Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


كانا يېزىسىدىكى توي زىياپىتى

1 ئىككى كۈندىن كېيىن، جەلىلىيە ئۆلكىسىنىڭ كانا يېزىسىدا بىر توي بولدى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئانىسى مەريەم ئۇ يەردە ئىدى.

2 ھەزرىتى ئەيسا ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرىمۇ تويغا تەكلىپ قىلىنغانىدى.

3 تويدا شاراب تۈگەپ قالغاندا، مەريەم ھەزرىتى ئەيساغا: - ئۇلارنىڭ شارابلىرى تۈگەپ قاپتۇ، - دېدى.

4 - ئانا، مېنى ئارىلاشتۇرمىسىڭىز. مېنىڭ ۋاقتىم تېخى كەلمىدى، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

5 ئانىسى چاكارلارغا: - ئۇ سىلەرگە نېمە قىل دېسە، شۇنى قىلىڭلار، - دېدى.

6 ئۇ ئۆيدە يەھۇدىيلارنىڭ تازىلىنىش دىنىي قائىدىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، ھەربىرىگە سەككىز-توققۇز چېلەكتىن سۇ سىغىدىغان ئالتە تاش كۈپ قويۇلغانىدى.

7 ھەزرىتى ئەيسا چاكارلارغا: - كۈپلەرگە سۇ تولدۇرۇڭلار، - دېدى. ئۇلار كۈپلەرنى ئاغزىغىچە تولدۇرۇشتى.

8 ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە: - ئەمدى بۇنىڭدىن بىر چىنە ئېلىپ، زىياپەت باشقۇرغۇچىغا بېرىڭلار، - دېدى. ئۇلار بەجا كەلتۈرۈشتى.

9 زىياپەت باشقۇرغۇچى سۇدىن ئۆزگەرگەن شارابنى تېتىپ كۆرۈپ، ئۇنىڭ قەيەردىن كەلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلمىدى، ئەمما بۇنى سۇ توشۇغانلار بىلىشەتتى. شۇنىڭ بىلەن، زىياپەت باشقۇرغۇچى كۈيئوغۇلنى چاقىرىپ،

10 ئۇنىڭغا: - بۇ شاراب بەك ياخشى ئىكەن! باشقا ساھىبخانىلار ياخشى شارابنى توينىڭ بېشىدا قۇيىدۇ. مېھمانلار خېلى قانغۇچە ئىچكەندىن كېيىن، ناچىرىنى قۇيىدۇ. ئەجەب، سەن ئەڭ ياخشى شارابنى مۇشۇ چاغقىچە ساقلاپسەن! - دېدى.

11 بۇ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ دەسلەپكى مۆجىزىسى بولۇپ، جەلىلىيىنىڭ كانا يېزىسىدا كۆرسىتىلگەنىدى. بۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئايان قىلدى. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئۇنى خۇدانىڭ ئەۋەتكەنلىكىگە ئىشەندى.

12 بۇ ئىشتىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ئانىسى، ئىنىلىرى ۋە شاگىرتلىرى بىلەن كەپەرناھۇم شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردە بىرنەچچە كۈن تۇردى.


ئوقەتچىلەرنىڭ چوڭ ئىبادەتخانىدىن قوغلىنىشى

13 يەھۇدىيلارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاز قالغاندا، ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمغا باردى.

14 ئۇ، مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا قۇربانلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان كالا، قوي ۋە كەپتەر ساتقۇچىلارنى ھەم ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ پۇل تېگىشىدىغان كىشىلەرنى كۆرۈپ قالدى

15 ۋە تانىدىن قامچا ياساپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوي-كالىلىرى بىلەن قوشۇپ ئىبادەتخانىدىن ھەيدەپ چىقاردى. پۇل تېگىشىدىغانلارنىڭ شىرەلىرىنى ئۆرۈپ، پۇللىرىنى چېچىۋەتتى

16 ۋە كەپتەر ساتقۇچىلارغا: - نەرسىلىرىڭنى بۇ پاك يەردىن كۆتۈرۈش، خۇدائاتامنىڭ ئۆيىنى بازارغا ئايلاندۇرۇشما! - دېدى.

17 بۇنى كۆرگەن شاگىرتلىرى زەبۇردا يېزىلغان بۇ سۆزنى ئېسىگە ئېلىشتى: «ئى خۇدا! سېنىڭ ئۆيۈڭ ئۈچۈن كۆرسەتكەن قىزغىن مۇھەببىتىم خۇددى كۆيۈۋاتقان ئوتنىڭ ئۆزىدۇر.»

18 يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ھەزرىتى ئەيساغا: - بۇنداق قىلىشقا نېمە ھوقۇقۇڭ بار؟ سېنى خۇدا ئەۋەتكەن بولسا، بۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بىزگە بىر كارامەت كۆرسىتىپ باقمامسەن، قېنى؟! - دەپ سوئال قويدى.

19 ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: - سىلەرگە كۆرسىتىدىغان كارامىتىم شۇكى، بۇ ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلساڭلار، ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۇنى يېڭىۋاشتىن ياساپ چىقىمەن.

20 يەھۇدىيلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ جاۋابىنى چۈشەنمەي: - بۇ ئىبادەتخانىنىڭ ياسىلىشى ئۈچۈن ھازىرغىچە قىرىق ئالتە يىل كەتكەن تۇرسا، سەن ئۇنى قانداقسىگە ئۈچ كۈندىلا ياساپ چىقالايسەن؟ - دەپ ئۇنى مەسخىرە قىلىشتى.

21 ھالبۇكى، ھەزرىتى ئەيسا ئېيتقان «ئىبادەتخانا» ئۇنىڭ ئۆز تېنى ئىدى.

22 شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسا ئۆلۈپ ئۈچىنچى كۈنى تىرىلگەندىن كېيىن، شاگىرتلىرى ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئېسىگە ئالدى ۋە مۇقەددەس يازمىلاردا قۇتقۇزغۇچىنىڭ تىرىلىشى ھەققىدە يېزىلغان سۆزلەر ھەمدە ھەزرىتى ئەيسا ئېيتقان سۆزلەرنىڭ تېگىگە يېتىپ، ئېتىقادى تېخىمۇ كۈچەيدى.

23 ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى جەريانىدا ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېرۇسالېمدا كۆرسەتكەن كارامەت ۋە مۆجىزىلىرىنى كۆرگەن نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىشتى.

24 لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى بىلگەچكە، ئۇلارغا ئىشەنمەيتتى.

25 ئىنسان تەبىئىتى ھەققىدە ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭغا بىر نەرسە دەپ بېرىشىنىڭمۇ ھاجىتى يوق ئىدى. چۈنكى، ئۇ ئۆزى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە نېمە بار ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan