Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ھەزرىتى ئەيسانىڭ تىرىلىشى

1 يەكشەنبە كۈنى تاڭ تېخى يورۇمىغاندا، مەجدەللىك مەريەم ھەزرىتى ئەيسانىڭ يەرلىكىگە باردى ۋە ئۆڭكۈرنىڭ ئاغزىدىكى تاشنىڭ ئېلىۋېتىلگەنلىكىنى كۆردى.

2 ئۇ يۈگۈرگەن پېتى سىمۇن پېترۇس ۋە ھەزرىتى ئەيسا ياخشى كۆرىدىغان ھېلىقى شاگىرتنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇلارغا: - رەببىمىزنى يەرلىكىدىن ئېلىۋېتىپتۇ، قەيەرگە قويغانلىقىنى بىلمىدۇق! - دېدى.

3 پېترۇس بىلەن ھېلىقى شاگىرت تاشقىرىغا چىقىپ، يەرلىككە قاراپ يول ئالدى.

4 ئىككىيلەن بىللە يۈگۈرۈشۈپ ماڭدى، لېكىن ھېلىقى شاگىرت پېترۇستىن تېز يۈگۈرۈپ، يەرلىككە بىرىنچى بولۇپ يېتىپ باردى.

5 ئۇ ئېڭىشىپ ئىچىگە قاراپ، كەندىر كېپەننىڭ ئۇ يەردە يېيىقلىق تۇرغانلىقىنى كۆردى، لېكىن ئىچكىرىگە كىرمىدى.

6 كەينىدىن سىمۇن پېترۇس يېتىپ كېلىپ يەرلىككە كىردى ۋە ئۇ يەردە يېيىقلىق تۇرغان كېپەننى كۆردى.

7 ھەزرىتى ئەيسانىڭ بېشىغا چىگىلگەن ياغلىقنىمۇ كۆردى. ياغلىق كېپەن بىلەن بىر يەردە ئەمەس، بەلكى ئايرىم يەردە يۆگەكلىك تۇراتتى.

8 ئاندىن، يەرلىككە ئاۋۋال كەلگەن شاگىرتمۇ يەرلىكنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئەھۋالنى كۆرۈپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكىگە ئىشەندى.

9 شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈپ قايتا تىرىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغان سۆزلەرنى تېخىچە چۈشەنمىگەنىدى.

10 شۇنىڭدىن كېيىن، ئىككىيلەن ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان جايغا قايتىشتى.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ مەجدەللىك مەريەمگە كۆرۈنۈشى

11 مەريەم بولسا يەرلىكنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ يىغلاۋاتاتتى. ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ يەرلىكنىڭ ئىچىگە ئېڭىشىپ قارىۋىدى،

12 ئاق كىيىم كىيگەن ئىككى پەرىشتىنى كۆردى. ئۇلارنىڭ بىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتى قويۇلغان يەرنىڭ باش تەرىپىدە، يەنە بىرى ئاياغ تەرىپىدە ئولتۇراتتى.

13 ئۇلار مەريەمدىن: - خانىم، نېمىشقا يىغلايسىز؟ - دەپ سورىدى. - رەببىمنى ئېلىپ كېتىپتۇ، ئۇنى نەگە قويغانلىقىنى بىلەلمەيۋاتىمەن، - دېدى مەريەم.

14 ئۇ شۇ گەپنى قىلىپلا كەينىگە قارىۋىدى، بىرىنىڭ ئۇ يەردە تۇرغىنىنى كۆردى. ئۇ دەل ھەزرىتى ئەيسا ئىدى. لېكىن، ئۇ ھەزرىتى ئەيسا ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدى.

15 - خانىم، نېمىشقا يىغلايسىز، كىمنى ئىزدەيسىز؟ - دەپ سورىدى ھەزرىتى ئەيسا. مەريەم ئۇنى باغۋەن دەپ ئويلاپ: - تەقسىر، ئەگەر ئۇنى سىز يۆتكىۋەتكەن بولسىڭىز، قەيەرگە قويغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ بەرگەيسىز. مەن ئۇنى ئېلىپ كەلسەم، - دېدى.

16 - مەريەم! - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا. مەريەم بۇرۇلۇپلا، ئىبرانىي تىلىدا: - راببونى! - دېدى. (بۇ سۆز «ئۇستاز» دېگەن مەنىدە.)

17 - ماڭا ئېسىلماڭ! چۈنكى، مەن تېخى ئاتامنىڭ يېنىغا قايتىپ چىقمىدىم. بېرىپ قېرىنداشلىرىمغا ئېيتىڭ: «سىلەرنىڭمۇ ئاتاڭلار بولغان ئاتامنىڭ، يەنى خۇدايىڭلار بولغان خۇدايىمنىڭ يېنىغا قايتىپ چىقىمەن!» - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

18 شۇنىڭ بىلەن، مەجدەللىك مەريەم شاگىرتلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارغا: - رەببىمىزنى كۆردۈم! - دېدى. ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىگە ئېيتقانلىرىنى ئۇلارغا سۆزلەپ بەردى.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا كۆرۈنۈشى

19 شۇ يەكشەنبە كۈنى كەچتە، شاگىرتلار جەم بولغان يېرىدە يەھۇدىيلاردىن قورققانلىقىدىن ئۆينىڭ ئىشىكلىرىنى تاقىۋەتكەنىدى. شۇ پەيتتە، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەيدا بولۇپ، ئۆرە تۇرغان ھالدا ئۇلارغا: - ئامان بولۇڭلار! - دېدى

20 ۋە ئارقىدىنلا قوللىرى ۋە بىقىنىنى ئۇلارغا كۆرسەتتى. شاگىرتلار رەببىنى كۆرگىنىدىن قىن-قىنىغا پاتماي خۇشال بولۇشۇپ كەتتى.

21 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە: - ئامان بولۇڭلار! ئاتام مېنى ئەۋەتكىنىدەك، مەنمۇ سىلەرنى ئەۋەتىمەن، - دېدى.

22 بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارغا بىر پۈۋلەپ: - خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا مۇيەسسەر بولۇڭلار.

23 كىمنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرسەڭلار، ئۇنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ! كىمنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈم قىلمىساڭلار، ئۇنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ! - دېدى.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ توماسقا كۆرۈنۈشى

24 ئون ئىككى شاگىرتتىن بىرى، يەنى «قوشكېزەك» دەپ ئاتىلىدىغان توماس ھەزرىتى ئەيسا كەلگەندە ئۇلارنىڭ يېنىدا ئەمەس ئىدى.

25 كېيىن، ئۇلار ئۇنىڭغا: - بىز رەببىمىزنى كۆردۇق! - دېيىشتى. لېكىن توماس: - ئۇنىڭ قوللىرىدا مىخنىڭ ئىزىنى كۆرمىگۈچە، مىخلارنىڭ ئىزىغا ئۆز بارمىقىمنى ۋە بىقىنىغا ئۆز قولۇمنى تەگكۈزۈپ باقمىغۇچە، ھەرگىز ئىشەنمەيمەن، - دېدى.

26 بىر ھەپتىدىن كېيىن، شاگىرتلار يەنە شۇ ئۆيدە جەم بولغان بولۇپ، توماسمۇ ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى. ئىشىكلەر تاقاقلىق بولسىمۇ، ھەزرىتى ئەيسا كىرىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ: - ئامان بولۇڭلار! - دېدى.

27 ئاندىن، توماسقا: - بارمىقىڭنى بۇ يەرگە تەگكۈزۈپ، قوللىرىمغا قارا. قولۇڭنى ئۇزىتىپ، بىقىنىمغا تەگكۈزۈپ باق. گۇمان قىلماي، ماڭا ئىشەن! - دېدى.

28 - سەن مېنىڭ رەببىم ھەم خۇدايىمسەن! - دېدى توماس ئۇنىڭغا جاۋابەن.

29 ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - مېنى كۆرگەنلىكىڭ ئۈچۈن ئىشەندىڭمۇ؟ كۆرمەي تۇرۇپ ئىشەنگەنلەر نەقەدەر بەختلىك-ھە! - دېدى.


بۇ كىتابتىن مەقسەت

30 ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىنىڭ ئالدىدا، بۇ كىتابتا يېزىلمىغان باشقا نۇرغۇن مۆجىزىلەرنىمۇ كۆرسەتتى.

31 بۇ خاتىرىلەر سىلەرنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ، شۇنداقلا خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىگە ئىشەنسۇن ھەم بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا باغلىنىپ ھاياتلىققا ئېرىشسۇن، دەپ يېزىلدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan