Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ھەزرىتى ئەيسانىڭ يەتتە شاگىرتىغا كۆرۈنۈشى

1 بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا تىبېرىيە كۆلىنىڭ بويىدا شاگىرتلىرىغا يەنە بىر قېتىم كۆرۈندى. بۇ قېتىمقى كۆرۈنۈشنىڭ جەريانى مۇنداق بولدى:

2 سىمۇن پېترۇس، «قوشكېزەك» دەپ ئاتىلىدىغان توماس، جەلىلىيىدىكى كانالىق ناتانيەل، زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ۋە باشقا ئىككى شاگىرت بىللە ئىدى.

3 سىمۇن پېترۇس: - مەن بېلىق تۇتقىلى بارىمەن، - دېدى. كۆپچىلىك: - بىزمۇ سەن بىلەن بىللە بارىمىز، - دېيىشتى. ئۇلار تاشقىرىغا چىقىپ، كېمىگە ئولتۇردى، لېكىن كېچىچە ھېچ نەرسە تۇتالمىدى.

4 تاڭ ئاتقاندا، ھەزرىتى ئەيسا سۇ بويىدا تۇراتتى، بىراق شاگىرتلار ئۇنىڭ ھەزرىتى ئەيسا ئىكەنلىكىنى بىلمىدى.

5 ھەزرىتى ئەيسا: - بالىلار، سىلەردە بېلىق يوقمۇ؟ - دەپ سورىدى. - يوق، - دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.

6 - تورنى كېمىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە تاشلاڭلار، ئاندىن تۇتالايسىلەر، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. ئۇلار تورنى شۇ ياققا تاشلاپ، شۇنداق كۆپ بېلىق تۇتتىكى، ھەتتا تورنى تارتىپ چىقىرالماي قالدى.

7 ھەزرىتى ئەيسانىڭ ياخشى كۆرگەن شاگىرتى پېترۇسقا: - بۇ رەببىمىزغۇ! - دېدى. سىمۇن پېترۇس ئۇنىڭ ھەزرىتى ئەيسا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، سېلىۋەتكەن چاپىنىنى كىيىپ، سۇغا سەكرىدى.

8 قالغانلار قىرغاقتىن ئانچە يىراق ئەمەس، تەخمىنەن يۈز مېتىرچە يىراقلىقتا بولۇپ، بېلىق بىلەن تولغان تورنى كېمە بىلەن تارتىپ قىرغاققا كەلدى.

9 ئۇلار قىرغاققا چىققاندا، ياغاچ كۆمۈردىن يېقىلغان، ئۈستىدە بېلىق بار گۈلخاننى ۋە ناننى كۆردى.

10 ھەزرىتى ئەيسا: - ئەمدى تۇتقان بېلىقىڭلاردىن ئەكېلىڭلار، - دېدى.

11 سىمۇن پېترۇس كېمىگە چىقىپ، تورنى قىرغاققا تارتىپ چىقاردى. تور چوڭ بېلىقلار بىلەن تولغان بولۇپ، جەمئىي بىر يۈز ئەللىك ئۈچ بېلىق بار ئىدى. بېلىق شۇنچە كۆپ بولسىمۇ، تور يىرتىلمىغانىدى.

12 ھەزرىتى ئەيسا: - كېلىڭلار، تاماق يەڭلار، - دېدى. شاگىرتلارنىڭ ئىچىدە بىرەرسىمۇ ئۇنىڭدىن: - سىز كىم بولىسىز؟ - دەپ سوراشقا پېتىنالمىدى. چۈنكى، ئۇلار ئۇنىڭ ئۆزلىرىنىڭ رەببى ئىكەنلىكىنى بىلدى.

13 ھەزرىتى ئەيسا نان بىلەن بېلىقنى ئەكېلىپ ئۇلارغا بەردى.

14 مانا بۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىپ، شاگىرتلىرىغا ئۈچىنچى قېتىمقى كۆرۈنۈشى ئىدى.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ پېترۇس بىلەن سۆزلىشىشى

15 تاماقتىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا سىمۇن پېترۇستىن: - يۇھاننا ئوغلى سىمۇن، سەن مېنى بۇلاردىنمۇ چوڭقۇر سۆيەمسەن؟ - دەپ سورىدى. - شۇنداق رەببىم، مېنىڭ سىزنى سۆيىدىغانلىقىمنى سىز بىلىسىز! - دېدى پېترۇس. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ئۇنداقتا، قوزىلىرىمنى ئوتلات! - دېدى.

16 ئىككىنچى قېتىم يەنە ئۇنىڭدىن: - يۇھاننا ئوغلى سىمۇن، مېنى سۆيەمسەن؟ - دەپ سورىدى. پېترۇس يەنە: - شۇنداق، رەببىم، مېنىڭ سىزنى سۆيىدىغانلىقىمنى بىلىسىز، - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ئۇنداقتا، قويلىرىمنى باق، - دېدى.

17 ئۈچىنچى قېتىم يەنە: - يۇھاننا ئوغلى سىمۇن، مېنى سۆيەمسەن؟ - دەپ سورىدى. پېترۇس ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ سوئالنى ئۈچ قېتىم سورىغانلىقىغا كۆڭلى بىر قىسما بولۇپ: - رەببىم، سىز ھەممىنى بىلىسىز، سىزنى سۆيىدىغانلىقىمنىمۇ بىلىسىز، - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ئۇنداقتا، قويلىرىمنى ئوتلات.

18 بىلىپ قويغىنكى، ياش ۋاقتىڭدا ئۆز بەلبېغىڭنى ئۆزۈڭ باغلاپ، خالىغان يېرىڭگە كېتەتتىڭ، لېكىن ياشانغاندا، قوللىرىڭنى ئۇزىتىپ بېرىسەن. باشقىلار سېنى باغلاپ، سەن خالىمايدىغان يەرگە ئېلىپ كېتىدۇ، - دېدى.

19 ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزنى پېترۇسنىڭ قانداق ئۆلۈش ئارقىلىق خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئېيتتى. ئاندىن، ئۇنىڭغا يەنە: - ماڭا ئەگىشىۋەر، - دېدى.

20 پېترۇس كەينىگە بۇرۇلۇپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ياخشى كۆرىدىغان شاگىرتىنىڭ ئەگىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. (بۇ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئاخىرقى كەچلىك تامىقىدا ئۇنىڭغا يېقىن ئولتۇرۇپ: «ئى رەببىم، سىزنى تۇتۇپ بەرمەكچى بولغان كىمدۇ؟» دەپ سورىغان شاگىرت ئىدى.)

21 پېترۇس ئۇنى كۆرۈپ، ھەزرىتى ئەيسادىن: - ئى رەببىم، بۇ ئادەم كەلگۈسىدە قانداق بولار؟ - دەپ سورىدى.

22 - ئەگەر مەن قايتا كەلگۈچە ئۇنىڭ ھايات بولۇشىنى خالىسام، بۇنىڭ سەن بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟! ماڭا ئەگىشىۋەر، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.

23 بۇنىڭ بىلەن، قېرىنداشلار ئارىسىدا ھېلىقى شاگىرتنىڭ ئۆلمەيدىغانلىقىغا دائىر گەپ تارقالدى. لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا پېترۇسقا: «ئۇ ئۆلمەيدۇ» دېمىگەنىدى. پەقەت: «ئەگەر مەن قايتا كەلگۈچە ئۇنىڭ ھايات بولۇشىنى خالىسام، بۇنىڭ سەن بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟» دېگەنىدى.


خاتىمە

24 بۇ ئىشلارغا گۇۋاھلىق بەرگۈچى ھەمدە بۇ ئىشلارنى خاتىرىلىگۈچى ئەنە شۇ شاگىرتتۇر. بىزمۇ بىلىمىزكى، ئۇنىڭ گۇۋاھلىقى ھەقتۇر.

25 ھەزرىتى ئەيسا بۇلاردىن باشقا نۇرغۇن ئىشلارنىمۇ قىلغانىدى. ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئايرىم-ئايرىم يېزىلغان بولسا، مېنىڭچە كىتابلار پۈتۈن دۇنياغا سىغمايتتى!

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan