يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا دۇئا قىلىشى 1 ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، كۆزلىرىنى ئەرشكە تىكىپ مۇنداق دۇئا قىلدى: - ئى ئاتا، مېنىڭ ۋاقىت-سائىتىم يېتىپ كەلدى. سەن ئوغلۇڭنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئايان قىلغىن. بۇنىڭ بىلەن ئوغلۇڭمۇ ئۇلۇغلۇقۇڭنى ئايان قىلسۇن. 2 چۈنكى، سەن ئۇنىڭغا پۈتكۈل ئىنسانىيەتتىن ئۈستۈن ھوقۇق ئاتا قىلدىڭ. بۇنىڭ بىلەن، ئۇ سەن ئۇنىڭغا بەرگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسىگە مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلسۇن. 3 مەڭگۈلۈك ھايات بولسا ھەقىقىي بىردىنبىر خۇدا - سېنى ۋە سەن ئەۋەتكەن ئەيسا مەسىھنى تونۇشتۇر. 4 مەن سەن ماڭا بۇيرۇغان ھەممە ئىشلارنى ئورۇنداش بىلەن سېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇڭنى يەر يۈزىدە ئايان قىلدىم. 5 ئى ئاتا، سېنىڭ يېنىڭغا قايتقىنىمدا، دۇنيا ئاپىرىدە بولۇشتىن بۇرۇن بىز بەھرىمەن بولغان ئۇلۇغلۇقتىن مېنى قايتا بەھرىمەن قىلغايسەن. 6 سەن بۇ دۇنيادىن ماڭا تاللاپ بەرگەنلەرگە سېنى ئايان قىلدىم. ئۇلار سېنىڭكى ئىدى. ئۇلارنى ماڭا بەردىڭ، ئۇلار سېنىڭ سۆزۈڭگە ئەمەل قىلدى. 7 ئۇلار سەن ماڭا بەرگەن ھەممە نەرسىلەرنىڭ سېنىڭدىن كەلگەنلىكىنى ئەمدى بىلدى. 8 چۈنكى، سەن ماڭا قىلغان سۆزلەرنى ئۇلارغا يەتكۈزدۈم، ئۇلارمۇ قوبۇل قىلدى. سەندىن كەلگەنلىكىمنى ھەق دەپ بىلىپ يەتتى ھەمدە مېنى ئەۋەتكەنلىكىڭگىمۇ ئىشەندى. 9 بۇلارغا دۇئا قىلىمەن. بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرىگە ئەمەس، بەلكى سەن ماڭا بەرگەن ئادەملەرگە دۇئا قىلىمەن. چۈنكى ئۇلار سېنىڭكىدۇر. 10 مېنىڭكى سېنىڭكىدۇر. سېنىڭكى بولسا مېنىڭكىدۇر. مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇم ئۇلار ئارقىلىق ئايان بولدى. 11 مەن ئەمدى ئايرىلىش ئالدىدا تۇرىمەن. ئۇلارنى بۇ دۇنيادا قالدۇرۇپ، سېنىڭ يېنىڭغا كېتىۋاتىمەن. ئى مۇقەددەس ئاتا، ئۇلارنىڭ ساڭا بولغان سادىقلىقىنى ساقلىغىن. بىز ئىككىمىز بىر بولغاندەك، ئۇلارمۇ بىر بولسۇن. 12 مەن ئۇلار بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمدا، ئۇلارنىڭ ساڭا بولغان سادىقلىقىنى ساقلىدىم ھەم قوغدىدىم. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھالاكەت يولىغا ماڭغان كىشىدىن باشقا بىرىمۇ يوقالمىدى. مۇقەددەس يازمىلاردىكى ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان كىشى توغرۇلۇق ئېيتىلغانلارنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن، مۇشۇنداق بولدى. 13 مانا ئەمدى سېنىڭ يېنىڭغا كېتىمەن. ئۇلارنىڭ قەلبىدە مېنىڭ خۇشاللىقىم تولۇپ تاشسۇن دەپ، بۇ سۆزلەرنى دۇنيادىكى ۋاقتىمدا سۆزلىدىم، 14 سۆزلىرىڭنى يەتكۈزدۈم. بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى ئۇلاردىن نەپرەتلەندى، چۈنكى مەن بۇ دۇنياغا مەنسۇپ بولمىغىنىمدەك، ئۇلارمۇ بۇ دۇنياغا مەنسۇپ ئەمەستۇر. 15 ئۇلارنى بۇ دۇنيادىن ئايرىۋەت دەپ ئەمەس، بەلكى شەيتاندىن ساقلا، دەپ تىلەيمەن. 16 مەن بۇ دۇنياغا مەنسۇپ بولمىغىنىمدەك، ئۇلارمۇ بۇ دۇنياغا مەنسۇپ ئەمەستۇر. 17 ئۇلارنى ھەقىقىتىڭ ئارقىلىق ئۆزۈڭگە ئاتىغۇزغايسەن، چۈنكى سېنىڭ سۆزلىرىڭ ھەقتۇر. 18 سەن مېنى دۇنياغا ئەۋەتكىنىڭدەك، مەنمۇ ئۇلارنى دۇنياغا ئەۋەتتىم. 19 ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنى ھەقىقىي ئاتىسۇن دەپ، ئۆزۈمنى ساڭا ئاتايمەن. 20 مەن ئۇلار ئۈچۈنلا ئەمەس، يەنە ئۇلارنىڭ يەتكۈزىدىغان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ماڭا ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىمەن. 21 ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر بولسۇن. ئى ئاتا، سەن مەندە، مەن سەندە بولغاندەك، ئۇلارمۇ بىزدە بولسۇن. شۇ ئارقىلىق، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى مېنى سېنىڭ ئەۋەتكەنلىكىڭگە ئىشەنسۇن، دەپ دۇئا قىلىمەن. 22 بىز ئىككىمىز بىر بولغاندەك، ئۇلارمۇ بىر بولسۇن دەپ، سەن ماڭا بەرگەن ئۇلۇغلۇقنى ئۇلارغا ئاتا قىلدىم. 23 مەن ئۇلاردا، سەن مەندە؛ بۇ ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇكەممەللىشىشى ئۈچۈندۇر. بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى شۇ ئارقىلىق مېنى ئەۋەتكەنلىكىڭنى ھەم مېنى سۆيگىنىڭدەك ماڭا ئېتىقاد قىلغانلارنىمۇ سۆيىدىغانلىقىڭنى بىلسۇن. 24 ئى ئاتا، سەن ماڭا بەرگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ مەن بىلەن بىر يەردە بولۇشىنى ھەم ئۇلارنىڭ ئۇلۇغلۇقۇمنى كۆرۈشىنى ئارزۇ قىلىمەن. بۇ، دۇنيا ئاپىرىدە بولۇشتىن بۇرۇن، مېنى سۆيگەنلىكىڭ ئۈچۈن ماڭا بەرگەن ئۇلۇغلۇقتۇر. 25 ئى ئادىل ئاتا، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى سېنى تونۇمايدۇ، ئەمما مەن سېنى تونۇيمەن. شاگىرتلىرىممۇ مېنى سېنىڭ ئەۋەتكەنلىكىڭنى بىلىدۇ. 26 مەن سېنى ئۇلارغا ئايان قىلدىم، يەنە داۋاملىق ئايان قىلىمەن. بۇنىڭ بىلەن، ماڭا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭ ئۇلاردا بولسۇن، ھەم مەنمۇ ئۇلاردا بولاي. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti