۈن لىمدا ئېگىز كۆتۈرۈلگىنىدەك، ئىنسانئوغلى بولغان مەنمۇ شۇنداق ئېگىز كۆتۈرۈلۈشۈم كېرەك.

15 شۇنداق بولغاندا، ماڭا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەممىسى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشەلەيدۇ.

16 چۈنكى خۇدا دۇنيادىكى ئىنسانلارنى شۇ قەدەر سۆيىدۇكى، ئۆزىنىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان ھەربىر كىشى ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشى ئۈچۈن، ئۇنى قۇربان بولۇشقا ئەۋەتىپ بەردى.

17 خۇدا ئوغلىنى دۇنيادىكى ئىنسانلارنى سوراققا تارتىشقا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتتى.

18 ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلار سوراققا تارتىلمايدۇ. ئېتىقاد قىلمىغانلار بولسا ئاللىبۇرۇن سوراققا تارتىلغان بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلار خۇدانىڭ يەككە-يېگانە ئوغلىغا ئېتىقاد قىلمىغانىدى.

19 ئۇلار دائىم يامانلىق قىلغاچقا، «ھەقىقىي نۇر» دۇنياغا كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلار بۇ نۇرنى ئەمەس، زۇلمەتنى ياخشى كۆردى. شۇڭا، ئۇلار جازاغا تارتىلىدۇ.

20 كىمدەكىم يامانلىق قىلسا، نۇرغا ئۆچ بولىدۇ ۋە قىلغان-ئەتكەنلىرىم ئاشكارا بولۇپ قالمىسۇن دەپ، نۇردىن قاچىدۇ.

21 لېكىن، كىمدەكىم ھەقىقەت بويىچە ئىش قىلسا، ئىشلىرىمنى خۇداغا تايىنىپ قىلغانلىقىم مەلۇم بولسۇن دەپ، نۇرغا يېقىن كېلىدۇ.


يەھيا پەيغەمبەرنىڭ گۇۋاھلىقى

22 بۇ ئىشتىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن يەھۇدىيە ئۆلكىسىگە باردى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلار بىلەن بىللە ئۇ يەردە بىر مەزگىل تۇرۇپ، كىشىلەرنى چۆمۈلدۈردى.

23 شۇ چاغدا، سالىم يېزىسىنىڭ يېنىدىكى ئاينون دېگەن يەردە يەھيا پەيغەمبەرمۇ كىشىلەرنى چۆمۈلدۈرۈۋاتاتتى. چۈنكى، ئۇ يەرنىڭ سۈيى مول ئىدى. كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىشاتتى.

24 بۇ، يەھيا پەيغەمبەر تېخى زىندانغا چۈشمىگەن ۋاقىت ئىدى.

25 يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى بىر يەھۇدىي بىلەن تازىلىنىش دىنىي قائىدىسى توغرىسىدا تالىشىپ قالدى.

26 شاگىرتلار يەھيا پەيغەمبەرنىڭ يېنىغا كېلىپ: - ئۇستاز، ئۆتكەندە ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدا سىز بىلەن بىرگە بولغان، ئۆزىڭىز «بۇ ئادەم مەندىن ئۇلۇغ» دەپ گۇۋاھلىق بەرگەن كىشى ھازىر باشقىلارنى چۆمۈلدۈرۈۋاتىدۇ. ئەمدى ھەممىسى بىزدىن قېچىپ، ئۇنىڭ يېنىغا كېتىۋاتىدۇ، - دېدى.

27 يەھيا پەيغەمبەر مۇنداق جاۋاب بەردى: - خۇدا بەرمىسە، ئىنسان ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيدۇ.

28 مەن سىلەرگە: «مەن قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئەمەس، پەقەت ئۇنىڭ ئالدىدا كەلگەن يول ھازىرلىغۇچى» دېگەن. بۇنىڭغا سىلەر ئۆزۈڭلارمۇ گۇۋاھلىق بېرەلەيسىلەر.

29 قىز چوقۇم ئۆزى بىلەن توي قىلىدىغان يىگىتكە مەنسۇپ بولىدۇ. قولداش بولسا يىگىتنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ، ئۇنىڭ كېلىشىنى كۈتىدۇ ھەم ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ خۇرسەن بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، مەنمۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ كېلىشىدىن خۇشاللىنىپ، قىن-قىنىمغا پاتماي قالدىم.

30 ئەمدى ئۇنىڭ شۆھرىتى ئۆسۈشى، مېنىڭ بولسا تۆۋەنلىشى كېرەك.

31 ئۇ ئەرشتىن كەلگۈچى بولۇپ، ھەممىدىن ئۈستۈندۇر. مەن بولسام بۇ دۇنيادىن كەلگۈچى، شۇڭا قىلىدىغان سۆزلىرىممۇ بۇ دۇنيادىكى ئىشلار بىلەنلا چەكلىنىدۇ. ئەرشتىن كەلگۈچى ھەممىدىن ئۈستۈن بولۇپ،

32 ئۇ ئۆزىنىڭ ئەرشتە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. بىراق، ئۇنىڭ گۇۋاھلىقىغا ئىشىنىدىغانلار ناھايىتى ئاز بولىدۇ.

33 ھالبۇكى، ئۇنىڭ گۇۋاھلىقىغا ئىشىنىدىغانلار خۇدانىڭ ھەق ئىكەنلىكىگىمۇ گۇۋاھلىق بېرىدۇ.

34 خۇدا ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچى خۇدانىڭ سۆزىنى سۆزلەيدۇ، چۈنكى خۇدا ئۆز روھىنى ئۇنىڭغا ئايىماستىن بېرىپ كەلمەكتە.

35 ئەرشتىكى ئاتىمىز ئوغلىنى سۆيىدۇ ۋە ھەممە ئىشلارنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرغان.

36 خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان كىشى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ. لېكىن، ئۇنى رەت قىلغان كىشى مەڭگۈلۈك ھاياتتىن مەھرۇم قالىدۇ-دە، خۇدانىڭ غەزىپى مانا شۇنداقلاردىن مەڭگۈ نېرى بولمايدۇ.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan