يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىھەزرىتى ئەيسانىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى 1 ھەزرىتى ئەيسا بۇ دۇئانى قىلغاندىن كېيىن، شاگىرتلىرى بىلەن بىللە تاشقىرىغا چىقىپ، يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدىكى كىدرون ۋادىسىنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتتى. ئۇ يەردە بىر باغچە بار ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا بىلەن شاگىرتلىرى ئۇ باغچىگە كىردى. 2 ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان يەھۇدامۇ ئۇ يەرنى بىلەتتى، چۈنكى ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن پات-پات ئۇ يەردە جەم بولاتتى. 3 شۇنداق قىلىپ، يەھۇدا بىر قىسىم رىم لەشكەرلىرى بىلەن ئالىي روھانىيلار ۋە پەرىسىيلەر ئەۋەتكەن ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىنى باشلاپ بۇ يەرگە كەلدى. ئۇلارنىڭ قوللىرىدا پانۇس، مەشئەل ۋە قوراللار بار ئىدى. 4 ھەزرىتى ئەيسا بېشىغا كېلىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ: - كىمنى ئىزدەيسىلەر؟ - دەپ سورىدى. 5 - ناسىرەلىك ئەيسانى، - دەپ جاۋاب بېرىشتى ئۇلار. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - مانا مەن شۇ، - دېدى. ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدامۇ ئۇلارنىڭ قاتارىدا تۇراتتى. 6 ھەزرىتى ئەيسا: «مانا مەن شۇ» دېيىشىگىلا، ئۇلار ئارقىلىرىغا يېنىپ يەرگە يىقىلىشتى. 7 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن يەنە بىر قېتىم: - كىمنى ئىزدەيسىلەر؟ - دەپ سورىدى. - ناسىرەلىك ئەيسانى، - دېيىشتى ئۇلار. 8 - سىلەرگە ئېيتتىمغۇ، مانا مەن شۇ. ئەگەر مېنىلا ئىزدىگەن بولساڭلار، بۇلارنى تۇتماڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. 9 بۇنىڭ بىلەن، ئۆزىنىڭ: «ئاتا، سەن ماڭا بەرگەنلەردىن ھېچقايسىسىنى يوقاتمىدىم» دېگەن سۆزى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلاندى. 10 سىمۇن پېترۇس يېنىدىكى قىلىچنى قولىغا ئېلىپ، باش روھانىينىڭ مالكۇس ئىسىملىك چاكىرىغا ئۇردى. قىلىچ چاكارنىڭ ئوڭ قۇلىقىغا تېگىپ، ئۇنى شىلىپ چۈشۈرۈۋەتتى. 11 ھەزرىتى ئەيسا پېترۇسقا: - قىلىچنى غىلىپىڭغا سال! مېنى ئاتام ئەمر قىلغان بۇ ئازاب قەدىھىنى ئىچمەيدۇ دەمسەن؟ - دېدى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ھانناننىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىلىشى 12 شۇنىڭ بىلەن، لەشكەر توپى بىلەن قوماندانى ھەم يەھۇدىيلار ئەۋەتكەن ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرى ھەزرىتى ئەيسانى تۇتۇپ باغلاشتى. 13 ئاندىن، ئۇنى ئالدى بىلەن شۇ يىلى باش روھانىي بولۇپ تۇرغان قاياپانىڭ قېيناتىسى ھانناننىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى. 14 بۇرۇن يەھۇدىي ئاقساقاللىرىغا: «پۈتۈن خەلقنىڭ ھالاك بولۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بىرلا ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ئەۋزەل» دېگەن كىشى دەل شۇ قاياپا ئىدى. پېترۇسنىڭ ھەزرىتى ئەيسادىن تېنىشى 15 سىمۇن پېترۇس بىلەن يەنە بىر شاگىرت ھەزرىتى ئەيسانىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭغانىدى. ئۇ شاگىرت باش روھانىينىڭ تونۇشى بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەزرىتى ئەيسا بىلەن باش روھانىينىڭ ھويلىسىغا كىرەلىدى. 16 سىمۇن پېترۇس بولسا تاشقىرىدا، دەرۋازىنىڭ يېنىدا قالدى. شۇڭا، باش روھانىينىڭ تونۇشى بولغان شاگىرت تاشقىرىغا چىقىپ، دەرۋازىۋەن قىز بىلەن سۆزلىشىپ، پېترۇسنى ئىچكىرىگە باشلاپ كىردى. 17 دەرۋازىۋەن قىز پېترۇستىن: - سىزمۇ ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىدىن ئەمەسمۇ؟ - دەپ سورىدى. - ياق، مەن ئەمەس، - دېدى پېترۇس. 18 ھاۋا سوغۇق بولغانلىقى ئۈچۈن، باش روھانىينىڭ چاكارلىرى ۋە ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرى ياغاچ كۆمۈردىن يېقىلغان گۈلخاننىڭ چۆرىسىدە ئىسسىنىپ تۇرۇشاتتى. پېترۇسمۇ ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئوتقا قاقلاندى. باش روھانىينىڭ ھەزرىتى ئەيسانى سوراق قىلىشى 19 باش روھانىي ھەزرىتى ئەيسادىن شاگىرتلىرىنى ۋە ئۇنىڭ تەلىم بېرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك سوئاللارنى سورىدى. 20 ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: - مەن سۆزلىرىمنى ھەممە ئادەملەرگە ئاشكارا سۆزلىدىم، يەھۇدىيلار يىغىلىدىغان يەرلىك ئىبادەتخانىلاردا ۋە مەركىزىي ئىبادەتخانىدا دائىم تەلىم بەردىم. ھېچقانداق مەخپىي سۆز قىلمىدىم. 21 بۇلارنى نېمىشقا مەندىن سورايسىز؟ سۆزلىرىمنى ئاڭلىغانلاردىن سوراڭ، ئۇلار نېمە دېگەنلىكىمنى بىلىدۇ. 22 ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندا، يېنىدا تۇرغان ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىدىن بىرى ئۇنى بىر كاچات ئۇرۇپ: - باش روھانىيغا مۇشۇنداق جاۋاب قايتۇرامسەن؟ - دېدى. 23 - ئەگەر خاتا گەپ قىلغان بولسام، بۇنى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا كۆرسەت. ئەمما، ئېيتقانلىرىم توغرا تۇرسا، مېنى نېمە ئۈچۈن ئۇرىسەن؟ - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا. 24 بۇنىڭ بىلەن، ھاننان ئۇنى باغلاقلىق پېتى باش روھانىي قاياپاغا يوللىدى. پېترۇسنىڭ ھەزرىتى ئەيسادىن قايتا-قايتا تېنىشى 25 سىمۇن پېترۇس ئوتنىڭ ئالدىدا ئىسسىنىپ تۇرۇۋاتقاندا، باشقىلار: - سەنمۇ ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىدىن ئەمەسمۇ؟ - دېيىشتى. - ياق، مەن ئەمەس، - دەپ تاندى پېترۇس. 26 ئۇ يەردە باش روھانىينىڭ چاكارلىرىدىن بىرى، يەنى پېترۇس قۇلىقىنى چېپىپ تاشلىغان ئادەمنىڭ تۇغقىنىمۇ بار ئىدى. ئۇ پېترۇسقا: - باغچىدە سېنى ئەيسا بىلەن بىللە كۆردۈمغۇ! - دېدى. 27 پېترۇس يەنە تاندى. دەل شۇ چاغدا، خوراز چىللىدى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ۋالىي پىلاتۇس ئالدىدا سوراق قىلىنىشى 28 تاڭ يورۇغاندا، ھەزرىتى ئەيسا قاياپانىڭ يېنىدىن رىملىق ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئوردىسىغا ئېلىپ كېلىندى. ئۇنى ئېلىپ كەلگەن يەھۇدىي ئاقساقاللىرى بولسا ئۆزىمىزنىڭ ئېتىقادىنى بۇلغىۋالمايلى دەپ، ئوردىغا كىرمەي، سىرتتا ساقلاپ تۇراتتى. بولمىسا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ داستىخىنىغا جەم بولالمايتتى. 29 شۇڭا، ۋالىي پىلاتۇس تاشقىرىغا چىقىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ: - بۇ ئادەمنىڭ ئۈستىدىن نېمە ئىش توغرۇلۇق ئەرز قىلىسىلەر؟ - دەپ سورىدى. 30 ئۇلار: - بۇ ئادەم يامان ئىش قىلمىغان بولسا، ئۇنى سىزگە تاپشۇرمىغان بولاتتۇق، - دەپ جاۋاب بېرىشتى. 31 - ئۇنى ئۆزۈڭلار ئېلىپ كېتىپ، ئۆز قانۇنۇڭلار بويىچە سوراڭلار، - دېدى ۋالىي پىلاتۇس ئۇلارغا. ئۇلار: - بىزنىڭ ئۆلۈم جازاسى بېرىش ھوقۇقىمىز يوق تۇرسا، - دېيىشتى. 32 ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىنىڭ قانداق ئۆلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئالدىن ئېيتقىنىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن، بۇ ئىشلار يۈز بەردى. 33 ۋالىي پىلاتۇس يەنە ئوردىسىغا كىرىپ، ھەزرىتى ئەيسانى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن: - سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇ؟ - دەپ سورىدى. 34 ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - بۇ سوئالنى ئۆزىڭىز قويۇۋاتامسىز ياكى باشقىلار مەن توغرۇلۇق سىزگە شۇنداق ئېيتقانمۇ؟ - دېدى. 35 - مەن يا يەھۇدىي بولمىسام مۇنداق سوئاللارنى سورايدىغان! سېنى ماڭا تاپشۇرغانلار ئۆز خەلقىڭ ۋە ئالىي روھانىيلارغۇ! نېمە جىنايەت ئۆتكۈزگەنىدىڭ؟ - دېدى ۋالىي پىلاتۇس. 36 - مېنىڭ پادىشاھلىقىم بۇ دۇنياغا مەنسۇپ ئەمەس. ئەگەر مەنسۇپ بولسىدى، شاگىرتلىرىم مېنىڭ يەھۇدىيلارغا تاپشۇرۇلماسلىقىم ئۈچۈن جەڭ قىلغان بولاتتى. ھالبۇكى، مېنىڭ پادىشاھلىقىم بۇ دۇنيادىكى پادىشاھلىققا ئوخشىمايدۇ، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. 37 - دېمەك سەن بىر پادىشاھ، شۇنداقمۇ؟ - دېدى ۋالىي پىلاتۇس. - ئېيتقىنىڭىزدەك، مەن پادىشاھ، مەن ھەقىقەتكە گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن دۇنياغا كەلدىم، ھەقىقەتتە تۇرىدىغان كىشىلەر مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلايدۇ، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. 38 ۋالىي پىلاتۇس ئۇنىڭدىن: - «ھەقىقەت» دېگەن نېمە؟ - دەپ سورىدى. ۋالىي پىلاتۇس بۇنداق دەپ سورىغاندىن كېيىن، يەنە تاشقىرىغا چىقىپ يەھۇدىيلارغا: - مەن ئۇنىڭدىن ھېچقانداق جىنايەت تاپالمىدىم. 39 لېكىن، سىلەرنىڭ ھەر يىلى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا يەھۇدىي مەھبۇسلاردىن بىرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ئادىتىڭلار بار. شۇڭا، ئەگەر خالىساڭلار، بۇ «يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى»~نى قويۇپ بېرەي؟ - دېدى. 40 ئۇلار يەنە: - بۇ ئادەمنى ئەمەس، بارابباسنى قويۇپ بېرىڭ! - دەپ چۇقان سېلىشتى. (بارابباس بىر قاراقچى ئىدى.) |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti